ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق مۇھىتى
ساغلاملىق مۇھىتى
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئائىلىگە نەزەر
ۋاقتى : 2013-04-09 11:30:04  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : مەقسەت


تۈنۈگۈن 22:07 چىقىرىشچۈشۈرۈش (42.94 KB)

20130408100410846.jpg

     4-ئاينىڭ 4-كۈنى، چوكانتال بايرىمى كۈنى چۈشتىن كېيىن، سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتقان ئىدى. نەنئەن شەھىرى شياڭيۈن بازىرىدىكى بىر كەنت ئېغىزى، ھاۋا تۇمانلىق بولۇپ، تۆت كىشى تۇمان ئارىسىدا ئاستا ئالدىغا قاراپ ماڭماقتا. ئابىڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بىلەن ئانىسى ئىككىسى كۈنلۈك تۇتۇۋالغان بولۇپ، ئىككى كىچىك بالىنىڭ قوللىرىدىن يېتىلىۋالغان ئىدى. ۋېيتنامدىن ئېلىپ كەلگەن خوتۇنى كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكىنىگە ئالتە يىل بولغان بولۇپ، بۇ يىل چوكانتال بايرىمىدا ئىككى بالىسىنى ئېلىپ قەبرە سۈپۈرۈشكە ماڭغان ئابىڭ ۋە ئانىسىنىڭ كەيپىياتى تولىمۇ ناچار ئىدى. چۈنكى ئالدىنقى يىلى يازدا ئابىڭ ۋە ئىككى ئوغلى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىئاگنوز قويۇلغان بولۇپ، كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن ئايالى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازابنى تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالغان ئىدى.
20130408100345908.jpg

تۈنۈگۈن 22:10 چىقىرىشچۈشۈرۈش (43.37 KB)


   
   بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جاننىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، كەنتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يىراقلاشتۇرغان ئىدى. چۈنكى ھېچكىممۇ بىكاردىن-بىكاردىن بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ-دە. كەنتتىكى كىشىلەر ئۇلارنى يىراقتىن كۆرۈپ قالسىمۇ تېز-تېز مېڭىپ يوللىرىغا كېتىپ قالىدىغان بولۇپ، بۇ ھال بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى يەتكۈچە ئازابلىدى. ئابىڭ ئايالىنىڭ جەسەت كۈلىنى كەنتتىن شۇنچە يىراق بولغان بىر جايغا دەپنە قىلغان بولۇپ، ھەريىلى قەبرە سۈپۈرۈش كۈنىدە ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ بېرىپ ئايالىنى يوقلايتتى. 4-ئاينىڭ 4-كۈنىمۇ ئانىسى ۋە ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ قەبرىستانلىققا كەلگەن ئابىڭ ئايالىنىڭ تۇپراق بېشىدا قەغەز كۆيدۈرۈپ، روھىغا تاۋاپ قىلدى، ئىككى ئوغلى بىر چەتتە ئويناۋاتقان بولۇپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز شۇنچىلىك خۇشال ئىدى.
20130408100309955.jpg

تۈنۈگۈن 22:12 چىقىرىشچۈشۈرۈش (55.87 KB)


  
    ئابىڭ 24ياشقا كىرگەن يىلى توي قىلغان بولۇپ، ئايالى ئابىڭنىڭ ئۆيىنىڭ بەك نامرات ئىكەنلىكىدىن بىزار بولۇپ، يەتتە يىل ئۆي تۇتقاندىن كېيىن ئاجرىشىپ كەتتى، 33ياشقا كىرگەن يىلى ئانىسى باشقىلاردىن 20مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ ۋېيتنامدىن ئېلىپ كېلىنگەن بىر ئايالنى ئوغلىغا كېلىن قىلىپ سېتىۋالدى. بۇ ۋېيتناملىق ئايال باشقىلارنىڭ ئۆيىدە كالا قوتىنىغا سولاپ قويۇلغان بولۇپ، قۇچىقىدا بىر ياشلىق ئوغۇل بوۋاقمۇ بار ئىدى. ئىككى يىلدىن كېيىن ئابىڭ بىلەن يەنە بىر ئوغۇللۇق بولدى. بىراق ئەسلىدىنلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بۇ ئايال داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتتى. ئالدىنقى يىلى يازدا ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا بارغان ئابىڭ بىر ئائىلىدىكى ئۈچ كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ بىردەك ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىكەنلىكىنى بىلدى.
20130408100239405.jpg

تۈنۈگۈن 22:13 چىقىرىشچۈشۈرۈش (77.78 KB)




    ئابىڭنىڭ ئىككى ئوغلى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغاندىن كېيىن يەرلىكتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئەسلىدىكىگە ئوخشاشلا چوڭ ئوغلىنى ئوقۇتتى. بىراق كىچىك ئوغلىنى يەسلىدىن چىقىرىۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەركۈنى ئۆيىدە دادىسى بىلەن ئېتىزغا بېرىپ ئوينىدى.
20130408100220186.jpg

تۈنۈگۈن 22:14 چىقىرىشچۈشۈرۈش (63.41 KB)


     ئابىڭنىڭ ئۆيىگە قويۇلغان ئەجدادلىرىنىڭ سۈرەتلىرى ئىچىدە ئايالىنىڭمۇ سۈرىتى بار بولۇپ، بەك ئۇزۇن ۋاقىت بولغاچقىمۇ ئانچە ئېنىق ئەمەس ئىدى. ئىككى ئوغلى دائىم ئانىسىنىڭ مۇشۇ سۈرىتىگە قاراپ ئانىسىنى ئەسكە ئالاتتى.
20130408100155125.jpg

تۈنۈگۈن 22:15 چىقىرىشچۈشۈرۈش (60.46 KB)


    بۇ ئىككى بالا ئۈچۈن بۇندىن كېيىنكى ھاياتلىق يولىمۇ تولىمۇ مۈشكۈل ۋە ئازابلىق ئىدى