ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
نىكاھ قانچە ئاددىي-ساددا بولسا، شۇنچە مۇستەھكەم بولىدۇ
ۋاقتى : 2018-04-28 11:26:24  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 003.png

ھاياتنىڭ %5 ى ھاياجان، %5 ى ئازاپ، %90 ى ئاددىي رېتىمدا ئۆتىدۇ. بىز ھەمىشە %5 ھاياجان ئۈچۈن، %5 ئازابقا بەرداشلىق بېرىپ، قالغان %90 ئاددىي-ساددىلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرىمىز. نىكاھ تۇرمۇشتىكى مۇھىم دەرس بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاددىي-ساددىلىق ئىچىدە ئۆتۈشكە بەرداشلىق بېرەلىشى كېرەك. مۇھەببەت يېڭى دەملەنگەن چايغا ئوخشىسا، نىكاھ بولسا يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تىنىپ قالغان چايغا ئوخشايدۇ، ئەمما بۇ تىنىق چاينىڭمۇ ئۆزگىچە تەمى بولىدۇ.

ئاتا-ئانام بۇ يىل 70 ياشتىن ئاشتى، ئىككىيلەننىڭ مىجەز-خاراكتېرى بەك ئوخشىشىپ كەتمىگەچكە تولا ئۇرۇشۇپ قالىدۇ، ياش چاغلىرىدىمۇ بەزىدە قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالاتتى. كىچىك ۋاقتىمدا ئاتا-ئانام قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالغاندا، ئانام ئۈنسىز ياش تۆكۈپ: سىلەرنى دېمىگەن بولسام داداڭلار بىلەن ھەرگىز ئۆي تۇتمايتتىم،-دېگەنىدى.

دەۋر ئامىلى، مۇھىمى مۇھەببەت سەۋەبلىك بولسا كېرەك، ئاپام دادامنىڭ ئالدىدا ئاجرىشىش توغرۇلۇق زىنھار ئېغىز ئاچمايتتى. بۇ خىل مۇھەببەت تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ئەكس ئېتەتتى. بۇنداق ئاددىي-ساددا تۇرمۇشنى «بەزىدە ئاچچىقلىنىپ ئۇرۇشۇپ قېلىشسىمۇ، 2-كۈنى ئىسسىق ناشتىلىق داستىخانغا قويۇلىدۇ» دېگەن جۈملە بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن.

بەختلىك نىكاھقا ئاددىي-ساددا ھېسسىيات، سەۋرچانلىقتىن ئىبارەت ئەخلاق ۋە كەڭ قورساقلىق جۆر بولغان بولىدۇ. شۇڭا نىكاھ ئاجايىپ-غارايىپ توسالغۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈش ئەمەس، بەلكى ئاددىي-ساددا تۇرمۇش ئىچىدىن بەخت ھېس قىلىش دېمەكتۇر. نىكاھ قانچە ئاددىي-ساددا بولسا شۇنچە مۇستەھكەم بولىدۇ. نىكاھىڭىزنى مەنىسىز دەپ ئويلىغىنىڭىزدا ئۆتكەن كۈنلىرىڭىزدىكى ھەر بىر كىچىك ئىشلارنى ئەسلەپ بېقىڭ، ئىنچىكە تەپسىلاتلار ۋە شۇ تەپسىلاتلارغا يوشۇرۇنغان مۇھەببەتنى ھېس قىلىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىڭ. نىكاھ تۇرمۇشىڭىز قايناق ھېسسىياتلارغا تولغان بولمىسىمۇ، ئەمما ھەر بىر تەپسىلاتتا ئۆزگىچە ئەسلىمىلىرىڭىز بار.

yyyyyyyyy.jpg