ئادەتتە توختىماي ئىچى سۈرگەن ، يەنى چوڭ تەرىتى قان ، يېرىڭ ئارىلىشىپ كەلگەن ئاغرىقلار تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ :
1. ئالمىنى ئاقلاپ يانجىپ ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ .
2. ئۇچقات ، جۇخار گۈلىنىڭ ھەر قايسىسىدىن 10 گرام ، چۈچۈكبۇيىدىن ئالتە گرام ، قارا شېكەردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ، قايناق سۇدا دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ .
3. خام سامساقنى ئاچچىقسۇغا تەگكۈزۈپ ، تاماق ۋاقتىدا كۈنىگە 2 – 3 تال ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ .
4. سېمىز ئوتتىن 10 گرام ، سىپارىدىن 10 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ، چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ .
ئىچى سۈرۈپ ئۇزۇنغىچە توختىمىغان ياكى ئارىلاپ توختاپ ، ئارىلاپ سۈرىدىغانلار تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ .
1. كۈنىگە 3 – 4 قۇتا قېتىق ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ .
2. قىزىل ماش ،پىچەكگۈلنىڭ ھەر قايسىسىدىن 30 گرام ، قىسقا غوللۇق شال گۈرۈچىدىن 60 گرام ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ .
3. چوڭ تاپان بېلىقنىڭ قاسرىقىنى ۋە ئىچكى ئەزالىرىنى تازىلىۋېتىپ يالپاقلاپ ، مۇچتىن ئۈچ گرام ، غولپىيازدىن ئۈچ توغرام سېلىپ قاينىتىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ .
4. سۇ لەيلىسى ئۇرۇقىدىن 15 گرام ، قانتېپەردىن 12 گرام ، بايناقتىن توققۇز گرام ، ئاق يېسسۇمۇقتىن 12 گرام ، قوناق مېغىزىدىن 12 گرام ئېلىپ قاينىتىپ كۈنىگە بىر قېتىمدىن ئېچىپ بەرسە تولغاق كېسەللىكىگە ئۈنۈملۈك شىپا بولىدۇ .