ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  مەدەنىيەت  »  شىنجاڭ مەدەنىيىتى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
شىنجاڭ مەدەنىيىتى
شىنجاڭدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز، كۆلىمى ئەڭ چوڭ كۆل — سايرام كۆلى
ۋاقتى : 2011-10-09 17:05:43  مەنبەسى : يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى  يوللىغۇچى : رەشىدە ھەبىبۇللا

شىنجاڭدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز، كۆلىمى ئەڭ چوڭ كۆل — سايرام كۆلى

 

     شىنجاڭدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئېگىز تاغ كۆلى — سايرام كۆلى بولۇپ ، بورتالا شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 90 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان ، تيانشان تېغىنىڭ غەربىي بۆلىكىدىكى ئېگىز تاغ ئويمانلىقىدا . كۆل يۈزىنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 30 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 25 كىلومېتىر ، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 90 كىلومېتىر بولۇپ ، ئېللىپىس شەكلىدە . ئەڭ چوڭقۇر يېرى 92 كىلومېتىر ، كۆل رايونىنىڭ كۆلىمى 458 كىۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2073 مېتىر بولۇپ ، ساقلانغان ئومۇمىي سۇ مىقدارى 21 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. سايرام كۆلى موڭغۇل تىلىدا ‹‹سايرامجور›› دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ، ‹‹تاغ ئومۇرتقىسىدىكى كۆل›› دېگەن مەنىدە . سايرام كۆلىنىڭ سۇ يۈزى كەڭ ۋە تۈز ، سۈيى زۇمرەتتەك سۈزۈك ، تۆت ئەتراپىدىكى تاغ چوققىلىرى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولۇپ ، ئەتراپى ئوت–چۆپلەر بىلەن تولغان . بۇ جايدا ئۇزاقتىن بېرى كۆل غەلىتە مەخلۇقى ، كۆل مەركىزىدىكى ھاۋا تۇنېلى ، قاينام ۋە سۇ ئاستى ماگنىت مەيدانى قاتارلىق رىۋايەتلەر تارقىلىپ كەلمەكتە . بۇ جايدا يەنە دۆلەت دەرىجىلىك تەبرىكلەش پائالىيىتى — سايرام كۆلى نادام چوڭ يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ . سايرام كۆلىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل بولۇپ ، شىنجاڭنىڭ شەرق–غەرب قاتناش چوڭ تومۇرىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ ، ئۈرۈمچى–غۇلجا تاشيولى كۆلنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىنى بويلاپ يىلاندەك سوزۇلۇپ ياتىدۇ . سايرام كۆلى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم ساياھەت مەنزىرىگاھلىرىنىڭ بىرى