ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
ھىندىستانلىق يىگىتنىڭ بېشىغا ئاچقۇچ كىرىپ كەتتى
ۋاقتى : 2018-05-01 16:39:13  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاندىكى بىر يىگىت باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، دوختۇر-سېستىرالار بۇ يىگىتنىڭ بېشىغا بىر تال ئاچقۇچ كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندە چاغدا ئۆزلىرىنىڭ كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالغان.

ئىسىم-فامىلىسى ئېنىقسىز 19 ياشلىق بۇ يىگىت ھىندىستاننىڭ ماخاراشتىرا ئۆلكىسىدىن بولۇپ، ئۇ گېداج كەنتىدە باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندىن كېيىن بېشىغا بىر تال موتسىكلىت ئاچقۇچى سانجىپ كىرگۈزۈۋېتىلگەن.بۇ يىگىت دوختۇرخانىغا جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق موتسىكلىت ئاچقۇچىنىڭ ئۇنىڭ باش سۆڭىكىگە 5 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا سانجىلىپ كىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.

 

ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان بۇ ئەھۋال ھەتتا دوختۇرلارنىمۇ قاتتىق چۆچۈتۈۋەتكەن. نېرۋا كېسەللىكلىرى تاشقى بۆلۈمىنىڭ بىر دوختۇرى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ناۋادا ئۇنىڭ مېڭىسىدىن قان چىققان بولسا ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. دوختۇر شايلېندىرا ئۇتتامراۋ ماركاد (Shailendra Uttamrao Markad) مۇنداق دېگەن: «4-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 لار ئەتراپىدا، بۇ يىگىت كەنتتە باشقىلار بىلەن ئۇرۇشقاندىن كېيىن قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر دانە موتسىكلىت ئاچقۇچى باش سۆڭىكىگە ناھايىتى چوڭقۇر تىقىپ كىرگۈزۈۋېتىلگەن».

دوختۇرلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىگىت شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 لەردە ئامبۇلاتورىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، دوختۇرلار تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ يىگىتنى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 لەردە ئوپېراتسىيە قىلىشنى قارار قىلغان.

 بۇ يىگىت ئادلېش دوختۇرخانىسىدا مېڭە ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان بولۇپ،  قارىماققا ئادەمنى شۈركەندۈرىدىغان موتسىكلىت ئاچقۇچى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېلىۋېتىلگەن. بۇ يىگىتنىڭ سالامەتلىكى ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ، ئۇ قىسقىغىنا 3 كۈندىن كېيىنلا دوختۇرخانىدىن چىققان.

 yyyyyyyyy.jpg