ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق خەۋەرلىرى
ساغلاملىق خەۋەرلىرى
ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇمى ئارقىلىق كېسەل داۋالىغىلى بولمايدۇ
ۋاقتى : 2017-09-14 16:21:49  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

ھازىر ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇمىنى دورا ئورنىدا ئىستېمال قىلغىلى ھەم ئۇنىڭ بىلەن كېسەل داۋالىغىلى بولىدۇ، دەپ تەشۋىق قىلىدىغان ئەھۋال خېلىلا ئېغىر. ئەمەلىيەتتە، ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇمىنى دورا ئورنىدا ئىستېمال قىلغىلى ياكى ئۇنىڭ بىلەن كېسەل داۋالىغىلى بولمايدۇ. بىز بۇ يەردە كۆپچىلىكنىڭ دورا سېتىۋالغاندا ‹‹تەستىق نومۇرى››غا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز. كۆپ ئۇچرايدىغان تەستىق نومۇرلار دورا تەستىق نومۇرى، سەھىيە دېزىنفېكسىيە نومۇرى، يېمەكلىك ساغلاملىق نومۇرىدىن ئىبارەت.
بۇ تەستىق بەلگىلىرى چوڭ جەھەتتىن ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، بىرى، دورا ئىجازەتنامە نومۇرى، سەھىيە دېزىنفېكسىيە نومۇرى، يېمەكلىك ساغلاملىق ئىجازەتنامىسى قاتارلىقلار. يەنە بىرى، سەھىيە دېزىنفېكسىيە ئىجازەت نومۇرى ۋە سەھىيە يېمەكلىك نومۇرلىرى. سەھىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، قانۇننىڭ تەلىپىگە لايىقلاشتۇرۇلغان، دېزىنفېكسىيە ئۈسكۈنىسى ۋە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا تارقاتقان سەھىيە ئىجازەت كودلىرى بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، دورىنىڭ كېسەلگە ماسلىشىش ۋە داۋالاش ئىقتىدارى دورىلار بىلەن ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرىنىڭ پەرقى، شۇنداقلا ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرىنىڭ دورىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى بولۇپ، جۇڭگو تېبابەتچىلىكى دورا پارچىسى، دورىسى، خىمىيەلىك كاتالىزاتورلار، ئانتىبىيوتىك، بىيو – خىمىيە دورىلىرى، رادىيوئاكتىپلىق دورىلار، قان زەردابى، ۋاكسىنا، قان بۇيۇمى ۋە دىياگنوز دورىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
‹‹دورا ساغلاملىق نومۇر›› بەلگىسى بار ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرى كېسەل داۋالاشنى مەقسەت قىلغان يېمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، مەلۇم كىشىلەرنىڭلا ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئورگانېزم ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ، سىرتقى قېپىدا كۆك رەڭلىك چىغ قالپاقنىڭ كۆرسەتكۈچ بەلگىسى، ئاستىدا تەستىق ئىجازەت نومۇرى ۋە تەستىق ئورۇنلىرى يېزىلغان بولىدۇ. بازارغا سېلىنغان ئادەمگىياھ قاتارلىقلار مۇشۇنىڭ ئىچىدە.