ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق مۇھىتى
ساغلاملىق مۇھىتى
ساغلاملىق بىلەن گۈزەلدۈر ھايات
ۋاقتى : 2015-03-16 13:40:20  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

ساغلاملىق بىلەن گۈزەلدۇر ھايات

ھەزىرەت ئەلى

ھاياتلىق ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك، قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان، قوغدايدىغان بىباھاھ ئەڭگۈشتەر. ھاياتلىقنىڭ جان تۇمۇرى ساغلاملىق. ھاياتلىق ئىنسانغا پەقەت بىرلا قېتىم كېلدۇ ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي دۇنيا مېھر ـ مۇھەببەت بىلەن كىشىلەر قەلبىنى شادلىققا ۋە ئالىيجاناب روھققا ئىگە قىلدۇ. كىشلىك ھاياتتا مېھر ـ مۇھەببەت بولـمىسا ئۇ ئۆز قەدىر قىممىتىنى تۇنۇپ يىتەلـمەيدۇ. نېمىنىڭ كىشلەرگە ئەڭ مۇھىم بۇلغان نۇقتىنى چۈشىنىش ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەممىدىن زۆرۈر. ساغلاملىق دۇنيادىكى ھەر قانداق خەيرلىك ئىشلارنىڭ مۇقەددەس ئابىدىسى، ھاياتنىڭ تۇرمۇشنىڭ لالە ـ رەيھانلىرى، گۈزەلىكلىرى، ساغلاملىق ئارقىلىق ئۆزىنڭ ھەقىقىي بىر ئۇلۇغ ئىنسان ئىكەنلىكىنى كىشى قەلبىگە سىڭدۇرىدۇ .

ئىنسانىيەت تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكىدەك ئىلىم ـ پەننىڭ تەرەققىي قىلىشى، يۇقىرى پەللىسىگە كۆتۈرلىشى، زامانىۋىلاشقان، تەرەققىي قىلغان جەمئىيەتتە، كىشلەرنىڭ مەنىۋى جەھەتتە بۇلسۇن، ماددىي جەھەتتە بۇلسۇن، ئاڭ سەۋىيسىنڭ، ئۇنىۋىرسال ئىقتىدارىنىڭ ئېششىغا ئەگىشىپ، ئاڭ مەدەنىيەت، ئېستىمال، دۇنياغا بۇلغان كۆز قارشى ئۆستى، لېكىن ھاياتلىقنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان ساغلاملىققا كۆز قارشى ئۆستى، ئەمما پۈتۈن دۇنيادا ئۆز - ئۆزنى قوغداش، ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈش ئۆزىنى ئاسىراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۆز قارشىنى زۇر دەرىجدە ئۆستۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا تۆۋەن بۇلۇپ مۇشۇ سەۋەپلىك قىممەتلىك ھاياتىدىن ئايرىلىپ كېتىپ بارغان كىشلىرىمىز، قېرىنداشلىرىمىز ئىنتايىن كۆپ ...بۇلۇپمۇ بىزنىڭ ئارىمىزدىن، بۇ تەن ساق كېلىشدە ساق كەلگەن كېتىشىدە ھەم ساق كېتىشى كېرەققۇ ...!؟

ئۇلار ئۆزىنىڭ ئارزۇ ـ ئارمانلىرىنى، ئۇلۇغۋار غايىلىرىنى ، ئۈمۈدلىرىنى يوققا چىقىرىپ تاشلاپ تەبىئەت بىلەن ، بىزلەر بىلەن ۋىدالاشماقتا، قىممەتلىك ھاياتىدىن ئايرىلـماقتا ...ئۇلارنىڭمۇ بۇ ھاياتتا ياشاش ،تۇرمۇش كەچۈرۈش كۈننىڭ ئىسسىقىنى كۆرۈش ھۇقۇقى با ئىدى. لېكىن ھۇقۇقىنى تۇغىرا يۈرگۈزمىگەنلىكتىن ئاخىردا ئازاپ پۇشايمان ، ئەلەم دەرتلىرىگە تۇشۇپ كېتىپ باردۇ ، مانا بۇ كېچىكىنە كۆز قاراش مېنى ئۇيلاندۇرۇشقا مەجبۇر قىلدۇردى .

ئىنسان ياشاشنىلا ئويلىسا بولـمايدۇ ، بۇ بىر ئىدىيىۋى قالاقلىق خۇراپاتلىق . پۈتۈن دۇنيادا بۇلۇپمۇ بۈگۈنىكى كۈنگە كەلگەندە نۇرغۇن سەۋەپلەر، مەسىللەر تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىش نىسپىتى كۈندىن كۈنگە ئىشىپ بارماقتا . مەيلى قاتناش ۋەقەسى ۋە ياكى كېسەل بىلەن تۈرلۈك تەبىئەت ھادىسىلىرى بۇلسۇن . مانا بۇ مەسللەرنىڭ ئىچكى ئامىلى زادى نەدە ، كىم سەۋەپچى ...؟! كەسكىن ئېيتىشقا بۇلىدۇ دەل ئۆزنىڭ ھاياتىنى قوغدىمىغانىلق، سۆيمىگەنلىك ، ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلـمىگەنلىك ياكى قولىمىزدا مانچە ياشقا كېرىپ ئۆلۈپ قالىسە ، ئۆلۈپ كېتىسەن دەيدىغان دەستۇر يوق ...بارمىتى ؟ كىمدە بار ...!

ساغلاملىق بۇ بىر ئاددي ئۇقۇم ئەمەس بەلكى مۇرەككەپ چۈشىنىشكە تەس بولغان ئامىللارنىڭ بىرى . (نۇرغۇن ئادەم ئۆزۈم ھاياتىمنى قوغداۋاتىمەنغۇ كۆينىۋاتىمەن ، ھەممە ئىشىم جايىدا ، ئەنسىرشىم يۇق دېيشى مۇمكىن ، راستىنلا ئەنسىرشىڭىز يۇقمىدۇ ...سىز ئاشۇ دۇختۇرخاندىكى ئېغىر بىمارلارنى ئون نەچچە يىل كېسەل ئازابدىن قۇرىيامماي تېنى جىسمى پۇچلىنىپ كەتكەن كىشلەرنى كۆرگىنىڭىزدە، ئاغرىققا چىدىماي پۇت قۇلۇمنى كېسۋەتسەڭلا. بۇنداق ياشىغاندىن ئۆلگىنىم ياخشىغۇ دېگەن ئاۋازلار يۈركىڭىزگە بارغاندا نەشتەر بۇلۇپ سانجىلغاندا ئاندىن سىزمۇ ئۆزىڭزنىڭ مەن ساقمۇ ئەمەسمۇ دېگەن مۇلاھىزىدە ئۇيلىنىپ باقىسىز ). بەلكىم سىز ھەممىدىن بەكىرەكى كېيىم ـ كېچەك ، يۈرۈش تۇرۇش ، يېمەك ئىچمەكلەرگە تاشقى قىياپىتىڭىزىگە ئەھمىيەت بەردىڭز ....

ئۇنتۇما دۇنيا ئۇنتۇما ...! نامى چىقمىغان ھالال ئىنسانلىرىڭنى ئۇنتۇما ، كىشلەر يىراقتا ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ، ئاپئاق قار چۇقۇلىرىغا ، قەلبى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان قىياپىتىنى ئەسلەتكۈز . بىر ئىنسان ھەرگىزمۇ ئۆزنىڭ قىممەتلىك ھاياتىدىن ئايرىلشنى خالىمايدۇ . (بۇ بىر ھاياتى قىسقا مەنزىلى ئۇزۇن ئۆتەڭ ).

يەنە بىر تەرەپتىن ئېكىولوگىيلىك سېستمىنىڭ ھاياتلىق بىلەن مۇھتنىڭ ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشى ھەمدە نەچچە مىليارد يىللىق تەدرىجىي ئۆزگىرىش تەرەققىياتى ئارقىلىق شەكىللەنگەن بۇلۇپ ، يەر يۈزدىكى تەبئىى جۇغىراپىيلىك مۇھىتىنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم تەركىبلەرنىڭ بىرى ، ئىنسانىيەتنىڭ ياشاش ۋە تەرەققياتىدا تايىنىدىغان ، ھاياتلىقنى كاپالەتلەندۈردىغان سېستىمىنى ئۇرتاق شەكىللەندۈرگەن . بۇ ئىجتىمائى ئىقتىسادىي تەرەقىياتنىڭ ماددىي ئاساسى بۇلۇپ، تەبىئەتنىڭ ئېكىولوگىيلىك تەڭپۇڭلقىنى ساقلاش ، گۈزەللەشتۈرۈش ۋە تۇرمۇش مۇھتىنى بەرپا قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئۇينايدۇ . ھەمدە ساغلام ياشاش مۇھتىىغىمۇ زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . بۇلۇپمۇ 21 ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە قۇرلۇش ، ئۇلتۇراقلىشىش ، يېڭى مەدىنىيەتكە بۇلغان ئىنتىلىش قىزىقىش ، قۇبۇل قىلىش غايات زۇر بۇلغان ئۆزگىرىشلەر يېڭىلىقلار مەيدانغا كەلدى . كىشىلەر ئېسىل نەقىشلەنگەن ، بىزەلگەن ئالى ئۆيلەردە ئۇلتۇراقلاشتى ھەم شۇنىڭغا ئىنتىلدى بىراق بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ، زىينىنى ، سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان قارشى تەرەپلىرىدە ئۇيلىنىپ باقمىدى.

مەن سىزگە مۇنۇ قىسقا بۇلغان بىر رىئال تۇرمۇشتا يۈز بەرگەن ئاڭلىغان ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن بىر ئىشنى سۆزلەپ ئۆتەي ...!

بىر ئاننىڭ ئۈچ پەرزەنتنى بۇلۇپ ئەڭ يۇقىرىسى تۇققۇز ياشقا كىرگەن ..بۇ بالنىڭ پۇت ـ قۇلى تۇتمايدۇ ،ئاغىزى گەپكە كەلـمەيدۇ ،...ـ !؟ مەن سۇرىدىم دە ـ، نېمىش بۇپ مۇشۇنداق بولۇپ قالدى ؟

بالام ئەسلى ساپساق ئىدى بىر كۈنى دادىسى بىلەن سۇ تۇتقىلى چىقىپ بالامنى سېمىنۇت يەرنىڭ ئۆستىگە كېچە ياتقۇزۇپ قۇيغانتىم شۇ ئىش بىلەن بالا مۇشۇنداق بۇپ قالدى ـ ،دېدى .

يەنە بىر ئادەم 39 يىل سېمىنۇتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلش سەۋەپلىك ئاخىردا پۇت قۇلى ئاقىدىغان بوپ قالغان.

مانا بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ ! دەل سېمىنۇت ھەدىدىن سۇغۇق ، بەدەنگە سۇغۇق ئۆتۈپ بەدەننى ھەددىدىن زىيادە سۇغۇق ئەپ كەتكەنلىكتىن بۇلىدۇ ...يەنە نۇرغۇن كۆڭلى ساددا قېرىنداشلىرىم بۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن .

كۇنىلاردا «سۇغۇقتىن مىڭ تۈرلۈك كېسەل بۇلۇر، ئىسسىقتىن بىر تۈرلۈك» دەيدىغان گېپى بار ...شۇڭا ياش تۇرۇپلا ...ئۇزاق ئۆمۈر كۆرمەيلا بۇ ئالەمدىن ئۇزايدىغانلار كۆپ . ساغلام تەندە ساپ ئەقىل ، ھەر كىشىنىڭ ياخشى يامانلىق تەۋە بۇلغان قەۋمنىڭ ئۇمۇمى ساپاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . دېمەك سىزنىڭ ساغلاملىقىڭز سىز ئۈچۈنلا ئەمەس مەن ئۈچۈنمۇ مۇھىم .....

ھەم ئۈچۈنچى شەخىس ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەلۋەتتە

ھايات سەھنە سەن ئىكىران ،

بۇ بىر ئەينەك جاھاننامىسەن .

ھايات كىنۇ سەن پىرسۇناژ ،

بۇ بىر سۈرئەت مەڭگۈ باقىۋەنمىسىەن .

تەن

سۇ

كۈن

ھاۋا

ۋاقىت

بىرىلگەن قەرىز ئىمتاھان

ناگاھان تۇيۇقسىز … ئالىدۇ

ھېسابىنى بىر ـ بىرلەپ زامان .

بۇ تەن كېلشىدە ساق كەلگەنىكى ئۈچۈن ھەم ساق كىتىشى كېرەك ...!،

ئادەم، ئەمەلىيەتتە ئۇنچە كۆپ نەرسىلەرگە ئېھتىياجلىق ئەمەس، سالامەتلا بولسا، ھەقىقىي سۆيسە، بۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق.

شۇڭا ھەر بىرىمىز ھاياتلىقنى قۇغداپ سۆيۈپ ساغلام ياشايلى ......!