ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق مۇھىتى
ساغلاملىق مۇھىتى
چوڭ بولغاندىن كېيىن بايقىغان بۇ تۆت ھەقىقەتنىڭ ھەممىسى راست
ۋاقتى : 2018-10-03 17:43:34  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

timg.jpg

ئادەم كىچىكىدە ھېس قىلىپ يېتەلمىگەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى چوڭ بولغانسېرى تونۇپ يېتىدىكەن. نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان جەبرى-جاپالارنى چېكىپ، خېلى ئۇزۇن مەزگىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئاندىن ئەينى ۋاقىتتا پەرۋا قىلمىغان نۇرغۇن قائىدىلەرنىڭ سىزگە تەسىر قىلغانلىقىنى بىلىپ يېتىدىكەنسىز.

چوڭ بولغاندا ئاندىن دوستنىڭ سانى ئەمەس، سۈپىتىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدىكەنسىز.  ياشلىقىڭىزدا دوست قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى، مەيلى قانداقلا ئادەم بولسۇن، دوست بولسىلا بولىدۇ دەپ ئويلايسىز. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. «ئالتۇن ئوتتا سىنىلار» دېگەن گەپ بار.  سىز تونۇيدىغان ئادەمدىن مىڭى بار بولسىمۇ، سىز جىددىي پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغاندا ئېغىز ئاچقان ھامان «مانا» دېيەلەيدىغان ئادەمدىن قانچىسى چىقىدۇ؟ نەچچە مىڭ دوستىڭىز بار بولسا، سىز بىرەر ئاۋارىچىلىققا يولۇققاندا «مانا مەن بار» دەپ مەيدىسىنى كېرىپ چىقالايدىغاندىن قانچىلىكى بار؟ ھاياتلىقتا كىشىنى ئەڭ ئازاپلايدىغان ئىش نېمە؟ سىز ياردەمگە موھتاج بولغاندا يېنىڭىزدا ياردەم قىلىدىغان ئادەمنىڭ بولماسلىقى.

 

ۋاقىت كىمنىڭ ھەقىقىي دوست ئىكەنلىكىنى ئايرىپ بېرەلەيدۇ، پۇل دوستىڭىزنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. ياردەمگە موھتاج بولغان ۋاقتىڭىزدا ئاندىن كىمنىڭ ھەقىقىي «دوست» دېگەن ئاتالغۇغا لايىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلەيسىز.  سۈپەتسىز ئىجتىمائىي ئالاقىدىن، سۈپەتلىك تەنھالىق مىڭ ئەۋزەل!

چوڭ بولغاندا ئاندىن يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىقنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىسىز.

كىچىكىڭىزدە يېگۈڭىز بار نەرسىنى يېيەلمىگەن ۋاقتىڭىزدا، ئىنتايىن ئازاپلىنىسىز، ۋاقىتنىڭ تېزرەك ئۆتۈپ، تېزرەك چوڭ بولۇشنى ئارزۇ قىلىسىز. `مەكتەپتە ئوقۇغاندا، ئۆگىنىش ئىنتايىن قىيىن بىلىنىدۇ، .ئىمتىھان ئۆتكىلى بولمايدىغان نەرسىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. جەمئىيەتكە ئەمدىلا قەدەم قويغاندا، خىزمەت تېپىش قىيىن، ئۆي ئىجارە ئېلىش قىيىن، خىزمەت بېسىمى ئېغىر بىلىنىدۇ، بۇ چاغدا تۇرمۇش نەقەدەر جاپالىق دەپ ئويلايسىز.

 

ھاياتلىقتا ھامان ئۆز ۋاقتىدا ئىنتايىن قىيىن، يەڭگىلى بولمايدىغاندەك بىلىنىدىغان ئىشلارغا يولۇقۇپ تۇرىسىز، ئەمما كېيىنچۇ؟ يەنىلا يېڭەلىدىڭىزغۇ؟

قىيىنچىلىق ھامان ئۆتۈپ كېتىدۇ، ھېچقانداق ئادەمنىڭ ئىشى ئەزەلدىن ئېقىن سۇدەك راۋان بولغان ئەمەس. كەيپىياتىڭىزنى توغرىلاپ، ھەر بىر كۈننى خۇشال ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىڭ. مەيلى يىغلاڭ ياكى قاقشاڭ، ھامان يۈزلىنىدىغان رېئاللىققا يۈزلەنمىسڭىز بولمايدۇ، شۇڭا تۇرمۇشنى يىغلاپ ئۆتكۈزگەندىن كۆرە، كۈلۈپ ئۆتكۈزگىنىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ؟! شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، ھەرقانداق قىيىنچىلىق ھامان ئۆتۈپ كېتىدۇ. دۇنيادا يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق.

چوڭ بولغاندا شۇنى ھېس قىلىسىزكى، ھەرقانداق ئىشنى چوقۇم ۋاقتىدا قىلىش كېرەك.

نۇرغۇن كىشىلەردە مۇنداق غەلىتە مىجەز بار، ياخشى نەرسىلەرنى ككسە ئاشۇرۇپ قويغۇسى، كېيىنگە قالدۇرۇپ قويغۇسى كېلىدۇ. ئىنتايىن تەملىك كەمپۈت يېسىڭىز، ئۇنى قويۇپ قويۇپ كېيىن يېمەكچى بولىسىز، ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ يېگىلى بولماس بولۇپ قالىدۇ.

ئۆي ئېلىش ئۈچۈن يەتكۈدەك پۇل يىغدىڭىز، ئەمما ئۆي ئېلىۋەتسىڭىز پۇلىڭىز قالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، پۇلنى ساقلاپ كېيىن ئالماقچى بولىسىز، نەتىجىدە كېيىن ئۆي باھاسى ئۆسۈپ كېتىپ، يىغقان پۇلىڭىز ئۆي پۇلىغا چىقىش قىلماس بولۇپ قالىدۇ.

 

ۋاقىت توختىماي ئۆتۈپ تۇرىدۇ. پۇرسەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، خۇشاللىقنىمۇ ھەم ساقلاپ قويغىلى بولمايدۇ.  شۇڭا ھەر قانداق ئىشنى ۋاقتىدا قىلىڭ.

چوڭ بولغاندا يەنە شۇنى ھېس قىلىسىزكى، ھەر قانداق نەرسە سالامەتلىكتەك قىممەتلىك ئەمەس.

ياشلىقىڭىزدا كېچە-كېچىلەپ خىزمەت قىلىسىز، سالامەتلىك دېگەننى ئويلاپمۇ قويمايسىز، ياش بولغاندىكىن، ھېچقىسى يوق، كۆپرەك پۇل تېپىۋالايچۇ، دەپ ئويلايسىز. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بەدىنىڭىزنىڭ بىرەر يېرىدىن چاتاق چىقىپ، كېسەل بولۇپ، دوختۇرخانىغا بارغاندا ئاندىن يىغقان شۇنچىۋالا پۇلىڭىزنىڭ دوختۇرخانىنىڭ بىر كۈنلۈك داۋالاش چىقىمىغىمۇ چىقىش قىلمايدىغانلىقىنى بايقايسىز. شۇ چاغدىلا ئاندىن سالامەتلىكىڭىزنى ئاسرىمىغانلىقىڭىزدىن پۇشايمان قىلىسىز، ئەمما كېچىكىسىز.

ياشلىقىڭىزدا دوستلىرىڭىزنىڭ كۆڭلىنى دەپ زىياپەتلەرگە بارىسىز، «بېشىمغا كۈن چۈشكەندە ياردەم قىلىپ قالار» دېگەن ئۈمىدتە ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشى ساقلاشقا تىرىشىسىز. ئەمما كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالسىڭىز، ئەتراپىڭىزدا پەرۋانە بولىدىغانلارنىڭ پەقەتلا ئائىلىڭىزدىكىلەر ئىكەنلىكىنى، ئاتالمىش دوستلىرىڭىزنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمىغانلىقىنى بايقايسىز. مانا مۇشۇ چاغدىلا سالامەتلىكىڭىزنى ئاسرىمىغانلىقىڭىزدىن قاتتىق پۇشايمان قىلىسىز، ئەمما كېچىككەن بولىسىز.

نۇرغۇن ئىشلارنى ئەينى ۋاقىتتا چۈشەنمىگەن بولسىڭىز، يېشىڭىز مەلۇم بىر ياشقا بارغاندا تەبىئىيلا چۈشىنىپ يېتىسىز.  كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراپ، ھازىرىڭىزدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭ. ۋاقىت ئەڭ ياخشى ئۇستاز، ئۇ سىزگە ھەرقانداق ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئاستا-ئاستا تونۇتۇپ قويىدۇ. بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنسىز، ياخشى ياشاڭ، خۇشال ياشاڭ، كۈلۈپ ياشاڭ.

يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg