ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق خەۋەرلىرى
ساغلاملىق خەۋەرلىرى
سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرۈش تۈرى
ۋاقتى : 2015-03-24 15:59:54  مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى  يوللىغۇچى : يارپ

ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەتنىڭ ‹‹ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرىكى سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرۈش تۈرى››نى يولغا قويدى

ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل تۇنجى قېتىم دۆلەتنىڭ سۈپەتلىك پەرزەنت كۆرۈش بويىچە ‹‹ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرىكى سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرۈش تۈرى››نى ئەلرايى قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈپ، بۇ تۈرگە 42 مىليون 870 مىڭ يۈەن ئاجراتتى.

ئىگىلىشىمچە، دۆلەتنىڭ سۈپەتلىك پەرزەنت كۆرۈش بويىچە ‹‹ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرىكى سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرۈش تۈرى›› 2010 – يىلىدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت دەرىجىلىك سىناق ناھىيە (شەھەر، رايون) 94 كە يەتكەن، تەكشۈرۈش ئوبېيكتى بۇ جايلاردىكى يېزا نوپۇس ۋە كۆچمە نوپۇسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1 مىليون 55 مىڭ 540 يېزا نوپۇسىدىكى ئەر – خوتۇننىڭ ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرىكى سالامەتلىكى ھەقسىز تەكشۈرۈلگەن. ئۇلارنىڭ سۈپەتلىك تۇغۇش بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولۇش نىسبىتى%98.6كە يەتكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئانا – بالىلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەمەت ئېلى مۇنداق دېدى: بۇ تۈر يېزا نوپۇس ۋە كۆچمە نوپۇستىكى ھامىلىدار بولۇش ئالدىدىكى ئەر – خوتۇنلارغا قارىتىلغان. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەر 10 مىڭ بوۋاق ئىچىدە 100.52 بوۋاق كەمتۈك تۇغۇلغان، بۇ مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭلىق بىلەن ئەھۋالنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرىكى سۈپەتلىك پەرزەنت كۆرۈش بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرۈش بوۋاقلارنىڭ كەمتۈك تۇغۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈچ دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىنىۋاتقان ھەر بىر جۈپ ئەر – خوتۇن 240 يۈەنلىك ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ھەقسىز بەھرىمەن بولىدۇ.