ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
جۈپتىدىن ئايرىلغانلار ئېرىشىدىغان ھاياتلىق بايلىقى
ۋاقتى : 2018-10-29 18:07:31  مەنبەسى :   يوللىغۇچى :

 elan1.jpg

جۈپتىدىن ئايرىلغانلار ئېرىشىدىغان ھاياتلىق بايلىقى

    جۈپتىدىن ئايرىلىش مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بەرمەيدۇ، بىز ئۇنىڭدىن يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالىمىز. 

    1. جۈپتىڭىزىدىن ئايرىلىش يەنە سىزنى ئۆزئارا ئالاقە ۋە ئۆزىڭىزنى نامايەن قىلىش ئىقتىدارىڭىزنى جارى قىلدۇرۇشقا قىستايدۇ.

    2. ئايرىلىش ھېسىيات جەھەتتىكى ئاجىز تەرىپىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىز سىزنى تاشلاپ كەتكەندە، قولىڭىزىدىن ھېچنېمە كەلمەيدىغانلىقىنى، ئوخشاشمايدىغان ياخشى كۆرۈش ئۇسۇلى، مۇھەببەتنىڭ ئىپادىلىنىشى، ھەتتا مۇھەببەت ئېنىقلىمىسىنىڭمۇ ياخشى ئادىمىڭىزنىڭ تاشلاپ كېتىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بايقايسىز.

    3. ئايرىلىش ئېرىشىش ۋە بەدەل تۆلەشنىڭ كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. مۇھەببەتلىشىش، ئۆيلىنىش ئىككى ئادەمنىڭ كېلىشىشى، بەدەل تۆلىشى، چىداش ۋە قۇربان بېرىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەغلۇبىيەتلىك مۇھەببەت بەدەل تۆلەش ۋە ئېرىشىشنىڭ ھېسىياتتىكى ئەھمىيىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدۇ. 

    4. ئايرىلىش سەۋرچانلىق، چىدامچانلىقىنى ئۆگىتىدۇ. ئەر -ئاياللار مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولۇشى ھەر بىر كىشىنىڭ ھېسسىياتىنى توغرا تىزگىنلىشىگە موھتاج، ئەگەر جورىڭىزنىڭ ئاچچىقى يامان بولسا، سىز يول قويۇشنى، سەۋىرچانلىقىنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك. 

    5. ئايرىلىش سىزگە ۋاز كېچىشنى ئۆگىتىدۇ. مۇھەببەتلىشىشىتىن ئىبارەت بۇ دەرىسخانىدا چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئەمەسلىكىنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك، بەزىدە ۋاز كېچىش يەنە بىر بەختنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى مۇمكىن. ئىككى ئادەمنىڭ ماس كېلىش -كەلمەسلىكىنى ئۇلارنىڭ تىرشچانلىقى بەلگىلىمەيدۇ، بەزىدە ياخشى كۆرگەن ئادىمىنى سۈكۈت ئىچىدە ئۇزىتىپ قويۇشنى ئۆگىنىش ھەمدە ئۇنىڭغا چەكسىز بەخت تىلەش كېرەك.   

يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg