ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق مۇھىتى
ساغلاملىق مۇھىتى
دۇنيا ساغلاملىقى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى
ۋاقتى : 2016-04-11 11:39:24  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : يارپ

دۇنيا ساغلاملىقى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى


تۇرسۇنجان بىلگە


 


 

بۇ ماقالىدە دۇنيادىكى كېسەللەرگە ئائىت ئاددىي ساۋاتلار سۆزلىنىدىغان بولۇپ، دۇنيا ساغلاملىق تەتقىقاتنىڭ نۆۋەتتىكى يۆنىلىشىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئانتىبىئوتىكلار ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى ھەققىدىكى ئويلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنىمەن.
ئامېرىكا دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنستىتۇتى باشلىقى، ئاتاقلىق گېنتىكاشۇناس، دوكتور فرانسىس كولىن دۇنيا مىقياسىدا كېسەل كۆرۈلۈش نىسبىتىگە ئائىت ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق دىققەت نەزىرىنى يېقىنقى ۋە كەلگۈسىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئاغدۇرىدۇ ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى بىئو-مېدىتسىنا تەتقىقاتچىلىرىنى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىدۇ. ئالدى بىلەن ئۇنىڭ 2014-يىلى شاڭخەيدە ئېچىلغان دۇنيا ساغلاملىقى ئىلمى يىغىنىغا قاتناشقاندا ئوقۇغان ماقالىسىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرايلى.
تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردىكى ئۆلۈشنىڭ سەۋەبلىرى گىرافىكى. ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىدىكى زور ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىڭ. (سانلىق مەلۇماتلار مىليون قېتىمنى كۆرسىتىدۇ). ئاپېلسىن رەڭ ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە، سېرىق رەڭ يارىلىنىش ياكى ھادىسىلەرگە، بىنەپشە رەڭ ئانا، ھامىلە ۋە ئوزۇقلۇققا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرگە، يېشىل رەڭ باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە، قارامتۇل كۆك رەڭ بەزگەك، تۇبېركۇليوز ۋە ئەيدىز قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
 


مەن بىئو-مېدىتسىنا ساھەسىدىكى باشقا باشلامچىلار بىللە شاڭخەيدىكى ئىككى چوڭ يىغىنغا قاتنىشىۋاتىمەن. بۇلارنىڭ بىرى دەل دۇنيا ساغلاملىقى توغرىسىدا. شۇڭا سىز بۇ يىغىنىمىزدا بەزگەك كېسىلى، يۇقۇملۇق زۇكام، ئوتتۇرا شەرق نەپەسلىنىش تىپىدىكى كوروناۋىرۇسى، ئىبولا ۋىرۇسى، ئۇيقۇ كېسىلى، گامبىيە تىروپنوزموز كېسىلى، دېنگې قىزىتمىسى، تۇبېركۇليۇز، ئەيدىز ۋە باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ھەققىدە نۇرغۇن مۇنازىرىلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلەيسىز. بۇ كېسەللەر ئەلۋەتتە كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مۇھىم خەۋپ بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باش تېمىسى بولسا ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردۇر.
گەرچە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەرەققى قىلىۋاتقان ئەللەردە ھېلىھەم كۆرۈنەرلىك زور مەسىلە بولسىمۇ، ئەمما راك، يۈرەك كېسىلى، سېمىزلىك كېسىلى، دىئابىت كېسىلى ۋە باشقا يۇقمايدىغان كېسەللىكلەر پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا ئۆلۈم ۋە ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان سەۋەب بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە، 2012-يىلى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن 38 مىليون كىشى ئىچىدىكى تۆتتىن ئۈچ ئادەم تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەت كىشىلىرىدۇر.
 

بىر دۆلەت كىشىلىرىنىڭ كىرىمى تۆۋەن كىرىمدىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كىرىمگە ئېشىپ بارغاندا بۇ دۆلەتتىكى كېسەل مەنبىيى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىدىن يۆتكىلىپ يۇقمايدىغان كېسەللىكلەرگە مەركەزلىشىپ قىلىشى خۇددى كىشىگە تەبئىي تۇيغۇغا زىتتەك تەسىر بېرىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەت دەل مۇشۇنداق بولۇپ، شەھەرلىشىش يۈزلىنىشى ۋە كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان كىرىم ئېشىپ شۇ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ مال سېتىۋىلىش كۈچى ئېشىپ بارىدۇ ۋە يۇقمايدىغان كېسەللەرنىڭ كېلىپ چىقىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان يېمەكلىك ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى تاللاش پۇرسىتىمۇ كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن، تاماك ۋە ھاراق ئىستىمالىنىڭ ئېشىپ بېرىشى، ساغلام بولمىغان يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىستىمال قىلىش ۋە جىسمانىي ھەرىكەتنى ئازلىتىدىغان موتورلۇق ۋە ئېلېكترلىك ئەسۋابلارنىڭ كۆپلەپ ئىشلىتىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرىدا بېرىپ يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇش، سېمىزلىك، يۇقىرى قان قەنتى ۋە بىنورمال قاندىكى ماي ماددىسى شەكىللىنىشىگە ھەسسە قوشىدۇ.
يۇقمايدىغان كېسەللىكلەر پەقەت شەخسىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا زور سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغىمۇ زور زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. يۇقمايدىغان كېسەللەرنىڭ ئېشىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن، پەقەت جۇڭگو ۋە ھىندىستاننىڭ 2007-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە تارتىدىغان ئىقتىسادىي زېيىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 558 مىليارد دوللار ۋە 237 مىليارد دوللار بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ئىقتىسادىي زىيان ئاخىرىدا پاسسىپ ئايلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ شۇ دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ.
ياخشى يېرى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، مەسىلەن، يۇقىرى قان بېسىم بارلار تۇزنى كەمرەك ئىستىمال قىلىش، راك ۋە يۈرەك كېسەللىرىنى ئازلىتىش ئۈچۈن تاماكا تاشلاش، ئۆپكە كېسەللىكلىرى ئۈچۈن تام ئوچاقلارغا ئىس-تۈتەك سىستېمىسى ئورنىتىش قاتارلىق ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق يۇقمايدىغان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. باشقا يۇقمايدىغان كېسەللىكلەرنى، مەسىلەن، يۇقىرى قاندىكى ماي ئۈچۈن سىتاتىن، دىئابىت كېسىلى ئۈچۈن مېتفورمىن قاتارلىق دورىلارنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق بۇ كېسەللەرنى يەڭگىللەتكىلى ياكى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
تۇنجى قەدەمدە، دۇنيا ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بىرلەشمىسى يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان تەتقىقاتلارغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشنى قارار قىلدى. گەرچە يۇقىرى قان بېسىم ئۆز ئالدىغا دەرھال كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ، ئۇنى كونترول قىلىش شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىمى، يۇقىرى قان بېسىمى يۈرەك تىقىلمىسى، يۈرەك زەئىپلىشىش، قان چۈشۈش ۋە بۆرەك كېسەللىكلىرىنىڭ مۇھىم خەۋپ ئامىلىدۇر. بۇ بىرلەشمە تەتقىقاتىغا مەبلەغ سالغان تەتقىقاتىچىلار نۆۋەتتە ئارگېنتىنا، كولومبىيە، پېرۇ قاتارلىق جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى؛ جۇڭگو، ھىندىستان، مالايسىيا قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرى؛ فىجى ۋە سومالى قاتارلىق تېنچ ئوكيان ئاراللىرى؛ ۋە گانا، كېنىيە، نېگىرىيە، رۋاندا، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە تانزانىيە قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىگە تارالغان.
دۇنيا ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ شاڭخەيدىكى يىغىنىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن باشلامچىلار قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرنى كۆرۈپ چىقىدۇ ۋە دىققىتىنى كەلگۈسى تەتقىقاتلىرىنى يەنە بىر تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەل - 2 تىپلىق دىئابىت كېسىلىگە قارىتىدۇ. سېمىزلىك كېسىلى بىلەن ماس قەدەمدە خەتەرلىك بىر سۈرئەتتە ئېشىپ بېرىۋاتقان دىئابىت كېسىلى دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا دۇنياۋى كەڭ تارقالغان كېسەل دەرىجىسىگە يەتتى. بۇ بەك خەتەرلىك ئەھۋال چۈنكى بۇ كېسەل قارىغۇ بولۇپ قېلىش، بۆرەك كېسىلى، ئوپېراتسىيە قىلىش ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئاساسلىق خەۋپ ئامىلىدۇر. نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا 347 مىليون كىشى دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، دۇنيا ساغلاملىق تەشكىلاتى ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا 2030-يىلىغا بارغاندا دىئابىت دۇنيادا ئۆلۈمنىڭ 7-چوڭ سەۋەبى بولۇپ قالىدىكەن.
دېمەك، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ھەقىقەتەن دۇنيا كىشىلىرىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىقتىسادىغا غايەت زور تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە. ئۇنداق بولسا ئانتىبىئوتىك دورىلار دېگەن نېمە؟ ئانتىبىئوتىكلارنىڭ ساغلاملىقىمىز بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
بۇنى چۈشىنىشتىن بۇرۇن بىز يۇقىرىدا سۆزلەنگەن كېسەللەرنىڭ كاتاگورىيىگە ئايرىلىش پرىنسىپلىرى ۋە سەۋەبلىرىنى توغرا بىلىۋىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر دېگىنىمىز ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان، كونترول قىلغىلى بولىدىغان ئەمما سەللىمازا ساقايمايدىغان كېسەللەرنى كۆرسىتىدۇ. ئانا، ھامىلە ۋە ئوزۇقلۇققا مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر نامىدىن مەلۇم بولغىنىدەك ھامىلدارلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئانا تېنى ياكى بالىدا كۆرۈلىدىغان كېسەللەر بولۇپ، بۇ كېسەللەر گېنېتىكا، ئوزۇقلۇق، روھىي بېسىم ۋە باشقا كۆپلىگەن مۇھىت ئامىلىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان كېسەللەرنى كۆرسىتىدۇ. ئاخىرىدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دېگىنىمىز باكتېرىيە، ۋىرۇس ۋە ياكى باشقا پارازىتلارنىڭ ئىنسان بەدىنىگە كىرىپ يۇقۇملاندۇرۇشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان، كىشىدىن كىشىگە يۇقىدىغان جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللەرنى كۆرسىتىدۇ. يۇقۇملۇق كېسەللەرنى يۇقۇملاندۇرغۇچى مىكرو-جانلىقنىڭ تۈرىگە ئاساسەن باكترىيە، ۋىرۇس، زەمبۇرۇغ ۋە باشقا پارازىت مىكرو جانلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللەر دەپ تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
ئادەتتە كۆپ قىسىم مىكرو جانلىقلار ئىنسان ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ، ئىنسان بەدىنىدىكى 10 تىرىليون ھۈجەيرە ئىچىدە 9 تىرىليون ھۈجەيرە ئەمەلىيەتتە مىكرو جانلىق ھۈجەيرىلىرىدۇر. دېمەك ئىنسان 10% ئىنسان ھۈجەيرىسى ۋە 90% مىكرو جانلىق ھۈجەيرىسىنىڭ بىرىككەن گەۋدىسىدىن ئىبارەت. پەقەت ئاز بىر قىسىم مىكرو جانلىقلارلا كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىنسانىيەت نوپۇسىنىڭ ھازىرقى ھالەتتە بولۇشىدا تارىختىكى بارلىق ئۇرۇشلاردىنمۇ چوڭراق رول ئوينىغان.

 

 


ئانتىبىئوتىك دېگىنىمىز باكتېرىيىنى ئۆلتۈرىدىغان ياكى باكتېرىيىنىڭ ئۆسۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان دورىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئانتىبىئوتىك دورىلار يۇقىرىدىكى كېسەللىكلەر ئىچىدە پەقەت يۇقۇملۇق كېسەللەر ئىچىدىكى پەقەت باكتىرىيىدىن يۇقۇملىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، باشقا مەنبەلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىچسە، كېسەل داۋالىمايلا قالماي، بەلكى كېسەلنى يامانلاشتۇرۋېتىشى مۇمكىن. باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللەرنىڭ تىپىك مېساللىرىدىن ئۆپكە تۇبېركۇليوز، ئۆپكە ياللۇغى، سىفلىس، سوزنەك، قاتما كېسەل، كۆيدۈرگە كېسىلى، ۋابا كېسىلى قاتارلىقلار بار. ئانتىبىئوتىك دورىلار 1930-يىللاردا ئىشلىتىلىشكە باشلىغاندىن بۇيان، دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلاردىن بولۇپ قالدى. مەسىلەن، بىز دائىم ئىسمىنى ئاڭلايدىغان پېننىسسېلىن، ئاموكسىلىن، تېتراسىكلىن قاتارلىقلار. لېكىن كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كىشىلەر زۇكام، يۆتەل، كۆپ قىسىم گال ئاغرىقى قاتارلىق ۋىرۇستىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللەرگە قارىتا ئانتىبىئوتىكلارنى كۆپلەپ ئىستىمال قىلىدۇ.

 


ئانتىبىئوتىك دورىلار گەرچە مىليونلىغان ھاياتنى ساقلاپ قالغان، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىياتلارنىڭ بىرى بولۇپ، 20-ئەسىردىكى مېدىتسىنا ئىنقىلابى دەل ئانتىبىئوتىكلار بىلەن باشلانغان. ئەمما ئۆتكەن يېرىم ئەسىر جەريانىدا ئانتىبىئوتىك دورىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ ۋە قالايمىقان ئىشلىتىلىشى نەتىجىسىدە، ئەسلىدە ئانتىبىئوتىك ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلىدىغان باكتېرىيەلەرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى نەتىجىسىدە يېڭى باكتېرىيە سورتلىرى مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى ۋە بۇ باكتېرىيىلەر ئانتىبىئوتىكلارغا قارشىلىق كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە بەزى ئەھۋاللاردا ئانتىبىئوتىكلارنى ئىشلىتىپ تېخىمۇ ئوبدان كۆپىيىدىغان فۇنكسىيىگە ئىگە بولۇۋالغان.
شۇنداق قىلىپ، نۆۋەتتە ئانتىبىئوتىك دورىلارغا قارشى باكتېرىيىلەر تۈپەيلىدىن داۋالىغىلى بولمايدىغان يېڭىچە باكتېرىيىلەر مەيدانغا كېلىپ ئانتىبىئوتىك دورىلار گۇناھكارغا ئايلىنىپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر دۇنيا مېدىتسىنا ساھەسىدە ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلىتىش مۇتلەق زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا ئىشلەتمەسلىك تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ. ئەمما جۇڭگودا دوختۇرخانىلاردا ھېلىھەم زۇكام بولغان بىماردىن تارتىپ، ئىشقىلىپ ھەر قانداق جىددىي خاراكتېرلىك كېسەل بولسىلا ئانتىبىئوتىك ئوكۇلى سالىدىغان ئىش ئەۋجىگە چىقماقتا. ئانتىبىئوتىكلار بەدەندىكى پايدىلىق باكتېرىيىلەرنىمۇ ئۆلتۈرۈشى مۇمكىن بولغاچقا، زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا بۇ خىل دورىلاردىن ساقلىنىش ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر.

يېقىندا بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا غەرب دورىلىرىنىڭ ئەكىس تەسىرى كۈچلۈك، ئانتىبىئوتىكلار ئىشلىتىلىشتىن بارغانسېرى قالغاچقا ئەنئەنىۋى تېبابەت دورىلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى يېتىپ كەلدى دەپ قارىماقتا. ئۇنداقتا، ئانتىبىئوتىك دورىلارنىڭ قارشى ئېلىنماسلىقى راستىنلا ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ مېنىڭ جاۋابىم بىلىمدان ژۇرنىلىنىڭ كىلەركى سانىدا ئېلان قىلىنىدۇ.