ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
ئەگەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىڭىز بولسا...
ۋاقتى : 2018-11-27 16:56:13  مەنبەسى :   يوللىغۇچى :

elan1.jpg

 قەدىرلىك دوستۇم، ئەگەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىڭىز بولسا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىپ قويۇڭ.

  يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇيقۇ: ئۇخلىغاندا، ھەزىم قىلىش، يۈرەك-ئۆپكە، نەپەسلىنىش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئارام ئالىدۇ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاشىدۇ، قېرىلىقنى كېچىكتۈرۈشكە ياردىمى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، راكقا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. 

يېشىل يوپۇرماقلىق سەيلەرنى يېيىش: ھەركۈنى 200 گىرامدىن ئارتۇق يېشىل يوپۇرماقلىق سەي يېگەندە تاماقتىن كېيىنكى قەنتنىڭ ئۆرلىشىنى ئاستىلىتىدىكەن. كۆكتاتلاردىكى كاروتىن سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. 

كالورىيەنىڭ قوبۇللىنىشىنى ئازايتىش: كالورىيەنىڭ قوبۇللىنىشى ئازايغاندا، مېتابولىزمغا كېرەكلىك سەرپىياتمۇ ئازىيىپ، تېخىمۇ كۆپ كۈچنى ساقلىغىلى بولىدۇ. بۇ يەنە قېرىشنى كېچىكتۈرۈپلا قالماي، يەنە دېئابىت كېسىلى، راك قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ خەۋپىنىمۇ ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ.

 

زەنجىۋىل يېيىش: يېڭى زەنجىۋىلدىكى زەنجىۋىل ئاچچىقىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە ئەركىن رادىكاللارنى يوقىتىش رولى بار بولۇپ، كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرىدۇ، دائىم زەنجىۋىل يېگەندە ئاشقازان-ئۈچەي شىلىمشىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قان ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، بەدەندىكى ھۆللۈك ۋە سوغۇقنى ئالىدۇ.

ئۇزاق ئولتۇرماسلىق: ئۇزاق ئولتۇرغاندىكى ھەرىكەت مىقدارى ناھايىتى ئاز بولىدۇ، قاننىڭ ئايلىنىشى پۇتقا مەركەزلىشىپ، ئايلىنىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ياشانغاندىكى دېۋەڭلىككە گىرىپتار بولۇشنى ئالدىغا سۈرىدۇ. 

يۈگۈرۈش: كىشىنىڭ تىزى ئاۋۋال قېرىيدۇ. يۈگۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ تۆۋەن كۈچلۈكلۈك ھەرىكىتى تىزنى چېنىقتۇرۇپ، تىزنىڭ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، يۈگۈرۈش يەنە قان تومۇرلارنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈپ، قان-تومۇرلارنىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جىگەرنى ياغ قاپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاياللاردىكى سۈت بېزى راكى، بالىياتقۇ ئىچكى دىۋارى راكىدىن ساقلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ. 

ناخشا ئېيتىش: كۆپ ناخشا ئېيتىدىغانلارنىڭ يۈرەك ئىقتىدارى ئادەتتىكى كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ جانلىق بولىدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەرگە كەسپىي سەۋىيەگە يېتىش تەلەپ قىلىنمايدۇ، پەقەت بىكار چاغلاردا ئانچە-مۇنچە ناخشا ئېيتىپ قويغاندا، جىسمانىي ۋە روھى كۈچى ئازادىلىشىپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق.

يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg