ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق مۇھىتى
ساغلاملىق مۇھىتى
بۇ يىل تۆۋەندىكىدەك مىجەز-خاراكتېرگە ئىگە ئادەملەر چوقۇم نامراتلىشىپ كېتىدۇ
ۋاقتى : 2018-08-15 13:02:06  مەنبەسى :   يوللىغۇچى :

 تۆۋەندىكى 15 خىل مىجەز-خاراكتېرگە ئىگە ئادەملەر چوقۇم نامراتلىشىپ كېتىدۇ:
1111111111111111111111.jpg
1. مەغرۇر، كۆرەڭ مىجەزلىك كىشىلەر
مەغرۇرلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئازراق نەتىجىگە ئېرىشسىلا ئۆزىنى قويىدىغان جاي تاپالماي قالىدۇ، بۇنداق كىشىلەر بەلكىم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشى مۇمكىن، لېكىن مەغرۇرلۇق ۋە كۆرەڭلىك ناھايىتى تېزلا ئۇلارنى ئېرىشكەن بارلىق نەرسىلىرىدىن ئايرىپ قويىدۇ.

2. تەلۋە مىجەزلىك ئادەملەر
تەلۋە مىجەزلىك ئادەملەر مەيلى قانداقلا يەردە بولمىسۇن قارشى ئېلىنمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى ھەر قانچە قالتىس بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ بىراق ھامان ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ كوللېكتىپ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ، ھەممەيلەن بۇنداق تەلۋىلەردىن قاچىدۇ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر ئاخىرىدا ھەممىدىن قۇرۇق قالىدۇ.

3. پاسسىپ مىجەزلىك كىشىلەر
پاسسىپ مىجەزلىك كىشىلەر ھېچنىمىنى ئويلىمايدۇ، ھېچقانداق ئىشنىمۇ قىلمايدۇ، بۇنداق ئادەملەرمۇ ھەر قانچە ئىقتىدارلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ، تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇقى شۇكى، بۇنداق ئادەملەر ئۆزىنى ناھايىتى ئەقىللىق، ھەممە نەرسىنى بىلىدىغان چاغلايدۇ، شۇڭا ھېچكىمنى كۆزىگە ئىلمايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئادەملەر ھېچنىمىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن!

4. باشقىلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىدىغان يەڭگىلتەك مىجەزلىك كىشىلەر
بۇنداق ئادەملەر سودا مەخپىيەتلىكىنى چىڭ ساقلىيالمايدۇ، بىلىشىمىز كېرەككى، تىجارەت قىلىپ پۇل تېپىش بىر خىل شەخسىي مەقسەت ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلىنىدىغان ئىش، شۇنداقلا مەنپەئەتنى تۈپ مەقسەت قىلىدىغان ئىش، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ بىر خىل خەۋپ-خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش، شۇڭا باشقىلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىدىغان، يەڭگىلتەك مىجەزدىكىلەر ئاسانلا پايدا-مەنپەئەتنى قوش قوللاپ باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويىدىغان، ياكى مۇۋەپپەقىيەتنى سەۋەنلىككە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلاردۇر.

5. گۇمانخور مىجەزلىك كىشىلەر
گۇمانخور مىجەزلىك كىشىلەردىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە شۇكى، ئۆزىگە ياردەم بېرەلەيدىغان كۈچلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۆزى تەنھا كۈرەش قىلىدىغان جاپالىق ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ قويىدۇ، نەتىجىدە مۇۋەپپەقىيەتتىن بارغانسېرى چەتنەپ كېتىدۇ.

6. قىزىققان مىجەزلىك كىشىلەر
قىزىققان مىجەزلىك كىشىلەر ھەمىشە ناھايىتى ھېسياتچان كېلىدۇ، ھاياجانلانغان ھامان ئېغىزىغا كەلگەنچە گەپ قىلىپ، خالىغانچە ۋەدە بېرىدۇ، بىراق ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتەلمەي ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈۋالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇنداق ئادەملەر ناۋادا يېنىكلىك بىلەن ئۆزىنىڭ سودا-تىجارەتتىكى مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ سالغان ھامان باشقىلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كېتىدۇ. قىزىققان مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ يەنە بىر ئاجىزلىقى شۇكى، ئاسانلا تەدبىر بەلگىلەيدۇ ياكى تۇيۇقسىز بىرەر ئىشنى قارا قىلىدۇ، بۇنداق يېنىكلىك بىلەن ئالدىراپ قىلغان ئىشنىڭ مەغلۇپ بولۇش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.

