ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق مۇھىتى
ساغلاملىق مۇھىتى
ئاتا-ئانىڭىزغا بۇ ئون جۈملە سۆزنى مەڭگۈ دېمەڭ
ۋاقتى : 2018-05-11 12:19:27  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 ئاتا-ئانىڭىزغا بۇ ئون جۈملە سۆزنى مەڭگۈ دېمەڭ

00001.jpg
مەيلى ئۇلار سىزنى بېقىپ قاتارغا قوشقان ياكى قوشمىغان بولسۇن، قانداقلا بولمىسۇن ئانىڭىز ئىلگىرى توققۇز ئاي قورساق كۆتۈرۈپ سىزنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىپ، سىزنى بۇ دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنى كۆرۈشكە نېسىپ قىلغان. ئاتا-ئانىڭىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ، ئۇلار بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالغۇچە ساقلاپ تۇرماي ھازىرنىڭ ئۆزىدە قەدىرلەڭ! ئەگەر ياخشى كۈننىڭ يامىنى كېلىپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا قانچە قىلغان بىلەنمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئاتا-ئانىڭىزغا مەڭگە بۇ 10 ئېغىز سۆزنى قىلماڭ!
 
1. بولدى، بولدى، بىلدىم، كوتۇلداۋېرىدىكەن! (ئاتا-ئانىلارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ، ئاتا-ئانىنىڭ «كوتۇلداش»لىرىمۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل بەخت)
2. ئىش بارمىتى، يوقما؟ ئۇنداق بولسا تېلېفوننى قويۇۋەتتىم-ھە. (ئاتا-ئانىنىڭ تېلېفون ئۇرۇشى بەلكىم پەقەت سىز بىلەن سۆزلەشكۈسى كەلگەنلىكتىن بولۇشى مۇمكىن، بىز ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنمەيمىز، شۇڭا ئالدىراپ تېلېفوننى قويۇۋەتمەڭ!)
3. دېسەممۇ چۈشەنمەيسەن، سورىمايلا قوي! (ئۇلار پەقەت بىز بىلەن سۆزلىشىشنىلا ئويلايدۇ)
4. ساڭا قىلما دەپ قانچە قېتىم دېدىم، قىلغان بىلەنمۇ بەرىبىر ياخشى قىلالمايسەن. (ئۇلار قىلىشقا كۈچى يەتمەيدىغان بىر قىسىم ئىشلارنى، بىز ئۇلارغا كۆيۈنگەنلىكتىن قىلىشتىن توسۇپ قالىمىز، لېكىن ئۇلارغا ھەرگىز ئۆزىنىڭ كارغا كەلمەس بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەڭ.)
5. سىلەرنىڭ بۇ ئۇسۇلىڭلارنىڭ ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتتى. (ئاتا-ئانىنىڭ تەكلىپى بەلكىم كارغا كەلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن بىز باشقىچە ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرساق بولماسمۇ.)
6. مەن ساڭا ھۇجرامنى يىغىشتۇرما دەپ ئېيتقانغۇ، مانا قارا، نەرسىلىرىمنى تاپالمايۋاتىمەن. (ئۆزىڭىزنىڭ ھۇجرىسىنى ئۆزىڭىز يىغىشتۇرغىنىڭىز ياخشى، يىغىشتۇرمىسىڭىزمۇ چوڭلارنىڭ ياخشى كۆڭلىنى يەردە قويماڭ.)
7. نېمىنى يېيشىنى ئۆزەم بىلىمەن، سەن قاچامغا سېلىپ قويمىساڭمۇ بولىدۇ! (بىزنىڭ قايتىپ كېلىشىمىزگە ئىنتىزار بولغان ئاتا-ئانا ھەمىشە بارلىق مېھرى ۋە كۆيۈنۈشىنى ئالايىتەن ئەتكەن تاماقلارغا سىڭدۈرۈۋەتكەن، بىز پەقەت ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۈن-تىنسىز قوبۇل قىلساق شۇ كۇپايە.)
 
8. ئېشىپ قالغان قورىمىلارنى يېمە دەپ نەچچە قېتىم ئېيتتىم، نېمىشقا زادىلا گەپ ئاڭلىمايدىغانسەن! (ئۇلارنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئىقتىسادچىللىق ئادىتىنى ئۆزگەرتىشى تەس، ئۇلارغا ھەر قېتىم ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە قورىمىنى ئاز قۇرۇتساقلا بولدى.)
9. مەن مۇنداقلا دەپ قويغان، بولدى سۆزلەۋەرمە، ئادەمنى بىزار قىلىپ.
10. بۇ نەرسىلەرنى ئالما دېگەنتىمغۇ، بۇ يەرگە دۆۋلەپ قويۇپ نېمە قىلىسەن.
 
تۇيۇقسىز ئانامنى ئەسلەپ قېلىپ، كۆزلىرىدىم ئىختىيارسىز ياشلار تۆكۈلدى، ئىنتايىن تەسىرلىنىپ يىغلىغۇم كەلدى، بالىنىڭ ساغلام، خۇشال-خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئاتا-ئانا نۇرغۇن بەدەل تۆلىدى، لېكىن بىز ئاتا-ئانىمىزغا نېمە قىلىپ بېرەلىدۇق؟
سىز ئاتا-ئانىڭىزغا دىققەت قىلىپ باققانمۇ؟ ئاتا-ئانىڭىزغا كۆيۈنۈپ باققانمۇ؟ ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاتا-ئانىڭىزنىڭ گۈللىرىنىڭ تاشلىنىپ سولاشقانلىقىنى بايقىسىڭىز، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆيدىكى پول ۋە كىيىم ئىشكاپىنىڭ توپا بېسىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسىڭىز، ئانىڭىز چىلىغان كۆكتاتنىڭ تۇزلۇق ھەم تەمسىز ئىكەنلىكىنى بايقىسىڭىز، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ دائىم گازنى ئېتىشنى ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز، خۇددى ئۇلار ئەمدى كۈندە يۇيۇنمايدىغان بولۇپ قالغانغا ئوخشاش، ياشانغان ئاتا-ئانىڭىزنىڭ بىر قىسىم ئادەتلىرىنىڭ ئەمدىلىكتە ئادەتكە ئايلانماي قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئەمدى كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ كونا كۆكتاتلارنى پىشۇرۇپ يېيىشكە ئامراق بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز، تاماق يەۋاتقاندا ئۇلارنىڭ توختىماي يۆتىلىۋاتقانلىقىنى بايقىسىڭىز، (ھەرگىز خاتالىشىپ ئۇلار زۇكامداپ قاپتۇ ياكى سوغۇق تېگىپ قاپتۇ دەپ ئويلىماڭ ئۇ كاناي نېرۋىلىرىنىڭ قېرىلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتى)، ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىشنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز، ئەگەر شۇنداق كۈنلەر كېلىپ قالسا، مەن سىزگە ئېيتسام، ھوشيار بولۇڭ! ئاتا-ئانىڭىزغا راستىنلا قېرىلىق يېتىپ، ئەزالىرى چېكىنىپ باشقىلار ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا موھتاج بولۇپ قاپتۇ.
 
ھەممە ئادەم قېرىيدۇ، ئاتا-ئانىمىز بىزدىنمۇ بۇرۇن قېرىيدۇ، بىز ئورنىمىز ئالماشقان كەيپىياتتا ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالساق، ئاندىن سەۋرچان بولۇپ، ئاغرىنىشلاردىن خالىي بولالايمىز، ئاتا-ئانىمىز ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالغاندا، پەرزەنتلەر سەگەك بولۇشىمىز كېرەك، ئۇلار چوڭ-كىچىك تەرىتىنى تۇتالماسلىقى، نۇرغۇن ئىشلارنى ياخشى قىلالماسلىقى مۇمكىن، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھۇجرىسىدا غەلىتە پۇراق بار بولسا، ئۇلار بۇنى پۇراپ بىلەلمەسلىكى مۇمكىن، ھەرگىز ئۇلارنى مەينەت ياكى سېسىق پۇرىدى دەپ تاشلىۋەتمەڭ، پەرزەنت بولغۇچىنىڭ پەقەت ئۇلارغا ياردەملىشىپ تازىلاش مەجبۇرىيىتى، ھەم ئۇلارنىڭ «غورۇرى»نىڭ ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار.
 
ئۇلار يۇيۇنۇشنى خالىماس بولۇپ قالغاندا ۋاقىت چىقىرىپ يۇيۇپ قويۇڭ! ئۇلار ياشغانغاندا ئۆزى يۇيۇنسا پاكىز يۇيالماسلىقى مۇمكىن، ياخشى نەرسىلەرنى يېگەندە ئۇلارغىمۇ بىر كىشلىك ئېلىۋېلىڭ، ئۇلار ئاسان چايناپ يۈتەلىگۈدەك ئازغىنە نەرسە بولسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار چاينىيالمايدىغان نەرسىلەرنى يېيىشنى ياقتۇرمايدۇ. بىز تۇغۇلغاندىن باشلاپ بىزنى ئېمىتىپ، زاكىمىزنى ئالماشتۇرۇپ، كېسەل بولۇپ قالغاندا كېچىلەپ كىرپىك قاقماي ھالىمىزدىن خەۋەر ئېلىپ، بىزگە تۇرمۇشتىكى ئاساسىي ماھارەت ۋە ئىقتىدارلارنى ئۆگىتىپ، مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، يېگۈزۈپ ئىچكۈزۈپ، خوشال-خورام ئوينىتىپ بېقىپ چوڭ قىلدى، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ۋە ھەرىكىتى بىر ئۆمۈر توختاپ قالغان ئەمەس.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارغا قېرىلىق يېتىپ مىدىرلىيالماس بولۇپ قالغاندا، ئورنىمىزنى ئالماشتۇرۇپ بېقىشىمىز كېرەكقۇ دەيمەن؟ پەرزەنت بولغۇچى شۇنى مەڭگۈ ئېسىدە تۇتۇشى كېرەك، ئاتا-ئانىغا قاراش ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە قاراشتۇر، ۋاپادارلىق ئۆز ۋاقتىدا بولۇشى كېرەك، ھەرگىز «چىنەڭگە ئاھ ئانا چاي قۇيۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق» دېگەندەك بىر ئىش بولۇپ قالمىسۇن. «يوق ۋاقتىدا ‹ئانا›.... دەپ يىغلىغاندىن، بار ۋاختىدا ‹مانا› دەپ تۇرۇڭ» بۈگۈندىن باشلاپ ئاتا-ئانىڭىزغا تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ!
 
يارپ تورى تەھرىرى
 
OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg