ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
بالىلىق دەۋر قايتىلانمايدۇ
ۋاقتى : 2018-12-02 17:12:42  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

elan1.jpg

 بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا ماسلاشقان ھالدا قىزىقىشىنى بايقاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇشى ئۈچۈن ئۇل سالغانلىقتۇر. گەرچە قىزىقىش مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاساسى دېيىلسىمۇ، بىراق بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە قىزىقىشنى توغرا، ئۈنۈملۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەڭ مۇھىمدۇر.

   ھازىرقى مائارىپ تۈزۈلمىسى بالىلارغىلا ئەمەس بەلكى ئاتا – ئانىلارنىڭ زىممىسىگىمۇ يېڭى – يېڭى ۋەزىپىلەرنى يۈكلىدى. دېمەك، ئاتا – ئانىلارنىڭ ساپاسى بالىلارنىڭ ساپاسىنىڭ قانداقلىقىنى بەلگىلەيدىغان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، بەزى ئاتا – ئانىلار ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلماي، باشقىلارنىڭ بالىسى نېمە ئۆگەنسە بالىسىنىمۇ شۇنى ئۆگىنىشكە زورلايدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقتى. بۇ ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلەشتىكى رىقابەت ئېڭىدىن پەيدا بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا پاسسىپ تەسىر بېرىدۇ. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى بايقاپ، ئۇلارنى شۇ تۈرنىڭ ئەھلىگە ئايلاندۇرۇشى تولىمۇ مۇھىم.

   ھازىرقى ئۇچۇرلاشقان جەمئىيەتتە تېلېفون، كومپيۇتېر، تېلېۋىزور تېزلا بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى، ھەممىمىزگە ئايانكى تېلېۋىزور مەستانىلىرى، كومپيۇتېر مەستانىلىرىگە ئايلانغان بالىلار كەلگۈسىدە چوڭ – چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىشى ناتايىن. ئۇلارغا نىسبەتەن بۇلار يېڭى شەيئى بىلىنگەچكە ئۆگىنىشكە ئاجرىتىدىغان ۋاقىتنى تېلېۋىزور كۆرۈشكە، كومپيۇتېر ئويناشقا سەرپ قىلىدۇ. چەت ئەللىك پېداگوكلارنىڭ قارىشىچە، ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا تېلېۋىزور كۆرسەتمەسلىك، ئۈچ ياشتىن ئاشقاندا بالىلارغا ماس كېلىدىغان پىروگراممىلارنى كۈنىگە بىر سائەت كۆرسىتىش، يەتتە ياشتىن ئاشقان بالىلارغا بولسا مۇۋاپىق ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەزمۇنىدىكى پىروگراممىلارنى كۆرسىتىدىكەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت بالىلارغا لازىملىق بىلىمنىڭ يەنىلا كىتابتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئىكەن.

   بالىلىق دەۋر قايتىلانمايدۇ، شۇڭا ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىگە خاس خاراكتېر يېتىلدۈرۈشكە، مول تەسەۋۋۇر، ئىجادىي تەپەككۇرغا ئىگە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. بىر ئائىلىنىڭ بالا تەربىيەلەش ئەندىزىسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شەكىللەنمەيدۇ، ئۇ ئاتا – ئانىلاردىن روشەن كۆزىتىش قابىلىيىتىنى، مول تەجرىبىنى تەلەپ قىلىدۇ. دېمەك، ئاتا – ئانىلارنىڭ ساپاسى بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ، گەرچە بالىلار ئىچكى ئامىل بولسىمۇ، بىراق بالىلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى خاراكتېرىنىڭ، تەپەككۇر ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە، توغرا بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈشتە يەنىلا ئاتا – ئانىلار بىرىنچى ئۇستازدۇر. شۇڭا بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئۇلارنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر.

   ساپالىق ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى ئۇلارنىڭ ھۈنىرىگە ئايلاندۇرۇپ، كەلگۈسىدە شۇ تۈرنىڭ ئەھلى بولۇشقا ئاساس سالىدۇ. ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە بېسىم قىلىپ بولۇمسىز بالىلارنى يېتىشتۈرمەيدۇ. بۇ نۇقتا ئاتا – ئانىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىدۇر.

يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg