ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغان ئەر-ئايالنىڭ بالىسى تۆت يىلدىن كېيىن كۆز ئاچتى
ۋاقتى : 2018-04-12 16:31:47  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 

بىر جۈپ جۇڭگولۇق ئەر-ئايال قاتناش ۋەقەسىدە بەختكە قارشى قازا قىلىپ، تۆت يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ بالىسى دۇنياغا كۆز ئاچتى. يېقىندا، بۇ ئاجايىپ غەلىتە خەۋەر ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ياپونىيەنىڭ ئاخبارات ھەپتىلىكىنىڭ 11-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ئالاھىدە بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشى ئىنتايىن ھەيران قالارلىق بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە ياپونىيەلىك تورداشلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان.

شېن جيې، ليۇ شى ئىسىملىك ياش ئەر-ئايال تۆت يىل بۇرۇن قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلدى. بۇ ئەر-ئايال ئىككەيلەن قازا قىلىشتىن بۇرۇن، تۇغماسلىقنى داۋالىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇقلانغان تۆت تۆرەلمىسى ساقلىنىپ  قالغان.

تۆرەلمىنى تىرىك بالىغا ئايلاندۇرۇش، ئىككى ئائىلىنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادى ئۈچۈن، بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان چوڭلار ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ، دەۋالىشىپ، بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ، بۇ بالىنى دۇنياغا كۆز ئاچۇرماقچى بولدى.

بۇ ياشانغانلارنىڭ قانداق قىلىپ، تۆرەلمىنىڭ ھامىيلىقىغا، بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش، قانداق قىلىپ بۇ تۆت تۆرەلمىنى چەتئەلدە ۋاكالىتەن تۇغدۇرۇش، يەنە قانداق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بالىنى دۆلەتكە قايتۇرۇپ كېلىش دېگەندەك مەسىلىلەر، ئادۋوكات ۋە ياشانغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەممسى يېڭى سىناق ئىدى. 

ئەڭ ئاخىرىدا 2017-يىلى دېكابىردا، ئۇرۇقلانغان تۆرەلمە لائوستىكى 28 ياشلىق ۋاكالىتەن ئانىنىڭ ياردىمىدە، ئاخىرى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچتى.

بالىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، تۆت ياشانغان كىشى خۇددى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆلۈپ كەتكەن ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولۇپ، چەكسىز شادلىققا چۆمدى ھەمدە كېيىن بالىنى چەتئەلگە چىقىرىپ تەربىيەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئىش ياپونىيە تاراتقۇلىرىدا تارقالغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن تورداشلار قاتتىق ھەيران قېلىشتى ھەمدە تۈرلۈك سوئاللارنى سورىدى:

«بىر خىل شۇنداق قالتىستەك ھېس قىلىۋاتىمەن»

«بۇ پەقەت پۇلدارلار قىلالايدىغان ئىشتۇ!»

«گەرچە شۇ خىل تۇيغۇنى چۈشەنسەممۇ، بىراق بۇ بالا بۇ خىل ئۇسۇلدا تۇغۇلسا راستتىنلا ھېچقىسى يوقمۇ؟»

«ئەگەر بۇ بالا سەۋەبلىك ئىككى ئۆيدىكى چوڭلار كېلىشەلمىسە، ئۇنداقتا بۇ بالىنى كىم قوغدايدۇ؟ خەۋەردىن بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ خېلىلا پۇلدارلىقى چىقىپ تۇرىدۇ، نېمىشقىكىن، بۇنداق ئىشلار بەكلا مۇرەككەپ تۇيۇلىدۇ». 

«بالىنىڭ كەلگۈسىدە تۇغۇلغانلىقىغا پۇشايمان قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز». 

yyyyyyyyy.jpg