ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق مۇھىتى
ساغلاملىق مۇھىتى
جۇڭگودا يۈز كىشى ئىچىدە ئون كىشىلا ساغلاملىق تەربىيەسى ئالغان
ۋاقتى : 2015-01-23 09:13:03  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

مەملىكىتىمىزدە ھەر يۈز كىشى ئىچىدە 10 كىشىلا ئاساسىي ساغلاملىق تەربىيەسى ئالغان

    سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى: مەملىكىتىمىزدە ھەر يۈز كىشى ئىچىدە پەقەت 10 كىشىلا ئاساسىي ساغلاملىق تەربىيەلىنىشىنى ھازىرلىغان

دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق كومىتېتى ‹‹2013-يىللىق جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ساغلاملىق تەربىيەلىنىش ئۆلچەپ تەكشۈرۈش دوكلاتى›› نى ئېلان قىلدى. ئۆلچەپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئايان بولۇشىچە ، مەملىكىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ ساغلاملىق تەربىيەلىنىش سەۋىيەسى مۇقىم ئۆسكەن ، 2013-يىلى مەملىكىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ ساغلاملىق تەربىيەلىنىش سەۋىيەسى % 9.48 بولغان بولۇپ ، 2012-يىلىدىكى % 8.8 تىن % 0.68 پوئىنت ئۆرلىگەن ، 2008-يىلىدىكى % 6.48 تىن % 3 پوئىنت ئۆرلىگەن .

ساغلاملىق تەربىيەلىنىشى ھەربىر كىشىنىڭ ئاساسىي ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلىشى ۋە چۈشىنىشىنى ھەمدە بۇ ئۇچۇر ۋە مۇلازىمەتلەردىن پايدىلىنىپ توغرا تەدبىر چىقىرىپ ، ئۆزىنىڭ ساغلاملىق ئىقتىدارىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ . تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نەتىجىسىدە ئايان بولۇشىچە ، بەش يىل ئىچىدە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىق تەربىيەلىنىش سەۋىيەسى % 3 پوئىنت ئۆرلىگەن .

2013-يىلى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىق تەربىيەلىنىش سەۋىيەسى % 9.48 بولۇپ ، بۇ 15 ياشتىن 69 ياشقىچە بولغان ھەر 100 كىشى ئىچىدە پەقەت 10 دەكلا كىشىنىڭ ئاساسىي ساغلاملىق تەربىيەلىنىشنى ھازىرلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەملىكىتىمىزنىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىق تەربىيەلىنىش ئومۇمىي ھالىتى يەنىلا نىسبەتەن تۆۋەن تۇرۇۋاتقان بولۇپ ، سۈرئىتىنىمۇ نىسبەتەن ئاستا بولماقتا ، ‹‹ ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق تەربىيەلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى پىلانى (2020 ـــ 2014)››نى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىن 2020-يىلىغىچە مەملىكىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ ساغلاملىق تەربىيەلىنىش سەۋىيەسىنى % 20 يۇقىرى كۆتۈرۈش نىشانىغا سېلىشتۇرغاندا، پەرق يەنىلا چوڭ بولماقتا.

‹‹ دوكلات ›› تا ئايان بولۇشىچە ، شەھەر ئاھالىلىرى ، شەرقىي قىسىم رايونلار ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىق تەربىيەلىنىش سەۋىيەسى روشەن دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن . يېزا ۋە ئوتتۇرا ، غەربىي قىسىم رايونلىرى يەنىلا بۇنىڭدىن كېيىنكى ساغلاملىق تەربىيەسى خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق رايونلار بولىدىكەن ، ئۇلار ياشانغانلار ، مەدەنىيەت سەۋىيەسى نىسبەتەن تۆۋەنلەر بولۇپ ، ساغلاملىق تەربىيەسى خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق توپ ھېسابلىنىدىكەن .

ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق بىلىملىرى بىلەن ئىدىيەسىدە بولغان تونۇشىدا نىسبەتەن ئاسانلا زىددىيەت پەيدا بولۇپ قالىدۇ ، ئەمما بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئايان بولۇشىچە ، ساغلاملىق ئىقتىدار سەۋىيەسى يەنىلا نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ ، ساغلاملىق تەربىيەسىدە ئالدىن ھەرىكەتلىنىش ۋە تەربىيەلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەككەن .

نۆۋەتتە، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تەربىيەلىنىش سەۋىيەسى يەنىلا نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل بولۇش نىسبىتى داۋاملىق ئۆرلەش ھالىتىدىن ئۆزگەرگىنى يوق. ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونتىرول قىلىش خىزمىتىدە ‹‹ئۆتكەلدە ئىلگىرىلەش››نى چىڭ تۇتۇپ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ خەتەرلىك ئامىللىرىنى كونتىرول قىلىش كېرەك.