ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
تويدىن بۇرۇنقى ۋە تويدىن كىيىنكى ئۆزگۈرۈش ......
ۋاقتى : 2018-04-23 13:00:11  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 

ئوت-چۆپلەر ئۈنۈپ، بۇلبۇللار قانات قاققان، ئەتىرگۈللەر بەس-بەستە ئېچىلىپ، ئەتراپ گۈزەللىككە تولغان بۇ گۈزەل ئاپرېل ئېيىدا، تۇيۇقسىز كۆپچىلىك بىلەن ھەربىر كىشىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ گۈزەل بولغان توي ئىشى توغرىسىدا سۆزلىگۈم كېلىپ قالدى.

توي قىلىش تىلغا ئېلىنسا، بەزىلەر تەقەززا بولسا، يەنە بەزىلەر چەكسىز ھېس-تۇيغۇغا چۆمۈلىدۇ. گەرچە ئۆزۈم توي قىلمىغان بولساممۇ، بىراق ئەتراپىمدىن ھېس قىلغانلىرىمنى سۆزلەپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم. بەلكىم سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردىكى بارلىق توي قىلغان دوستلىرىڭلارنىڭ «توي قىلىشتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى پەرق» دېگەندەك تېمىلارنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىدىغانلار بولۇشى مۇمكىن. قېنى ئۇنداقتا، بىزمۇ ئۇلارنىڭ قارىشىدىكى بۇ پەرقلەرنى كۆرۈپ باقايلى، زادى توغرىمۇ-خاتامۇ؟

1. تويدىن بۇرۇن خۇددى تۇتاش تەنلىك بوۋاق بولسا، تويدىن كېيىن كىچىك ئائىلە ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا كۈرەش قىلىش باشلىنىدۇ.

توي قىلىشتىن بۇرۇن ھەتتا «چوكانتال بايرىمى»دىمۇ بىللە بايرام ئۆتكۈزۈشنى ئىستىسە، تويدىن كېيىن ھەتتا توي قىلغان خاتىرە كۈنىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ. 

2. تويدىن بۇرۇن، ھەمىشە كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق بەرپا قىلىشنى ئويلىسا، تويدىن كېيىن، تۇرمۇشتىكى داۋالغۇشلار بىلەن چارچاپ كېتىدۇ.

تويدىن بۇرۇن، ئۇ تۇغۇلغان كۈنۈمدە ماڭا قانداق سوۋغات تەييارلاش ئۈستىدە قاتتىق ئويلىنىپ، ھەتتا 999 يۈەنلىك قىزىل بولاق ئېتىپ، نېمە ئېلىشنى خالىساڭ، شۇنى ئال دەيتتى.

3. تويدىن بۇرۇن ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە-تويدىن كېيىن پىرولېتارىيات.

تويدىن بۇرۇن تاماق يېيىش، مال سېتىۋېلىش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇل تۆلەيدۇ، ئۇنىڭ پورتمالىنى چىقىرىپ، ئىناۋەتلىك كارتا سۈركىگەندىكى ھالىتى تولىمۇ كېلىشكەن تۇيۇلۇپ كېتىدۇ. تويدىن كېيىن بولسا، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، يانفونۇمنى چىقارغانلىقىمنى كۆرگەن ھامان، دەرھال ئارقىسىغا داجىپ: «كېلىڭ خوتۇن، كېلىڭ، سىز بېرىڭە، سىز بېرىڭە» دەيدۇ.

4. تويدىن بۇرۇن ئاشىق-مەشۇق، تويدىن كېيىن ئۇرۇق-تۇغقان.

تويدىن بۇرۇن، «قوزام»، «قەدىرلىكىم»، «ئوماق» ھەر خىل چاقىرىشلار-تويدىن كېيىن، «بودەك ئاپىسى»

6. تويدىن بۇرۇن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقسا، تويدىن كېيىن بىر خىل خاتىرجەملىك

تويدىن بۇرۇن ئۇ: «سىزنى بودەك باقىمەن، بۇنداق بولغاندا، ھېچكىم سىزنى مەندىن تارتىۋالالمايدۇ»، دېسە، تويدىن كېيىن: «ئېغىرلىقىڭىز ئويلىغىنىمدىنمۇ بەكرەك ئېشىپ كەتتى»، دەيدۇ.

