ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  مەدەنىيەت  »  شىنجاڭ مەدەنىيىتى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
شىنجاڭ مەدەنىيىتى
ئىتتىپاقلىق ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى
ۋاقتى : 2013-09-07 18:48:22  مەنبەسى : ئىتتىپاق كومىتېتى  يوللىغۇچى : مەقسەت

ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللىتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يىتەكچى قىلىپ، تېخىمۇ ئىناق باي گۈزەل شىنجاڭ قۇرايلى

 

ئىلھام ئاتاۋۇللا

(شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى)

 

بۈگۈنكى دۇنيادا تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، تەرەققىيات، رەھىمدىللىك پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاساسى ئېقىمىغا ئايلاندى. تىنچ  بولغان بەختلىك تۇرمۇش پۈتكۈل  ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئايلاندى. زوراۋان-تىرورچىلارغا دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە بوش ئورۇن يوق، ئۇلار پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

 تىنچلىق، مۇقىملىق بولمىغاندا تەرەققىيات بولمايدۇ. تەرەققىياتمۇ مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىتتىپاقلىق بەخت، بۆلگۈنچىلىك ئاپەت. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق جان تومۇرى. زوراۋان-تىرورچىلار بىر مىللەتا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، مىللەتنىڭ داشقاللىرى. مۇقىملىق ھەممىدىن ئەلا، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ. ئىتتىپاقلىق غەلىبە دېمەكتۇر. زوراۋانلىق-تىرورلىق ھەركەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش خەلققە ھۆرمەت قىلغانلىق، قانۇنغا ھۆرمەت قىلغانلىق. زوراۋانلىق، تىرورلىق قىلمىشى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققى قىلىش ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۈز قىلىدۇ. ئۇ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. ئىجتىمائىي تەرتىپنى بۇزىدۇ. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    يېقىندا ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا يۈز بەرگەن بىر قاتار زوراۋانلىق، تىرورلۇق ۋەقەلىرى قاتتىق غەزىپىمنى قوزغىدى ۋە قاتتىق چۆچۈتتى. دۆلەت مەنپەتى ھەممىدىن ئەلا. يۇرت-ۋەتەننى سۆيۈش ھەر بىر ئىنساننىڭ مۇقەددەس بۇرچى، يۇرت-ۋەتەننى سۈيۈش ئانىنى سۆيگەنلىك بىلەن باراۋەر. دۆلەتكە-ۋەتەنگە سادىق بولۇش ھەر بىر پۇقرانىڭ ئەقەللىي مەجبۇرىيىتى. ۋەتىنى يوقنىڭ جېنى يوق. بىزنىڭ ۋەتىنىمىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى. شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. بۇ تارىخى پاكىت، تارىخنى بۇرمىلاش ئاسىيلىق. جۇڭگودىكى 56 مىللەتنىڭ ھەر بىر پۇقراسى دۆلەتنىڭ خوجايىنى.

   بىز مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى زەربىدارلاردىن بولۇشىمىز لازىم.

  بۈگۈنكى كۈندە بىز دۈچ كىلىۋاتقان خەلقئارالىق ۋەزىيەت ئىنتايىن مۇرەككەپ. مەسىلىلەرمۇ ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. بۇنىڭ تەسىرىدە ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى تەسىرگە ئۇچراپ، ھەر ۋاقىت سەگەك بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا. دۆلەت ئىچى ۋە چىگرا سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» دۆلەتنى پارچىلاش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەركىتىنى ئازراقمۇ توختاتقىنى يوق. 1912-يىلدىن بۇيانقى 100 يىللىق تارىخ بۇ نۇقتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. ئەمما، زوراۋان-تىرورچىلارنىڭ رەزىل نىيىتى پەقەتلا بىر چۈش، مەڭگۇ رىئاللىققا ئايلانمايدۇ.

   ئىتتىپاقلىق كۈچ. تىيانشان قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش، ھەر مىللەت خەلقى قېرىنداش. بىز ھەر مىللەت شىنجاڭ خەلقى  قول تۇتۇشۇپ ئىتتىپاقلىشىپ، زوراۋان-تىرورچىلارنىڭ قەبىھ ھەركىتىگە ئورتاق زەربە بەرسەك، چوقۇم تىنىچ، بەختلىك، تەرەققى قىلغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقالايمىز!

   مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، زامانىۋى ئىلغار مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، پەن-مائارىپ ئارقىلىق دۇنيادا پۇت تىرەپ تۇرالايمىز. بىگۇناھ خەلقنى ئۆلتۈرۈپ، ئوت قۇيۇپ، ئۇرۇپ چېقىپ، تۇخۇمنى تاشقا ئۇرۇپ باتۇر بولالمايمىز. 

  ھەر مىللەت شىنجاڭ خەلقى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ۋە «جۇڭگو ئارزۇسى»نى روياپقا چىقىرىش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل ئەتىسى ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم. يېقىنقى زاماندىكى 170 نەچچە يىللىق تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى. پەقەت سوتسىيالىزىملا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ. پەقەت سوتسىيالىزىملا جۇڭگونىڭ كەمبەغەل-ئاجىز بولۇشتەك ئېچىنىشلىق تەغدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزىملا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۇلۇغ گۈللىنىش يولىغا باشلىيالايدۇ. پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم بايرىقىنى ئىگىز كۆتەرگەندىلا «قوش يۈز يىللىق» كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت «جۇڭگو ئارزۇسى»نى روياپقا چىقارغىلى بولىدۇ.

       باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدەك ‹جۇڭگو ئارزۇسى›نى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى، مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى، خەلقنىڭ بەختىيارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.» دېگەن بۇ سۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى كونكىرت ئىپادىسى- گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتىن ئىبارەت. گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش شىنجاڭنىڭ ئارزۇسى. ھالقىپ ئالدىنقىلاردىن ئېشىپ كېتىش ئارزۇسى. ئەبەدىي ئەمىنلىك ئارزۇسى. شۇنداقلا بىر دۆلەت خەلقىنىڭ بېيىش بەختىيارلىق ئارزۇسى.

  مەركەز ئەزەلدىن شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىپ كەلدى. شىنجاڭ بىر گۆھەر زىمىن. شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەۋقۇلاددە ئىستىراگىدىيىلىك توساق ۋە سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىلگەن مۇھىم ئىشىك، غەربىي رايۇنلارنى كەڭ-كۆلەمدە ئېچىشتىكى نۇقتىلىق رايۇن ۋە ئېلىمىزنىڭ ئىستىراگىدىيەلىك مۇھىم ئېنىرگىيە بازىسى ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇشىمىز لازىم. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات ۋە مۇقىم تەرەققى قىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. گۈزەل ئىناق باي شىنجاڭ قۇرۇش «جۇڭگو ئارزۇسى»نى روياپقا چىقىرىشتىكى مۇستەھكەم تىرەك.

  مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كىيىن شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا ئىلگىرى كۈرۈلۈپ باقمىغان تەرەققىياتلار، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇپ-شىمالىدا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان يېڭى تارىخى خارەكتېرلىق ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، ئىقتىسادى جەھەتتە ھالقىش، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەرنىڭ بۇيۇك ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىش، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنى مۇقىم ھالدا ياخشى تەرەپكە يۈزلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىز تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى. ئاپتونۇم رايۇنىمىز ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

 GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتى 2009-يىلدىكى مەملىكەت بويىچە 30-ئورۇندىن 2012-يىلغا كەلگەندە مەملىكەت بويىچە 10-ئورۇنغا ئۆتتى. ئۈچ يىللىق ئەمەلىيەت مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى سىياسىتىنىڭ توغرىلىقىنى، شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان ئەمەلىيەتتە  يېڭىلىق يارىتىش، نەزىرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ پۈتۈنلەي مەركەزنىڭ روھىغا، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. شۇنداقلا بۇ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتى، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي ئىزدىنىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

    «ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۈيۈش، ئىتتىپاقلىشىپ تۆھپە قۇشۇش، ئېچىتىۋېتىش، ئىلگىرلەش»تىن ئىبارەت شىنجاڭ روھىنى جارى قىلىپ  ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئۈچ ئايرىلالماسلىق ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇپ، مىللى بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋان تىرورلۇققا ئەڭ ئالدىنقى سەپتە مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا قارشى تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشىمىز لازىم. شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى ئىلغار مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقى ئىناق ئۆتۈدىغان، بىر نىيەت –بىر مەقسەتتە بولىدىغان، ئىناق تەرەققى قىلىپ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق گۈللىنىدىغان ئىسىل كەيپىياتنى ئىلگىرى سۈرىشىمىز لازىم. ئىدىيەنى  ئازات قىلىپ «تىرىشساقلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز» دەيدىغان ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ دەۋىرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، تار چەكلىمىلىكنى بۇزۇپ، كونا ئادەت، قالاق كۆزقاراشلارنى ئۆزگەرتىپ، دادىل ئالغا ئىنتىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ كۈرەش  قىلىپ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلۇغ ۋەتەنپەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، ئىلغار زامانىۋى مەدەنىيەتنى يىتەكچى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت «جۇڭگو ئارزۇسى»نى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

 (ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەشۋىقات بۆلىمىدىن-ئىلھام ئاتاۋۇللا)