ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  مەدەنىيەت  »  شىنجاڭ مەدەنىيىتى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
شىنجاڭ مەدەنىيىتى
شىنجاڭ قان تەكشۈرۈش بىناسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
ۋاقتى : 2012-09-17 17:58:33  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : مەقسەت

           يېڭىدىن سېلىنغان شىنجاڭ قان تەكشۈرۈش بىناسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر قان تەقدىم قىلىش بىلىملىرىنى ئۇمۇملاشتۇرۇش بازىسىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى 13 -سېنتەبىر ئۈرۈمچى قان مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ شەھىرىمىزنىڭ خالىسانە قان تەقدىم قىلىش ۋە قان ئېلىش ئىشلىرىدا تۈرتكىلىك رول ئويناپلا قالماي، ساقلىنىدىغان زاپاس قاننىڭ مىقدارىمۇ ئەسلىدىكىدىن بەش ھەسسە كۆپىيىدۇ.

      ئۈرۈمچى شەھەرلىك قان مەركىزى قۇرۇلغان 50 يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى رايونىدىكى 120 داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ كىلىنىكىدا قان ئىشلىتىش ۋە شەھىرىمىزىدكى خالىسانە قان تەقدىم قىلىش ئىشلىرىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، شەھىرىمىز ھەمدە ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ داۋالاش، قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى زاپاس قان بىلەن تەمىنلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپ كەلدى. يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بۇ خىزمەت بىناسىغا دۆلىتىمىزدىكى ئىلغار سەۋىيەدىكى قان سۇيۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش، ئايرىش، ساقلاش قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئەسۋابلار كىرگۈۈزۈلگەن.

     ئىگىلىنىشچە، قان مەركىزىنىڭ يىلدا تەمىنلەيدىغان قان مىقدارى 18 مىليۇن مىللىلىتىرغا، كىلىنىكىدا ئىشلىتىلىدىغان قان سۇيۇقلۇقى تەركىبى 10 خىلغا، ئاز ئۇچرايدىغان قان تىپى 200 مىڭ مىللىلىتىرغا يېتىدىكەن. شىنجاڭ قان تەكشۈرۈش بىناسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئاپتونۇم رايونىمىز، جۈملىدىن شەھىرىمىزدىكى ياشلار-ئۆسمۈلەرگە قان تەقدىم قىلىش ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا سەھنە بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى