ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق مۇھىتى
ساغلاملىق مۇھىتى
21 ياشلىق بىر پۇتلۇق قىز شەھەرگە كىرىپ ئىشلەپ ئايدا 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى
ۋاقتى : 2018-04-04 12:04:26  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 

2018-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى. يېزىدىن كەلگەن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، چوڭ شەھەردە پۇت تىرەپ تۇرۇش ئىنتايىن جاپالىق ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن بىر پۇتلۇق قىز شيا ئوۋ 16 يېشىدا يېزىدىن چىقىپ، خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرىگە كېلىپ، بەش يىل جاپالىق كۈرەش قىلدى. ھازىر ئۇ ھەر ئايدا 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىغان بولۇپ، ئىككى يىل ئىلگىرى ئاتا-ئانىسىغا بىر يۈرۈش ئۆي ئېلىپ بەردى. ھازىر ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئۆزىنىڭ شىركىتى ۋە گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقتى.

شيا ئوۋ خېنەن ئۆلكىسى لونىڭ ناھىيەسىدىكى مەلۇم بىر يېزىدىن كەلگەن بولۇپ، بالىلىق ۋاقتىدا يۈز بەرگەن تاساددىپىي ھادىسە سەۋەبلىك، ئۇ سول پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. غەيرىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان شيا ئوۋ ھەمىشە نورمال بالىلار بىلەن بەسلىشەتتى. باشقا بالىلارنىڭ ۋېلسىپىت مىنگىنىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئۆگەنمەكچى بولدى. ئۇ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت يىقىلىپ يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاخىرى ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئۆگەندى. 16 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ئىدى. شيا ئوۋنىڭ جاھىللىقى يەنە تۇتۇپ، شەھەرگە كىرىپ چوڭ ئىش قىلىشنى قارار قىلدى.

شيا ئوۋ جاپا تارتىشتىن ۋە ھېرىپ چارچاشتىن قورقمايدىغان بولغاچقا، ناھايىتى تېزلا ئادەتتىكى خىزمەتچىدىن شىركەتنىڭ ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىك ئورنىغا چىقتى، كىرىمىنىڭ بارا-بارا ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ خېلى كۆپ پۇل يىغدى. 2016-يىلى گەرچە لوياڭ شەھىرىگە كەلگىنىگە قىسقىغىنە ئۈچ يىل ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، ئەمما شيا ئوۋ ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئاتا-ئانىسىغا بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالدى. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە باشقىلارنىڭ قولىدا ئىشلەش ھاياتىغا خاتىمە بېرىپ ئۆزى شىركەت قۇردى. ئۇ بالىلار مائارىپى ساھەسىدە كەسپىي قوشۇن تەشكىللىگەندىن سىرت يەنە ئاخباراتچىلىق ۋە سودا ساھەسىدىكى پائالىيەتلەرنى پىلانلاش ۋە تەشكىللەش بىلەن شۇغۇللاندى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئايلىق كىرىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

ئۇ كەسىپ جەھەتتە تىرىشچان بولغاندىن سىرت، يەنە تۇرمۇشتا ناھايىتى قەيسەر ئىدى. يول يۈرۈشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئۇ ئىككى ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ C2 پىراۋا ئالدى. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى ئامراق ماشىنىسىنى سېتىۋالدى. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە توردا بىۋاسىتە تارقىتىپ ئۆزىنىڭ ئاكتىپلىققا تولغان تۇرمۇش كۆز قارىشى ۋە تەسىرلىك ھېكايىلىرى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان تورداشلارغا تەسىر كۆرسەتتى، ھازىر مەملىكەتتىكى نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئۇنىڭ مەستانىسىگە ئايلاندى.

شيا ئوۋنىڭ ئېيتىشىچە، 2018-يىلىنىڭ كىرىشى بىلەنلا ئۇ ئاللىقاچان ئۆز نىشانىنى بەلگىلەپ بولغان ئىكەن، ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى يېتەكلەپ يىللىق ھىساباتىنى سەككىز مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشنى، ئۆزىنىڭ يىللىق كىرىمىنى بولسا بىر مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان ئىكەن.

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg