ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
كەچۈر بالام، مەنمۇ ئامالسىز خىزمەت قىلمىسام سېنى باقالمايمەن
ۋاقتى : 2018-10-05 18:19:10  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

11.png

بالام، سەن بىلەن دائىم بىرگە بولالمىغىنىمنى كەچۈر! ھازىر بىز تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، كۆپرەك پۇل تېپىپ كەلگۈسى تۇرمۇشۇڭ ئۈچۈن ياخشى ئاساس ياراتمىساق بولمايدۇ. بىزنى كەچۈرگىن، بىز ھەقىقەتەتن ئامالسىز، ئەمما ساڭا ئېيتالمايمىز.

-شى جىيەنجۈن

 

1. يېقىنقى بىر نەچچە ئاي شىركەتنىڭ سودىسى تازا قايناق بولىدىغان ۋاقىت. تۆنۈگۈن چۈشتىن كىيىن سەل بالدۇر مېڭىپ بىر خېرىدارنى ئالغىلى باردىم. باغچە رايونىغا بارغاندا شىركەتنىڭ شوپۇرى لاۋلىنىڭ يۈك ماشىنىسىنىڭ كەينىگە مۆۈنىۋېلىپ، ئوغۇرلىقچە يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم، لاۋلى مېنىڭ كەلگىنىمنى كۆرۈپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ يېشىنى سۈرتىۋېتىپ، ماشىننىڭ ئالدىغا بېرىپ 4 ياشلار ئەتىراپىدىكى بىر قىزچاقنى قۇچاقلىۋالدى.

12.png

مەن ئەجەبلىنىپ، يۈك ماشىنىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ قارىسام، شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇققا بالىلار بىخەتەر ئورۇندۇقى ئورنىتىلغان، يەنە بىر مۇنچە ئۇششاق يېمەكلىكلەر بىلەن ئويۇنچۇقلار قويۇپ قويۇلغان ئىكەن. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئاندىن ئالدىنقى ئايدا ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئاغرىپ قېلىپ نەچچە ئون مىڭ يۈەن پۇل كەتكەنلىكى، ئايالىنىڭ ھېلىمۇ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقى، 4 ياشتىن ئاشقان قىزىغا قارايدىغان ئادەم يوق، ئامالسىز بالىلار بىخەتەر ئورۇندۇقى ئورنىتىپ ھەر كۈنى قىزىنى ئېلىپ خىزمەت قىلۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. ھازىر پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئۇنىڭغىلا قاراشلىق ئىكەن. بۇ يۈك ماشىنىسىنى ئۇ قەرز قىلىپ ئالغان بولۇپ، ھەر ئايدا 6000 يۈەندىن ئارتۇق قەرز قايتۇردىكەن. ئۇ ئۇھسىنىپ تۇرۇپ:« ماشىنا ھەيدىسەم بالىغا قارىيالمايدىكەنمەن، ماشىنا ھەيدىمىسەم بالىنىمۇ باقالمايمەن، بەك تەس كۈنگە قالدىم» دېدى.

بۈگۈن قىزچاق دادىسى بىلەن ئالتە سائەت بىللە يۈرۈپتۇ ئەسلى ئۇ قىزىنى ئەتە يۇرتىغا ئاپىرىپ قويماقچى بولۇپ تۇرغان ئىكەن. ئەمما قىزى بايا ئۇنىڭغا:« دادا، مەن ھارمىدىم، سىزنىڭ ماشىنا ھەيدىگىنىڭىزگە قاراپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىمەن » دەپتۇ. قىزىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇ چىدىيالمايلا قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ماشىنىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ يىغلاپ تۇرغان ئىكەن، ئۇ قىزىغا باياشات تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بېرەلمىگىنى ئۈچۈن ئۆزىنى ئەيىبلىك ھېسابلايدىكەن. لاۋلىنىڭ شۇ چاغدىكى ھېسياتىنى نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ھېس قىلىپ يېتەلىسە كېرەك.

2. «خىزمەت قىلساق بالىغا ھەمراھ بولالمايمىز، بالىغا ھەمراھ بولايلى دىسەك، خىزمەتنى قانداق قىلىمىز؟»

چېڭدۇدا مىترو 2-لېنىيەسىدە بىر ئانا بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى تۈگۈتۈپ، يانغا يۆلىنىپلا ئۇخلاپ قالدى.

13.png

كۈتۈش زالىدا بىر ئانا چاماداننى كۆتۈرۈپ، سىرتقا خىزمەتكە ماڭغان، كۈتۈش زالىنىڭ سىرتىدا ئىككى ياشلىق بىر بالا كانىيى يىرتىلىپ كەتكۈدەك ئاۋازدا «ئاپا!» دەپ چاقىرىپ يىغلاۋاتىدۇ. ئانا بولسا ئىلاجىسىزلىقتىن كۆز ياشلىرىنى تەستە يۇشۇرۇپ ئولتۇرىدۇ.

14.png

«بالام، ساڭا ھەمراھ بولسام باقىدىغانغا پۇل يوق بولۇپ قالىدۇ. سېنى بېقىش ئۈچۈن پۇل تاپاي دىسەم، ساڭا ھەمراھ بولالمايمەن. ساڭا ھەمراھ بولالمىغىنىمنى كەچۈرگىن.»

بەزىلەر، بالىلىق بولغاندىن كىيىن ئادەم بەك ئاچكۆز بولۇپ كېتىدۇ، بالىسىغا پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى نەرسىنى ئېلىپ بەرگۈسى كېلىدۇ، دىيىشىدۇ. يەنە بەزىلەر: «بالىلىق بولغاندىن كىيىن ئاتا-ئانا بولغۇچى ھەرقانچە جاپا تارتسىمۇ بالىسىغا ئەڭ ياخشى تەربىيلىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشنى خالايدۇ» دىيىشىدۇ. ئەمما رىئاللىقنىڭ رەھىمسىز تەرىپى شۇكى، بالىسىغا ئەڭ ئاددى تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈنمۇ پۈتكۈل زېھنى ۋە ۋاقتىنى سەرپ قىلىدۇ. ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا بىر چوڭ دەرەخكە، قاتتىق بوران-چاپقۇندا ئىرغاڭلاپ كەتسىمۇ، چوقۇم بەرداشلىق بېرىشى كېرەك بولغان دەرەخكە ئوخشاپ قالىدۇ. چۈنكى بۇ چاغدا كۆزىڭىزنى ئېچىپ ئەتراپىڭىزغا قارىسىڭىز سىزگە تايىنىدىغان بىر توپ كىشىلەرنى كۆرىسىزيۇ، سىز تايانغۇدەك بىرىمۇ يوق.

 

3. كۆپ ۋاقىتلاردا تۇرمۇشتا غەمسىز كۆرۈنىدىغان كىشىنىڭ تۇرمۇشى ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن جاپالىق بولىدۇ. ئۇ پەقەت ئەڭ ئاجىز تەرىپىنى باشقىلارغا كۆرسىتىشنى، باشقىلارنى ئەنسىرىتىپ قويۇشنى خالىمايدۇ خالاس. شۇڭا ھەر قانچە ئېغىر جەبرى-جاپا بولسىمۇ، دەرت-ئەلىمىنى ئىچىگە يۇتۇرشقا مەجبۇرى بولىدۇ.

ئالدىنقى قېتىم بىر نەچچە دوستلىرىم بىلەن قەھۋەخانىغا كىردۇق. ياندىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان ئوتتۇرا ياشلىق كىشى كۈلۈپ تۇرۇپ خېرىدارغا مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇرغىلى تۇردى. ئۇ باشتىن-ئاخىر چىرايىدىكى كۈلكىنى يوقاتماي، ھە دىسە باش لىكشىتىپ ئولتۇردى. قەھۋەخانىدىن چىققاندىن كىيىن ھېلىقى كىشىنىڭ روھى چۈشۈپ كەتكەن ھالەتتە يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تاماكىنى كۈچەپ شوراپ چېكىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. مىنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، بىر تېلفون كېلىشى بىلەنلا ئاۋازى شۇنچىلىك مۇلايىملىشىپ كەتتى.

«ئەتە قىزىمىزنى بالىلار باغچىسىغا ئاپىرىپ بېرىمىز. بىر مەۋسۈمى 8000 يۈەنلىكتە ئوقۇسۇنمۇ ياكى 5000 يۈەنلىكتە ئوقۇسۇنمۇ؟»

«8000 يۈەنلىكتە ئوقۇسۇن. شۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ؟ سەل تۇرۇپ پۇلنى سىزگە ئۇرۇپ بېرىمەن»

«بولىدۇ، بالدۇرراق قايتىپ كېلىڭ ئەمسە.»

تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كىيىن ئۇ تاماكىنى كۈچەپ بىر شورىدى. ئەمەلىيەتتە ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا ئائىلىسىدىكلەر، دوستلىرى، خېرىدارلىرى ئالدىدا توختىماستىن ھەر خىل روللارنى ئوينايدۇ.

ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا ئۇنى چۈشىنىدىغان، دەردىنى تۆكىدىغان ئادىمى بولمايدۇ.

بىر نەچچە كۈن ئۇيقۇسىز قالغان تەقدىردىمۇ، ئائىلىسىدىكىلەر، بالىلىرىنىڭ ئالدىدا ھارغىن قىياپىتىنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكىم ھاجەتخانا، پەللەمپەي قاتارلىق جايلاردا ئۇنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى كۆرگىلى بولىشى مومكىن.

 

4. تۇرمۇش شۇنداق جاپالىق بولغان تەقدىردىمۇ ھەر بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى يەنىلا بالىلىرى ئۈچۈن جان تىكىپ تىرىشىدۇ.

ئالىي مەكتەپتىكى بىر ساۋاقدىشىم بىر تور تېخنىكا شىركىتىدە ئىشلەيتتى، بىر ئاي بۇرۇن چەتئەلدە ئىشلەش توغرىلىق شىركەتكە ئىلتىماس سۇنۇپتۇ، ئۇ يەرگە بارغاندىن كىيىن بىر يىلدا ئاران ئۈچ قېتىملا قايتالايدىكەن. ئۇ يەرگە تازا كۆنەلمەپتۇ، ئەمما مائاشى ۋەتەندە خىزمەت قىلغاندىكىن بىر ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. ئەمەلىيەتتە چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇن ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ مائاشى 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى ئىكەن. شەھەردە بىر يۈرۈش ئۆيى بار، ھېچنىمىدىن غېمى يوق، تۇرمۇشى باياشات دېيىشكە بولاتتى. ھەممىمىز ئۇنىڭ خوتۇن-بالىسىنى تاشلاپ چەتئەلگە چىقىپ خىزمەت قىلىشىنى ئېلتىماس قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمىدۇق. ئۇ بىر قېتىم ماڭا مۇنداق دېدى. بۇرۇن ئۇ «باشلىنىش نۇقتىسى» دېگەن ئۇقۇمنى تازا ئېنىق ئاڭقىرالماپتىكەن. بۇ قېتىم ئۇ ئۆز كۆزى بىلەن پەرقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. بىر قوشنىسىنىڭ ئۆزىنىڭ قىزى بىلەن تەڭ ياشتىكى قىزى بار ئىكەن. قوشنىسىنىڭ قىزى ئىسكىرىپكا ئۆگۈنىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ  قىزى تېخىچە ئادەتتىكى يەسلىدە ئىكەن، قوشنىسى ئۇنىڭغا بىر دوستىنىڭ بالىسىنى ئەنگىلىيەگە تەربىيلىنىشكە ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. قىزىغا قاراپ ئۇنىڭ ئىچى ئېچىشىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن جاپا تارتسىمۇ قىزىنىڭ كەلگۈسىدە جاپا تارتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تىرىشىش نىيتىگە كەپتۇ.

ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش، پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن جاپا تارتىشقا رازى بولىدۇ.

بۇ كىشى قىزىنىڭ گىمناستىكا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن 7 يىل تەييار چۆپ يەپ، ھەر كۈنى ئىككى يۈەننى تىجەپ قېلىشقا رازى بولغان. قىزىنىڭ جاپا تارتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزى جاپا تارتقان.

15.png

قىزى مېدال ئېلىپ كەلگەندە بولسا ئۇ بارلىق جاپاسىنى ئۇنتۇپ، رازىمەنلىك بىلەن كۈلدى.

16.png

قايسى بىر ئاتا-ئانىنىڭ بالىسىغان كۆڭۈل بۆلگۈسى يوق؟ قايسى بىر ئاتا-ئانىنىڭ بالىسىنى مېھرى-مۇھەببىتى بىلەن بېقىپ چوڭ قىلغۇسى يوق؟ ئەمما تۇرمۇشتا نەدىمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش بولسۇن؟ كەچۈرگىن، بالام. خىزمەت قىلمىسام سېنى باقىدىغانغا پۇل يوق بولىدۇ. خىزمەت قىلمەن دىسەم، ساڭا ھەمراھ بولالمايمەن. مىنى كەچۈر!

 يارپ تورى تەھىرى

yyyyyyyyy.jpg