ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  مەدەنىيەت  »  مىللەتلەر مەدەنىيتى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مىللەتلەر مەدەنىيتى
ئىسراپ قىلىش-مەدەنىيەتسىزلىك
ۋاقتى : 2013-03-07 15:52:14  مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى  يوللىغۇچى : مەقسەت

 

 ئەكبەر ئىسمائىل

    ‹‹ھەر يىلى دۇنيا بويىچە زىيانغا ئۇچراۋاتقان ياكى ئىسراپ قىلىنىۋاتقان ئاشلىق تەخمىنەن ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. سانائەتلەشكەن دۆلەتلەردە يىلىغا 220 مىليون توننا ئاشلىق ئىسراپ بولىدۇ، بۇ، سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلىغا باراۋەر بولۇپ، دۇنيادىكى ئاچارچىلىقتا قالغان 870 مىليون كىشىنىڭ بىر يىل يېيىشىگە يېتىدۇ. تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ھەر يىلى ئىستېمال باسقۇچىدا ئىسراپ بولىدىغان دانلىق زىرائەت دانلىق زىرائەت ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ %40 ىدىن %50 ىگىچە توغرا كېلىدۇ››.

    دۇنيا نوپۇسى 7 مىلياردتىن ئاشقان بۈگۈنكى كۈندە، ئاشلىق مەسىلىسى دۇنيا بويىچە ھەل قىلىش زۆرۈر تېما بولۇپ قالدى. ئېلىمىز، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاشلىق ھوسۇلى ئۇدا ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، نوپۇس ۋە تېرىلغۇ يەر ئەھۋالى نۇقتىسىدىن ئويلاشقاندا، بىر تال داننىمۇ قەدىرلىمەي بولمايدۇ. گەرچە ھازىر تۇرمۇشىمىز ياخشىلانغان بولسىمۇ، ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كەلگۈسىنى نەزەرگە ئېلىشىمىز كېرەك. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدىكى ئاچارچىلىق ھېلىھەم خېلى كۆپ كىشىنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك. ئەينى چاغدا ئۆينىڭ مورىسىدىن ئىس چىقارماق ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ تەس ئىكەن. بوۋام دېمەتلىكلەر شۇ كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەچكە، كىچىك چېغىمدا بوۋامنىڭ ئۈستەلگە چۈشۈپ كەتكەن نان ئۇۋاقلىرىنى پاكىز تېرىپ، كاپ ئېتىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم. ياز كۈنلىرى ئىسسىقتا چىۋىن قايناپ كېتەتتى، بۇنداق چاغلاردا ئېچىرقاپ كەتكەن چىۋىنلەرنىڭ تاماق قاچىمىزغا چۈشۈپ قېلىشىدىن خالىي بولالمايتتۇق، بۇ بىزدەك شەھەردىن كەلگەن نەۋرىلەر ئۈچۈن تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىدى. بىراق، بوۋام ‹‹ئوڭ قانىتى بىلەن چۈشۈپتۇ، تامىقىڭنى يەۋەر›› دەپ قاچىمىزدىكى قىزىق تاماققا چۈشۈۋېلىپ جان تالىشىۋاتقان چىۋىننى چوكىسى بىلەن ئېلىۋىتەتتى – دە، ‹‹ھە، ھە›› دەپ زورلىغىنىچە تاماقنى پاكىز يېگۈزۈۋېتەتتى. ئۇ چاغلاردا بوۋامنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەي، چىۋىن چۈشكەن تاماقنى يېگىنىمىزگە بىئارام بولاتتۇق. كېيىن سەل ئەقلىمىزنى تاپقاندا ‹‹بوۋام دېھقان بولغاچقا، ئاشلىقنى قەدىرلىگەن ئوخشايدۇ›› دەپ ئويلايدىغان بولدۇق، ھازىر ئويلىسام، بوۋام ۋە دەۋرداشلىرىنىڭ ھەممىسى شۇنداقكەن، ئۇلار ئۆزلىرى دېھقان بولغانلىقى سەۋەبلىكلا ئەمەس، بەلكى ئاشلىقنىڭ گېزى كەلگەندە ئالتۇندىن قەدىرلىك بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلگەچكە شۇنداق قىلغانىكەن.

    بوۋاملارنىڭ ئۆيىدە تاماقنىڭ ئېشىپ قېلىپ تۆكۈلىدىغانلىقى ئېسىمدە يوق، لېكىن ھازىر ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بەزى قوشنىلار دېرىزىدىن پەسكە تاشلاپ بالكونىمىزدىكى تۆمۈر رېشاتكىغا ئىلىنىپ قالىدىغان ئەخلەتلەر ئارىسىدا يەپ بولالماي ئېشىپ قالغان نان، ھورنان، چۆپ، مېۋە – چىۋە دېگەندەك يېمەكلىكلەرنىڭ بارلىقىنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمەن. ھازىر كىشىلەر يېمەكلىكلەرنى تاشلاشنى بۇرۇنقىدەك ئېغىر ئالمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇمۇ ئەتراپىمىزدىلا يۈز بېرىۋاتقان ئىش ئەمەس، ئەلۋەتتە. ياۋروپا ئىتتىپاقى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردە يىلىغا تۆكۈۋېتىلىدىغان يېمەكلىك ۋە يېمەكلىك ئەخلىتى 140 مىليون توننىغا يېتىدىكەن، بۇ تەخمىنەن ھەر كىشى يىلىغا 300 كىلوگىرام يېمەكلىك ۋە يېمەكلىك ئەخلىتىنى تۆكۈۋەتكەنگە تەڭ كېلىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، تۆكۈۋېتىلىدىغان بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدىكەن. بۇنداق ئىسراپچىلىق داۋاملىشىۋەرسە، 2020 – يىلىغا بارغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تۆكۈۋېتىدىغان يېمەكلىك ۋە يېمەكلىك ئەخلىتى ھازىرقىدىن %40 كۆپىيىدىكەن.

    چاغاندا قارامايدا ئىشلەيدىغان بىر ئاغىنەم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلگەنىدى، ئۇلار بىلەن بىر ۋاق تاماقنى بىللە يەيمىز دەپ ئۈرۈمچىدىكى بىر تاماقخانىغا كىردۇق. تاماقخانا تولىمۇ ھەشەم بېزەلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇلازىمىتىمۇ ئەلا بولغاچقا، غىزاغا كىرىدىغانلار كۆپ ئىدى. بىز تاماق بۇيرۇتىدىغان چاغدا مۇلازىمدىن قورۇمىلارنىڭ چوڭ – كىچىكى بار – يوقلۇقىنى سورىساق، ئۇ بىرلا خىل ئۆلچەمدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بىز ئىككى قورۇما، ئىككى تاماق بۇيرۇتتۇق، تاماقنىڭ ھەممىسى چوڭ تەخسىلىك بولغاچقا، قورسىقىمىز ئېسىلىپ قالغۇچە يېسەكمۇ، ئېشىپ قالدى.

    ئىلگىرى ئاشخانىلاردا تاماق ‹‹يېرىم››، ‹‹پۈتۈن›› دەپ ئايرىلاتتى، جەنۇبىي شىنجاڭدا ھەتتا ‹‹چارەك›› تاماق بار ئىدى. ھازىر ‹‹چارەك›› تاماق ساتىدىغان ئاشخانىلار بارغانسېرى ئازىيىۋېتىپتۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆپىنچە ئاشخانىلارنىڭ ئاشلىق تېجەش جەھەتتە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

    يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى تاماقخانىلاردىكى ئايرىمخانىلارغا ئەڭ تۆۋەن ئىستېمال ئۆلچىمى بېكىتىشنى چەكلىدى، بۇ خەۋەردىن كېيىن بەزى تاماقخانا خوجايىنلىرىنىڭ نارازى بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم، ئەمەلىيەتتە، بۇ، تاماقخانىلارنىڭ ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى يادىغا ئېلىۋېلىشىغا پايدىلىق. بۇ بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنسا، ئايرىمخانىدا غىزالانغانلار ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمگە يەتكۈزىمەن دەپ تاماقنى زىيادە بۇيرۇتۇۋېلىشتىن غەم يېمىسىمۇ بولىدۇ، شۇڭا بۇنى ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە يولغا قويۇش زۆرۈر.

    ئاشلىق ئىسراپچىلىقىنى تۈگىتىش ھازىر ئېغىزدىن چۈشمەيدىغان، ئەمەلىيەتتە چىڭ تۇتۇلمايدىغان ئىش بولۇپ قالدى. بۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم ئاشلىق ئىسراپچىلىقىنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىمىز، ئەۋلادلىرىمىزغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلمىغانلىقىمىزدا بولسا كېرەك. ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ھەر يىلى دۇنيا بويىچە 1 مىليارد 300 مىليون توننا ئاشلىق ئىسراپ بولىدىكەن، بۇ سان ھېسابلىغىلى بولىدىغان سان. ئەمما، ئاشلىق ئىسراپچىلىقىنىڭ زېمىن، سۇ، ئوغۇت ۋە ئەمگەك كۈچىگە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى، شۇنداقلا ئەخلەتخانىغا تاشلىۋېتىلگەن يېمەكلىكنىڭ چىرىشى ۋە ئۇلارنى توشۇش جەريانىدا پەيدا بولۇۋاتقان پارنىك گازىنىڭ ئاتموسفېراغا بولغان تەسىرىنى ھېسابلاش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. نوپۇس تېز كۆپىيىۋاتقان ئەھۋالدا ئاشلىق ئىسراپچىلىقى مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، كىشىلەر ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن باقمىچىلىقنى يايلاق ۋە سۇ بايلىقىنىڭ بەرداشلىق بېرىش چېكىدىن ئاشۇرۇش، ھوسۇلنى خىمىيەۋى ئوغۇتقا تايىنىپ كۆپەيتىشتەك ۋاسىتىلەر بىلەن زېمىندىن تېخىمۇ كۆپ يېمەكلىككە ئېرىشىشكە تىرىشىدۇ، نەتىجىدە ئىلمىي بولمىغان ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتنىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ، پارنىك گازىنىڭ كۆپلەپ قويۇپ بېرىلىشى بىلەن ئاتموسفېرا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ تەھدىتى كۈچىيىدۇ، ھاۋا بارا – بارا ئىسسىپ كېتىدۇ، يەر شارى ئېكولوگىيەسىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى ھەقىقەتەن چەكلىك، بۇ چەك بۇزۇلسا، ئېكولوگىيەنى تۈزەش ئۈچۈن تۆلىنىدىغان بەدەل ئېرىشكەن نەرسىدىن كۆپ بولىدۇ.