ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
ئايالچە ياسىنىپ نەچچە يۈز ئەرنى ئازدۇرغان ئەر قولغا ئېلىندى
ۋاقتى : 2018-09-23 16:48:38  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

001.jpg

سۈرەتتىكىسى Bryan Deneumostierنىڭ گىرىم قىلىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىنكى ھالىتى

كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، Bryan Deneumostier بۇ يىل 32 ياشتا بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى خومېستېدتا تۇرىدىكەن. ئۇ 9-ئاينىڭ 20-كۈنى Bryan ئىككى تۈرلۈك خەۋەرلىشىش خاتىرىسىنى ئوغرىلاش جىنايىتىنى ھەمدە 150تىن ئارتۇق ئەر بىلەن قانۇنسىز ۋېدىيو ئىشلەپ، ئۇنى ئۆزى ياسىغان تور بېكەت ۋە ئۈچىنچى تەرەپ تور بېكەتكە قويغانلىقىنى ئىقرار قىلغان. نۆۋەتتە Bryan ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشنى ساقلىماقتا، ئۇنىڭ تور بېكىتىمۇ تاقىۋېتىلگەن.

002.jpg

بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن Bryan خومېستېدتىكى زاپاس ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا تۇرىدىغان بولۇپ، بىر قانۇنسىز تور بېكەت ياسىغان ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئايالچە ياسالغان سۈرەتلىرىنى يوللاپ 150تىن ئارتۇق ئەرنى ئالداپ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ قانۇنسىز ۋېدىيو ئىشلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 80 نەپەر ئەر Bryanنىڭ ۋېدىيو ئىشلىگەنلىكىنى بىلمەيدىكەن. ئىگىلىنىشچە، ۋېدىيودا ئەرلەرنىڭ كۆزى ئېتىپ قويۇلغان ياكى قارا رەڭ بېرىلگەن كۆزئەينەك تاقاپ قويۇلغان.

003.jpg

Bryan تورغا يوللىغان سۈرەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ قويۇق گىرىم قىلغان، يالغان كىرپىك تاقىغان، ئىشتان پايپاق، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ۋە كۆينەك كىيىۋالغان، دائىم بىر قىسىم ئىشارەت خاراكتېرلىك سۆزلەرنى يوللايدىكەن. 2018-يىلى 7-ئايدا Bryan قانۇنسىز ۋېدىيو يوللىغانلىقى ھەمدە قانۇنسىز تور بېكەت قۇرغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغان. تەپتىش ئەمەلدارى بۇ تور بېكەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەرزدە ئۈچ نەپەر زىيانلانغۇچىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

004.jpg

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، Bryan مۇشتەرىلىك ئوقۇشنى ئاساس قىلغان بىر تور بېكەتنى ئاچقان بولۇپ، ئۇنىڭدا تەخمىنەن 619 پارچە «ئازدۇرۇش» تىپىدىكى ۋېدىيونى يوللىغان، بۇ ۋىدىيولار ئاساسلىقى Bryan بىلەن باشقا ئەرلەرنىڭ نامۇۋاپىق ئىشلىرى خاتىرىلەنگەن ۋېدىيو ئىكەن. ئەدلىيە مىنسىتىرلىقىنىڭ بىر باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، Bryan زىيانلانغۇچى بىلمىگەن ئەھۋالدا مەخپىي ئاۋاز ۋە سىنغا ئالغان ھەمدە ئۇنى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىگە يوللىغان ياكى چەتئەلدىكى ئۈچىنچى تەرەپ تور بېكىتىگە سېتىپ بېرىپ نەپ ئالغان. نۆۋەتتە Bryan ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، تور بېكىتىمۇ تاقىۋېتىلگەن.

يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg