ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق مۇھىتى
ساغلاملىق مۇھىتى
ئائىلىڭىز نېمە ئۈچۈن بەختلىك ئەمەس؟
ۋاقتى : 2018-08-19 16:18:45  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 00350329336_0a7f2244.jpg

    نۇرغۇن كىشى «ئىككى ياخشى ئادەم قۇرغان ئائىلە نېمە ئۈچۈن بەختلىك بولالمايدۇ؟» دەپ ئويلايدۇ. بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، بىز قارشى تەرەپنى ئۇنىڭ ئۇسۇلىدا ئەمەس ئۆزىمىزنىڭ ئۇسۇلىدا سۆيۈپ كېلىۋاتىمىز. ھەممەيلەننىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىش ھوقۇقى بار، پەقەت ئۇسۇل توغرا بولسىلا، بەختلىك ئائىلىنى ياراتقىلى بولىدۇ.

   ئاپام ئىنتايىن ياخشى ئايال بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ ئائىلىنى قامدايتتى. دادامنىڭ ئاشقازىنى ياخشى بولمىغاچقا، سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ دادامغا شوۋىگۈرۈچ ئېتەتتى، بىزگە قۇۋۋەتلىكرەك تاماق قىلىپ بېرىش ئۈچۈن، يەنە باشقا خىل تاماققا تۇتۇش قىلاتتى.

   ئاپام ئۆي تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى، ئۆيىمىزدىكى پول ھەر ۋاقىت پارقىراپ تۇراتتى.

   ئەمما دادامنىڭ نەزىرىدە ئاپام ياخشى ھەمراھ ئەمەس ئىدى. ئۆسۈپ-يېتىلىش داۋامىدا دادامنىڭ ھەمىشە غېرىبسىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇھسىنىشلىرىنى ئاڭلاپ قالاتتىم.

   دادام مەسئۇلىيەتچان ئەر، ئۇ كەيپ-ساپادا يوق، خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ يەنە شاھمات ئويناش، كىتاب ئوقۇش دېگەندەك قىزىقىشلىرى بار ئىدى. بىزنى تەربىيەلەشكىمۇ بەك ئەھمىيەت بېرەتتى.

   ئەمما ئاپامنىڭ نەزىرىدە داداممۇ ياخشى ھەمراھ ئەمەس ئىدى. ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىمدا ئاپامنىڭ ھويلىنىڭ بىر چېتىدە ئۈنسىز ياش تۆكۈۋاتقانلىقىنى نەچچە قېتىم كۆرۈپ قالغانىدىم. ھەمىشە «ئىككى ياخشى ئادەم نېمىشقا بەختلىك ئائىلە قۇرالمايدۇ؟» دەپ ئويلايتتىم. چوڭ بولۇپ توي قىلغاندىن كېيىن، بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلىپ يەتتىم.

   يېڭى توي قىلغان ۋاقىتلىرىمدا مەنمۇ ئاپامغا ئوخشاش ئۆيلەرنى پاكىز تازىلاپ، تاماقنى جايىدا ئېتىپ، ياخشى ئايال بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بولساممۇ، ئەمما بۇنىڭدىن خۇشاللىق ھېس قىلالمىغان، ئېرىمنىڭمۇ خۇش بولغىنىنى كۆرمىگەنىدىم. كۆڭلۈمدە لاياقەتلىك ئايال بولالمىغان بولسام كېرەك، دەپ ئۆيلەرنى تېخىمۇ پاكىز تازىلاش، تاماقنى تېخىمۇ تېتىملىق ئېتىشكە تىرىشتىم.

   بىر كۈنى ئالدىراش پول سۈرتىۋاتاتتىم، ئېرىم :-بۇياققا كېلىڭە، بىللە مۇزىكا ئاڭلايلى،- دېدى.

   -مېنىڭ ئالدىراشلىقىمنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟-دېدىميۇ، دەررۇ ئاپام ئېسىمگە كەلدى.

   توغرا، مەن ئاتا-ئانامنىڭ تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋېتىپتىمەن.

   دادام تۇرمۇشتا ئاپامنىڭ ھەمراھ بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان، ئەمما ئاپامنىڭ قازان-قومۇچ بىلەن ھەپىلەشكەن ۋاقتى دادامغا ھەمراھ بولغان ۋاقتىدىن ئۇزۇن ئىدى. ئاپام ئۆزىنىڭ ئۇسۇلىدا تۇرمۇشنى قامداپ كەلگەن، ئۆزىنىڭ ئۇسۇلىدا دادامنى سۆيگەن ئىدى.

   قولۇمدىكىنى قويۇپ، ئېرىمنىڭ قېشىغا بېرىپ بىللە مۇزىكا ئاڭلىدىم.

   -مەن سىزنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۆي بىر ئاز قالايمىقان بولۇپ قالغانغا ھېچنېمە بولمايدۇ،-دېدى ئېرىم.

   -مەن تېخى ئۆينى پاكىز يىغىشتۇرۇپ، تاماقنى ئوخشىتىپ ئېتىپ بەرسەم سىزنى بەكرەك خۇش بولارمىكىن دېگەنىدىم...

   -ئۇغۇ شۇنداق، ئەمما ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ ماڭا كۆپرەك ھەمراھ بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

   مەن شۇندىلا ھەممىمىزنىڭ قارشى تەرەپنى ئۇنىڭ ئۇسۇلىدا ئەمەس بەلكى، ئۆزىمىزنىڭ ئۇسۇلىدا سۆيۈپ كېلىۋاتقانلىقىمىزنى بايقىدىم. ئەمەلىيەتتە، ئۇسۇلىڭىز توغرا بولسا بەختلىك ئائىلە قۇرۇپ چىقالىشىڭىز تامامەن مۇمكىن.

يارپ تورى تەھرىرى

1e86bbda47be51c4111b1752f07fb15e.jpg