ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
ئۈچلەمچى تاماكىنىڭ تارقىلىشى سىز ئويلىغاندىنمۇ ئېغىر ئىس-تۈتەكسىز رايوندىنمۇ تاپقىلى بولىدۇ
ۋاقتى : 2018-05-14 18:59:08  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 درېكسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈچلەمچى تاماكىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى كىشىلەر ئىلگىرى ئويلىغاندىنمۇ كەڭ، ئۇ ھەتتا ئىس-تۈتەكسىز قۇرۇلۇش بىنالىرىدىمۇ بار ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ ئىنسانلارغا زادى قانداق زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ھازىرچە تېخى ئېنىقلانمىدى. چۈشىنىشىمىزچە، بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى دوكتور ئاسپرانت ئانىتا ئاۋېرى تاسادىپى بايقاپ قالغان. شۇ چاغدا، ئۇ بىر ئىس-تۈتەكسىز دەرسخانىدا سىرتتىن ئىچىگىچە كىرىدىغان ھاۋا زەررىچىلىرىنىڭ ھەركەت قىلىشىنى تەتقىق قىلىۋاتاتتى.

لېكىن نەتىجە ئۇنى ھەيران قالدۇردى، ئۇ دەرسخانا ئىچىدىكى سۇيۇق يىلىمسىمان ھاۋا تەركىبىدە 29 پىرسەنت ئۈچلەمچى تاماكا خىمىيەلىك ماددىسى بارلىقىنى بايقىغان. «بۇ ئېنىقلا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ ھەمدە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنچە كۆپ ئۈچلەمچى تاماكا زادى قانداق بولۇپ تاماكا چېكىشكە بولمايدىغان، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان دەرسخانىدا بولىدۇ.»

ئۈچلەمچى تاماكا ئادەتتە تاماكا ئىسىنىڭ زەررىچىلىرىدىن كېلىدۇ، ئۇ تاماكا ئوتىنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن پەيدا بولۇپ، ئاساسلىقى ھەرخىل سىرتقى يۈزلەرگە تايىنىدۇ. بۇ خىل زەررىچە ماددا تېرىگە سۆمۈرۈلىدۇ، ھەتتا ھاۋا ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ.

بۇ بايقاش ئۈچلەمچى تاماكىنىڭ يېڭى تارقىلىش يولىنى ئېچىپ بەردى. تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە، بۇ لەيلىمە مىكرو زەررىچىلەرگە تايىنىدىغان خىمىيىلىك ماددىلار قايتىدىن ھاۋاغا تارقىلىپ ئاخىرىدا «ئىس-تۈتەكسىز رايون»غىمۇ بارالايدىكەن. 

گەرچە بۇ تەجرىبە كىشىلەرگە ئۈچلەمچى تاماكىنىڭ قوغدىلىدىغان ئىشخانا مۇھىتىدا تارقىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنىنى ئېنىقلىيالمىدى. ئەمما تەتقىقات ماقالىسىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى مايكول ۋورىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككىلەمچى تاماكىغا ئوخشاشلا، ئۈچلەمچى تاماكىنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنىدىن ساقلانماق تەس ئىكەن.

ئەمما ھەممىلا ئادەم بۇ كۆز قاراشنى قوللىمايدۇ، لوندون خانىش مارىي ئۇنىۋېرسىتېتى تاماكا خۇمارى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى پېتىر خاجىكنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ تەتقىقات ھەرقانداق سالامەتلىككە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، كۆپ ۋاقىتلاردا تەتقىقاتلارنى ئاخبارات تاراتقۇلىرى بۇرمىلاپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىۋاتقان تېمىلارنى مەجبۇرىي قوشۇۋالىدىكەن.

ئەمما يېقىنقى نۇرغۇن تەجرىبىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈچىلەمچى تاماكا كىشىلەرنىڭ ئۆپكە راكى ۋە جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۋېتىدىكەن. يەنە كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، بوۋاقلار ئۈچىلەمچى تاماكىنىڭ زىيىنىغا ئەڭ كۆپ ئۇچرىغۇچىلار ئىكەن. بوۋاقلار يەردە ئۆمىلەپ ماڭغاندا ناھايىتى ئاسانلا بۇ خىل ئۈچىلەمچى تاماكا زەررىچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. بۇنى ئېنىق ئىسپاتلاش ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. 

يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg