ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق خەۋەرلىرى
ساغلاملىق خەۋەرلىرى
ئېبولا ۋىرۇسىدا ئون بىر مىڭ ئادەم قازا قىلدى
ۋاقتى : 2015-05-08 12:34:22  مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى  يوللىغۇچى : يارپ
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: ئېبولا ۋىرۇسىدا 11 مىڭ ئادەم قازا قىلدى



 


  چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 6-ماي سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىپ، ئېبولا ۋىرۇسىدا 11 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
   دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، سېررالېئون، لىبىرىيە، گىۋىنىيە قاتارلىق يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان ئۈچ دۆلەتتە جەمئىي 26 مىڭ 593 ئادەم بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان، 11 مىڭ 5 ئادەم قازا قىلغان.
   بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقۇم ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولغان لىبىرىيەدە 4716 ئادەم، سېررالېئوندا 3903 ئادەم، گىۋىنىيەدە 2386 ئادەم قازا قىلغان.
   بىراق، يۇقۇم ئەھۋالى نۆۋەتتە تۆۋەنلەۋاتقان بولۇپ، 9-مايغىچە يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچى كۆرۈلمىسە لىبىرىيە ئېبولادىن قۇتۇلغانلىقىنى جاكارلايدىكەن. لىبىرىيە ۋە سېررالېئوننىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىنىڭ سانى ئوندىن ئازلىغان.
   ب د ت نىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى نابارۇ: ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا بىز شۇنىڭغا ئىشىنىشىمىز كېرەككى، نۆۋەتتە بىز ئېبۇلا ۋىرۇسىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇشقا قاراپ قەدەم قويۇۋاتىمىز، پەقەت كونكېرت قۇتۇلۇش ۋاقتىنى بىلمەيمىز، خالاس» دېگەن. 
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى