ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  مەدەنىيەت  »  شىنجاڭ مەدەنىيىتى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
شىنجاڭ مەدەنىيىتى
كۈرەش مەخسۇت مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى نېفىت–خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى
ۋاقتى : 2011-11-20 11:31:31  مەنبەسى : يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى  يوللىغۇچى : رەشىدە ھەبىبۇللا

    پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كارخانىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، يەرلىكتىكىلەرگە بەخت يارىتىش كېرەك

    جۇڭ شيۇلىڭ خەۋىرى : ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت 16 – نويابىر مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى بەش نېفىت – خىمىيە سانائىتى كارخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

    جۇڭگو نېفىت – خىمىيە غەربىي قىسىم تۇرۇبا شىركىتى، جۇڭگو نېفىت – خىمىيە غەربىي قىسىم بۇرغىلاش – چارلاش قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى، ‹‹كوئېنلۇن›› بانكىسى، ئۈرۈمچى نېفىت – خىمىيە شىركىتى، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز تىرانسپورت شىركىتى قاتارلىق بەش كارخانىنىڭ مەسئۇللىرى كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئېيىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ھەم كېيىنكى باسقۇچلۇق تەرەققىيات پىلانى ۋە نىشانلىرىنى دوكلات قىلدى.

    كۈرەش مەخسۇت دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى : نېفىت، نېفىت – خىمىيە شىنجاڭنىڭ تۈۋرۈك كەسپى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

    ‹‹12 – بەش يىل›› شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم مەزگىل، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى نېفىت – خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرى بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ‹‹تىرىشسىلا ئۆزگىرىش بولىدۇ، تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ›› دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، كارخانىنى زورايتىپ ۋە قۇدرەت تاپقۇزۇپ، يەرلىكنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشىنى ئاكتىپ قوللاپ، ئورتاق مەنپەئەتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى نېفىت – خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئاۋالقىدەكلا قوللايدۇ.

 

 

-----------تەڭرىتاغ تورىدىن ئېلىندى----------