7. قانائەتچان مىجەزلىك كىشىلەر
گەرچە «قانائەتچان ئادەم خۇشال ياشايدۇ» دەيدىغان گەپ بولسىمۇ بىراق قانائەتچان مىجەزلىك كىشىلەر بايلىققا ئىنتىلمەيدۇ، يەيدىغانغا نېنى، كىيدىغانغا كىيىمى بولسىلا شۇنىڭغا قانائەت قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى خالىمايدۇ.

8. ئۆزىنى بىرلا چاغلايدىغان مىجەزلىك كىشىلەر
بۇنداق مىجەزدىكى ئادەملەر ھەمىشە ھېچكىم ماڭا يەتمەيدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئادەملەرنىڭ قورسىقىدا تۈزۈك ئۇمىچى ۋە پۇل تاپالايدىغان ئىقتىدارى بولمايدۇ، شۇڭا پۇل تېپىشىمۇ ناھايىتى تەس بولىدۇ.

9. قاتمال، مۇتەئەسسىپ مىجەزلىك كىشىلەر
بۇنداق ئادەملەر باشقىلار مېڭىپ باقمىغان يولدىن مېڭىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، باشقىلار قىلىپ باقمىغان ئىشنى قىلىشقا تېخىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ، ھازىرقىدەك ھەممە نەرسە كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان تور دەۋرىدە قاتمال، مۇتەئەسسىپ مىجەزلىك كىشىلەر قانداقمۇ پۇل تاپالىسۇن؟

10. قورقۇنچاق مىجەزلىك كىشىلەر
قورقۇنچاق مىجەزلىك كىشىلەر تەۋەككۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، توخۇ يۈرەك بولغاچقا ئىش چىقىرىپ سېلىشتىن قورقىدۇ، ھەتتا ئېنىق تاپقىلى بولىدىغان پۇلنىمۇ تېپىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئېيتىپ بېقىڭە، سىزنىڭچە بۇنداق كىشىلەر پۇل تاپالارمۇ؟

11. ھورۇن مىجەزلىك كىشىلەر
ھورۇن مىجەزلىك كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا مەيلى جىسمانىي ھورۇنلۇق بولسۇن ياكى چوڭ مېڭىدىكى ھورۇنلۇق بولسۇن، پەقەت ئىككىسىنىڭ بىرى بولسىلا مەڭگۈ باي بولالمايدۇ.

12. باشقىلارغا ئارىلاشمايدىغان تەنھا مىجەزلىك كىشىلەر
پۇل تېپىش دېگەن باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئۆزىنىڭ پۇلىغا ئايلاندۇرۇش دېمەكلىكتۇر! باشقىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرىدىغان، ياۋايى تەنھا مىجەزلىك كىشىلەر باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا ماھىر ئەمەس بولۇپ، بۇنداق كىشىلەرنىڭ پۇل تاپالىشى ئاسان ئەمەس، ناۋادا پۇل تاپالىدى دېسەك، ئۇ يا كەشپىياتچى ياكى خاككېر بولۇشى مۇمكىن!

13. ئۆزىنىڭكىنلا راسىت دەپ تۇرىۋالىدىغان مىجەزلىك كىشىلەر
بۇنداق كىشىلەر ئادەتتە ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى ھەل قىلالمايدۇ، نەتىجىدە باشقىلار بىلەن ئۇزاق مۇددەت ھەمكارلىق ئورنىتالمايدۇ، ھەمكارلىق بولمىسا چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس!

14. تار مىجەزلىك كىشىلەر
بۇنى ئىچى تار ئادەملەر دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ، بۇنداق مىجەزلىك كىشىلەر باشقىلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلمەيدۇ، شۇنداقلا ئاسانلا باشقىلارغا ئازار بېرىپ قويىدۇ، بۇنداق كىشىلەرنى تۇغۇلما مەغلۇبىيەتچى دېيىشكە بولىدىغان بولۇپ، ھەم نامراتلىقتا ھەم قىيىنچىلىقتا ئۆتىدۇ.

15. شەخسىيەتچى مىجەزلىك كىشىلەر
شەخسىيەتچى ئادەملەر تۆھپە قوشۇشنى خالىمايدۇ، پەقەت پايدىنىلا كۆزلەيدۇ، بۇنداق ئادەملەر ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەتكە ۋە بايلىققا ئېرىشەلمەيدۇ.

يارپ تورى تەھرىرى

1e86bbda47be51c4111b1752f07fb15e.jpg