ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق مۇھىتى
ساغلاملىق مۇھىتى
كىشىگە ئىلھام بولىدىغان توققۇز جۈملە سۆز
ۋاقتى : 2018-05-08 13:10:20  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

timg.jpg

 

 1. تۇرمۇش دائىم مۇشۇنداق، ھەممە كىشىنى رازى قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ، لېكىن بىز يەنىلا قىزغىن ياشىشىمىز كېرەك. ھاياتلىقتا سۆيۈشكە ئەرزىيدىغان نەرسىلەر نۇرغۇن، بىرەر كىشىنىڭ سىزدىن رازى بولماسلىقى سەۋەبلىپ چۈشكۈنلىشىپ كەتمەڭ.

2. كۆڭۈل قانچە تىنچ بولسا، بەخت شۇنچە چوڭقۇر بولىدۇ. يىراقتىكىسى مەنزىرە، يېقىندىكىسى ھەقىقىي تۇرمۇشتۇر.

3. ئادەم ھاياتىدا ياكى پۇلى بولۇپ خاتىرجەم ياشىشى كېرەك، ياكى بولمىسا مۇھەببەتكە ئېرىشىپ بەختلىك ياشىشى كېرەك.

4. يولنى ئۆزىڭىز تاللىدىڭىز، شۇنىڭ ئۈچۈن كېيىنكى مۇساپىڭىزدە يىقىلسىڭىز، يارىلانسىڭىز ئۆزىڭىز بەرداشلىق بېرىڭ، ئۆزىڭىز داۋالاڭ. بىز ھەممىمىز مۇشۇ جەرياننى باشتىن كەچۈرۈپ چوڭ بولغان.

5. ياخشى تۇرمۇش دېگەنلىك خام خىيال سۈرمەسلىك، كۆپ ئىشلەش، دائىم كۈلۈمسىرەش، قانائەتچان بولۇش دېگەنلىكتۇر.

6. ۋاز كېچىشكە بىردەملىك ئاچچىق ئەمەس بەلكى ھەر خىل ئۈمىدسىزلىكلەرنىڭ يىغىلىشى سەۋەبچىدۇر.

7. بەزى ئاغرىقلارغا بىر مەزگىل چىدىسىڭىز ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەزى ئاۋارىچىلىكلەرگە بىر مەزگىل چىدىسىڭىز ھەل بولىدۇ، بەزى گەپلەرنى ئېغىزىڭىزدىن چىقارماي بىر مەزگىل چىدىسىڭىز ئۇنتۇپ كېتىسىز، بەزى مۇھەببەتلەرگە بىر مەزگىل چىدىسىڭىز سۇسلىشىدۇ، بەزى كىشىلەرنى بىر مەزگىل چىداپ ساقلىسىڭىز ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىسىز.

8. ئەقىللىق ئادەمنىڭ ئاغزى تاتلىق بولىدۇ، ھىيلىگەر ئادەم ياسالمىلىققا ئۇستا بولىدۇ. لېكىن سىز ياكى تاتلىق گەپ قىلىشنى ياكى ياسالمىلىق قىلىشنى بىلمەيسىز، شۇڭا سىز پەقەتلا كىشىلەر تەرىپىدىن ئالدىنىسىز.

9. ھېچقىسى يوق، ھەممە ئادەمنىڭ بېشىدىن ئىسسىق سوغۇقلار ئۆتكەن، كەيپىياتىڭىز زىيادە ناچار ۋاقىتلاردا ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ، ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كېتىدۇ.

yyyyyyyyy.jpg