ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  مەدەنىيەت  »  شىنجاڭ مەدەنىيىتى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
شىنجاڭ مەدەنىيىتى
قەشقەرنىڭ رايۇن مەدەنىيىتى تەتقىقاتى
ۋاقتى : 2013-07-18 12:03:18  مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى  يوللىغۇچى : مەقسەت

          قەشقەرنىڭ رايون مەدەنىيەت تەتقىقاتى دۆلەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ فولكلور مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتشۇناسلىق نۇقتىلىق پەن تۈرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ‹‹قەشقەرنىڭ رايون مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى›› 13 – ئىيۇل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا بېيجىڭ، شاڭخەي، جېجياڭ، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكە – شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن كەلگەن 30 دىن كۆپرەك مۇتەخەسسىس، تەتقىقاتچى قاتناشتى.

   جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پىلان ئىشخانىسى 2010 – يىلى دېكابىر ‹‹قەشقەرنىڭ رايون مەدەنىيەت تەتقىقاتى››نى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا ئالاقىدار بەش تۈرنى تەستىقلىدى، بۇ جۇڭگو رايون مەدەنىيەت تەتقىقات تۈرىنىڭ دۆلەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالدى. قەشقەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈشىدە زور يۈكسىلىشكە ئېرىشىۋاتقان پەيتتە ئېچىلغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى قەشقەرنىڭ رايون مەدەنىيەت تەتقىقاتىنى تېزلىتىش، ئېلىمىز ئىچى – سىرتىدىكىلەرنىڭ قەشقەر ۋە قەشقەرنىڭ رايون مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەمدە قەشقەرنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۈچ كۈن ئېچىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ‹‹جۇڭگو رايون مەدەنىيىتى تەتقىقات نەزەرىيەسى ۋە ئۇسۇلى››، ‹‹قەشقەرنىڭ رايون مەدەنىيەت تارىخى››، ‹‹20 – ئەسىردىكى قەشقەر يېڭى مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى››، ‹‹قەشقەردىكى ئەل ئىچى رايون مەدەنىيەت تەتقىقاتى››، ‹‹قەشقەرنىڭ رايون مەدەنىيىتى ۋە دىن›› قاتارلىق توققۇز مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەندى.

   شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، فولكلور تەتقىقاتچىسى ئابدۇكېرەم رەھمان ئۇزاقتىن بۇيان قەشقەرنىڭ رايون مەدەنىيەت تەتقىقاتىنى ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا لېكىسيە سۆزلىگەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قەشقەرنى تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى، كارۋان يولىدىكى يېشىل مەرۋايىت، مەدەنىيەت ئوچۇقى، دەپ تەرىپلەپ كەلدۇق. بۇلار ئاساسسىز ئېيتىلغان سۆزلەر ئەمەس، قەشقەر بۇددىزىم دەۋرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەركىزى بولۇپ كەلگەن، قاراخانىلار دەۋرىدە قەشقەرنىڭ تەسىر دائىرىسى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىياغىچە كېڭەيگەن، ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭنى تەتقىق قىلغان مۇتەخەسسىس، ئالىملارمۇ ‹‹قەشقەر›› ياكى ‹‹قەشقەرىيە›› ئاتالغۇسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن شىنجاڭغا بولغان دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولغان. قەشقەرگە ئوخشاش مەدەنىيەت جەھەتتە خاسلىققا ئىگە رايوننىڭ مەدەنىيىتىنى ئىلمىي نۇقتىدا تەتقىق قىلىش ۋە يەكۈنلەش نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئېلىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رايون مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆپ مەبلەغ ئاجراتتى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىمۇ ‹‹قەشقەرنىڭ رايون مەدەنىيەت تەتقىقاتى›› تۈرىنى تەستىقلىدى، بۇ قەشقەرنىڭ رايون مەدەنىيەت تەتقىقاتىنىڭ دۆلەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى – سىرتىدىكى قەشقەرنىڭ رايون مەدەنىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇتەخەسسىس، تەتقىقاتچىلارغا پىكىرلىشىدىغان، تەجرىبە ئالماشتۇرىدىغان ياخشى پۇرسەت ھازىرلاپ بەردى.