7. تويدىن بۇرۇن بەخت ئىككى ئادەم بولسا، تويدىن كېيىن بەخت بىر ئائىلە كىشىلىرىدۇر.

ئىلگىرى ئوغۇل دوستۇم كاماندوروپكىغا چىققاندا، ماڭا بىلەيزۈك، گىرىم بۇيۇملىرى دېگەندەك نەرسىلەرنى سوۋغات سۈپىتىدە ئېلىپ كېلەتتى. ھازىر توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كېيىن، ئىشىكتىن چىقسىلا بالىغا ئويۇنچۇق ئالىدىغان بولدى.

8. تويدىن بۇرۇن ئۇ چوڭ يىگىت بولسا، تويدىن كېيىن بىر ئەركەك.

ئىلگىرى ھەمىشە ياخشى ئىشلەپ، پۇل تېپىپ مېنى باقىمەن دەيدىغان ئادەم، بۈگۈنكى كۈندە توي قىلىپ بالىلىق بولغاندا، ئۇ جېنىنى تىكىپ خىزمەت قىلىپ، ئانا-بالا ئىككىمىزنى باقىمەن دەيدۇ.

9. تويدىن بۇرۇن بەزىدە بىشەملىك بولسىمۇ، تويدىن كېيىن ئۆز-ئارا يول قويۇش بولىدۇ.

تويدىن بۇرۇن، كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ، قېيداپ قالسام ئۇ بار ئاماللارنى قىلىپ مېنى بەزلىسە، تويدىن كېيىن چېچىلساممۇ ئۇ ماڭا ئۆزۈمنى بېسىۋېلىشقا يېتەرلىك ۋاقىت بېرىدىغان بولدى.

10. تويدىن بۇرۇن ھەمكارىلاشقۇچى بولسا، تويدىن كېيىن شېرىك بولىدۇ.

تويدىن بۇرۇن، ئۇ مېنى ھەرخىل چوڭ-كىچىك كوچىلارغا باشلاپ بېرىپ، ياخشى يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرسە، تويدىن كېيىن، جاھاندىكى بارلىق ئېسىل تائاملارنى تېپىپ، ئۆيدە ئەتكۈزۈپ يەيدىغان بولدى. بىراق بىردىنبىر ئوخشاشلىقىمىز بولسا، بىز يەنىلا باشتىن-ئاخىرى بىر-بىرىمىزگە ھەمراھ بولدۇق.

مېنىڭچە، ئىككىمىز ئارىسىدىكى بىردىنبىر ئۆزگەرمىگىنى تويدىن بۇرۇن نېمە يېگۈمىز كەلسە، شۇنى يەيتۇق، تويدىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا. يېيىش، ئېچىش جەھەتتە ئىككىمىزنىڭ نىشانى قەتئىيلىك بىلەن ئۆزگەرمىدى.

ئەمەلىيەتتە، تويدىن بۇرۇن ۋە كېيىن ئازدۇر-كۆپتۇر پەرقلەر مەۋجۇت بولۇپ، كىشىنى ئازىراق بولسىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويىدۇ. بىراق ھەركۈنى سەھەردە بىر ئىستاكان سۈت ئىچىپ، كەچ بولغاندا چىراغنىڭ يېنىشى، قىش كۈنىدە ئىسسىق يوتقاننىڭ بولۇشى، يەنە تېلېفوندىكى «ئازىراق ئىچىڭ» دېگەندەك، تاپىلاشلار كىشىنى چەكسىز ئىللىقلىققا تولدۇرىدۇ.

توي قىلىش، ئەمدى سىزنىڭ بىر ئادەم ئەمەسلىكىڭىزنى، ئىككى ئادەمنىڭ بىرلىكتە جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغانلىقىدىن، مەيلى سىرتنىڭ تۇرمۇشىنىڭ نەقەدەر گۈزەل ياكى خەتەرلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئائىلىنىڭ مەڭگۈ ئىللىق ئاخىرقى نۇقتا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

yyyyyyyyy.jpg