ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
ئاۋسترالىيە ئالىملىرى قېرىشقا، راك كېسىلىگە قارشى تۇرالايدىغان دورا بايقىدى
ۋاقتى : 2018-05-16 11:18:03  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 20180515203015295.jpg

ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بىر بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئۇلار بىر خىل قېرىشقا، كېسەلگە قارشى تۇرىدىغان دورا بايقىغان. بۇ دورا ھۈجەيرىلەرنى «ئالداپ» ئۆزىنى ناھايىتى ياش ھېسابلىتىدۇ ھەم ئىنسانلارنى كېسەللىكلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراشتىن ساقلايدۇ.

كىۋېنسلەند تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىاتچىلىرى ھازىر تەتقىق قىلىۋاتقان بۇ سىرلىق دورا قېرىش جەريانىنى ئۈنۈملۈك كېچىكتۈرۈپ، راك كېسىلى، ئالزىيمېرس كېسىلى، Ⅱ تىپلىق دىيابىت كېسىلى، بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئالدى ئېلىشى ياكى كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن.

دېرىك رىچارد (Derek Rid) كىۋېنسلەند تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن پىروفېسسورى. ئۇ: «راك كېسىلى بىلەن قېرىش ئارىسىدا ناھايىتى مۇھىم مۇناسىۋەت مەۋجۇت. ئادەم بەدىنى زىيانغا ئۇچرىغان DNAنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل ئىقتىدار بارغانسېرى چېكىنىدۇ» دېدى.

ئۇزۇن يىللىق تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئۇ راك كېسىلى ۋە قېرىش تەتقىقات پىلانى گۇرۇپپىسى ئۆزلىرىنىڭ بىر خىل «قوغدىغۇچى پەرىشتە» hSSB1 ئاقسىلى تاپقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنى تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ساغلاملىققا ئىگە قىلىشى مۇمكىن.

پىروفېسسور رىچار: «بۇ يېڭى دورىنىڭ فۇنكىسىيەسىhSSB1 ئاقسىلىنىڭ بەدىنىمىزدىكى جانلىقلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.hSSB1 ئاقسىلى DNAنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. بىز ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي يېشىدىن كۆپ كىچىك ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرەلەيمىز» دېدى.

يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg