ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
ئاتا توغرىسىدا يۇمۇرلۇق ھەم تەربىيۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بەش پارچە ھېكايە
ۋاقتى : 2018-09-29 12:50:49  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

«سەيلە قىلىش»

بىر قىز ئاتىسىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئاجرىشىپ كېتىپتۇ. ئاتا بىلەن قىز تەتەر قارىشىپ قاپتۇ. قىز بىر ئوغلى بىلەن بىللە قىيىن كۈنگە قاپتۇ.

قىزنىڭ ئانىسى مىھرىبان بولۇپ، قىزىغا دائىم دادىسى سىرتقا سەيلە قىلغىلى چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوغلىنى ئېلىپ ئىسسىققىنە تاماق يەپ كېتىش توغرىسىدا  گەپ قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن قىز دائىم ئوغلىنى ئېلىپ دادىسى يوق ۋاقىتلاردا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ تاماق يەيدىكەن.

تاكى بىر كۈنى دادا بىلەن قىز قورۇدا ئىشىكى ئالدىدا ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل ئۇچرىشىپ قاپتۇ. قىزمۇ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دادىسى ئوڭايسىزلانغان ھالدا: « بۇندىن كىيىن ئۆيگە كېلىپ تاماق يىگەندە ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇپ يۇشۇرۇنچە كلېىپ يۈرمەڭ قىزىم. سىزنى تاماق يەۋالسۇن دەپ چوڭ يامغۇرلۇق كۈنلەردىمۇ سىرتقا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدىكەنمە!» دەپتۇ.

دادا، دائىم سىز ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز بەدەل تۆلەۋاتقان ھەم كۈيۈنىدىغان كىشىدۇر.

مەيلى سىز نىمىلا خاتالىق ئۆتكۈزۈڭ. ئۇ سىزنى ھامان شەرتسىز ئەپۇ قىلىدۇ.

 

«تامنىڭ بۇلىڭى»

تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇۋاتقان بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇپ قاپتۇ. شۇڭا دائىم يېرىم كېچىدە تامدىن ئارتىلىپ مەكتەپتىن چىقىپ تورخانىغا بېرىپ تورغا چىقىدىكەن.

بىر كۈنى ئۇ بۇرۇنقىدەكلا تامدىن ئارتىلىپتۇ. بىراق تامغا يامىشىپ يېرىمىغا كەلگەندە چىرايى ئۆزگۈرۈپ كېتىپتۇ. باشقىلار سەۋەبىنى سورىسىمۇ ھېچنىمە دىمەپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەكتەپتە ئەستايىدىل دەرس ئۆگۈنۈشكە باشلاپتۇ. تورغىمۇ چىقماپتۇ. مەكتەپتە ئۇنى چوقۇم جىنغا ئۇچراپ قاپتۇ دىگەندەك گەپلەر تارقىلىپ كېتىپتۇ.

كىيىن ئۇ داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپتۇ. بۇرۇنقى ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭدىن شۇ ئىشلار توغرىسىدا سورىغاندا ئۇ بىر پەس سۈكۈتتە تۇرۇپ كېتىپ مۇنداق دەپتۇ: «ئۇ كۈنى دادام ماڭا تۇرۇمۇش پۇلى ئەكىلىپ بەرگىلى كەپتىكەن. دادام ئۆزى مېھمانخانىدا يېتىشقا كۆزى قىيماي تامنىڭ بۇلىڭىدا بىر كېچە ئولتۇرۇدى.»

قېرىنداشلىق مېھرى بولغاندا ئادەمدىمۇ تىرىشىپ يۇقىرغا ئېنتىلىدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولىدۇ.

بىزنىڭ قىلغانلىرىمىز پۈتۈنلەي بالىلىرىمىز ئۈچۈندۇر. بارلىق بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ جاپاسىنى، سىڭدۈرگەن ئەجرىنى بىلىشى، چۈشىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.

 

«چاچ بويىتىش»

بۈگۈن دادام ئۆيدىلا ئۆزىنىڭ چېچىنى بويىدى. مەن قېزىقىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم: « دادا، سەن 60 كىرىپ قالاي دىگەن ئادەم چېچىڭنى بوياپ نېمە قىلىسەن؟ يەنە قىز-ئاياللارنى ئۆزۈڭگە تارتىپ باقاي دەمسە؟!»

دادام مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى:« مەن دائىم يۇرتقا قايتىشتىن بۇرۇن چېچىمنى تۇم قارا قىلىپ بويايمەن. مۇشۇنداق بولغاندا موماڭ ئوغلۇم تېخى ياش ئىكەن دەپ ئويلايدۇ ھەم ئۆزىمۇ ئۆزىنى بەك قېرى ھېس قىلمايدۇ ھەم بەك تېز قېرىپ كەتمەيدۇ.»

بالىلىرىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈپ، نەۋرىلىرىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىڭىزدا ئۆيدىكى ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ!

 

«قوغلىشىش»

جەمەتىمىزدىكى بوۋام دىمەتلىك 70 ياشقا كىرىپ قالغان ئادەم چوڭ دەرۋازا ئالدىدا بەش-ئالتە ياشلىق بالىلار بىلەن توپىلىق يەردىلا ئولتۇرۇپ مەرمەر تاش ئويناپ، تېخى بالىلار بىلەن تەڭ ۋارقىرىشىپ-جارقىرىشىپ، چىدىماسلىق قىلدىڭ دەپ توۋلىشىپ ئويناۋاتاتتى.

ئۇلۇغ مومام بوۋامنىڭ توۋلاشلىرىنى ئاڭلاپ ھاسىغا تايانغان ھالدا چىقىپ بوۋامنى ئۇرماقچى بولغاندا ئورنىدىن تۇرۇپلا يۈگۈرۈپ قاچتى. نەتىجىدە ئۇلۇغ مومام يەنىلا بوۋامنى تۇتۇۋېلىپ ھاسىسى بىلەن ئوبدانلا بىرنى قويدى. بۇ ئىشتىن كىيىن بوۋام كۈلۈپ تۇرۇپ:« ئەگەر ئانامنىڭ يىقىلىپ كېتىشىدىن قورقمىغان بولسام ئانام مىنى ھەرگىزمۇ تۇتۇۋالالمايتى .....»دېدى.

مەيلى قانچە ياشتا بولسۇن ئانا مەڭگۈ شۇنداق مېھرىبان ھەم ئىللىق ھالەتتە مەۋجۈت. ئانا ھەمىشە بىر ئۆمرىمىزنى سەرپ قىلىپ بولسىمۇ قوغداشقا ئەرزىيدىغان ئادىمىمىزدۇر.

 

«گۇمپا»

دادا: ئوغلۇم، سېنىڭچە مەن بەستلىكمۇ؟

ئوغۇل: ھەئە، دادا

دادا: شىياۋلىن گۇمپىسى قالتىسمۇ؟

ئوغۇل: قالتىس.

دادا: ئەگەر مەن چېچىمنى چۈشۈرۋېتىپ شياۋلىن گۇمپىسى مەشىق قىلسام بولارمۇ؟ قانداق بولا؟

ئوغۇل چاۋاك چېلىپ تۇرۇپ: بەك ياخشى بولىدۇ. قالتىس بولىدۇ.

ئىككىنجى كۈنى ئوغۇل بالا دادىسىنىڭ تاقىر بېشىغا قاراپ تۇرۇپ خوشاللىق بىلەن مۇنداق دەيدۇ:« دادا، چوقۇم غەيرەت قىلىڭ. چوقۇم قالتىس ماھىر بولۇپ يېتىشىپ چىقىڭ دادا.»

ئۇ كۈنى دادا خېمىيىلىك داۋالاشنى باشلىغان كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنى ئىدى.

چاقچاقنىڭ ئارقىغا يۇشۇرۇنغىنى بەلكىم بىر ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئېيتىلغان يالغان سۆز بولىشى مومكىن. بىز يۈزەكى قارىماسلىقىمىز، ئىشنىڭ ماھىيتىنى چۈشىنىپ تېگىگە يېتىشىمىز كېرەك.

مانا بۇ بەش ھېكايە قىزىقارلىق بولۇپلا قالماي يەنە ھېكمەتكە تولغان بولۇپ ئەڭ ئاخىرىدىكى ھېكايىنى ئوقۇۋېتىپ ھاياجانلانغىنىمىزدىن كۆزلىرىمىزگە ياش كېلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بارلىق ئاتا-ئانىلار ئوخشاش. ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن تەر ئاققۇزۇپ، ئۈن-تىنسىز ئەجىر سىڭدۈرىدۇ. ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستلىرىڭىزغىمۇ تارقىتىپ قويۇڭ.

 يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg