ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
ئائىلىدە باقسا كىشىلەرنى زەھەرلەيدىغان سەككىز خىل گۈل ۋە ئۆسۈملۈك
ۋاقتى : 2018-04-10 11:54:56  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيىنى گۈل ۋە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن بېزەشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما، ئۇلار قانداق ئۆسۈملۈك ياكى گۈلنى ئۆيگە قويسا، ساغلاملىققا زىيانلىق ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلمايدۇ.

تۆۋەندە بىز ئۆي ئىچىگە قويۇلسا بالىلار ۋە ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سالىدىغان، كۆپ ئۇچرايدىغان بىر نەچچە خىل ئۆسۈملۈكنى سۆزلەپ ئۆتىمىز، گۈل باققۇچى دوستلارنىڭ دىققەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

1.چىپار يوپۇرماقلىق رودىيە: قىچىشىش ۋە تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

چايان ئوت ئائىلىسىدە زەھىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى چىپار يوپۇرماقلىق رودىيە. ئۆسۈملۈك مۇتەخەسسىسنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگو ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى سانلىق ئامبىرى ئاللىقاچان بۇ خىل ئۆسۈملۈكنى زەھەرلىك ئۆسۈملۈك قاتارىغا كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە يېرى زەھەرلىك ئىكەن، بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ شىرنىسى تېرە بىلەن ئۇچراشقاندا، قىچىشىش ۋە تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كىچىككىنە بىر پارچىسىنى يۇتقاندا كېكىردەك قاتتىق ئاغرىپ، ئاۋاز بەلبېغىنى پالەچ قىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا تىلى ئىششىپ تۇنجۇقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2.سۆگەتگۈل: تېرىگە رېئاكسىيە قىلىدۇ. 

سۆگەتگۈل ناھايىتى چىرايلىق ئېچىلىدۇ ھەم ئۆستۈرۈش ئاسان. ئەمما، سۆگەتگۈلنىڭ ھەربىر قىسىمىدا زەھەر بار بولۇپ، ئىنسانلارغا ۋە ئەرمەك ھايۋانلارغا زور خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ. 

سۆگەتگۈلنىڭ يوپۇرمىقى، پوستى، گۈلى ۋە مېۋىسىدە سۆگەتگۈل گىلىكوزىدى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل زەھەرلىك ماددا بار، ئۇ بالىياتقۇنى روھلاندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىنى تېزلىتىدۇ. سۆگەتگۈلنىڭ گۈل چېڭىدىن ياسالغان ھەسەلمۇ ناھايىتى خەتەرلىك. گۈلىنىڭ خۇشپۇراق ھىدى ئادەمنى مەست قىلىپ، نەپەسلىنىش سىستېمىسىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. سۆگەتگۈلى ئاجرىتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇق بىلەن ئۇچراشسا، ئاسانلا تېرە قىزىرىپ رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ. سۆگەتگۈلنى ئۆيگە قويۇشقا بولمايلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

3.تۇياقسىمان نېلۇپەر: ئېغىزنى كۆيدۈرىدۇ.

تۇياقسىمان نېلۇپەر بەلگىلىك مىقداردا زەھەرلىك بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە كالتسىي ئوكسالات بار، ھەر بىر قىسمىدا زەھەرلىك ماددا بار بولۇپ، ئىنسانلار ۋە ھايۋانلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ. تەركىبىدىكى ئوكسالات ئېغىز بوشلۇقىنى كۆيدۈرۈپ، ئىششىتىپ، يۇتۇش قىيىن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

4.نەرگىس گۈلى: ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر نەرگىس گۈلىنىڭ غولىنى خاتا ھالدا پىياز ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭ غولىغا زىيانلىق خىمىيەۋى ماددا لىكورېن يىغىلغان. ئامېرىكا دۆلەتلىك زەھەرلىك ئۆسۈملۈكلەر مەركىزىنىڭ كۆرسىتىشىچە، لىكورىننى كۆپ ئىستېمال قىلمىغان ئەھۋالدا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىكەن، ئەمما، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئاشقازان ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدىكەن. ھايۋانلاردا قان قەنتى تۆۋەنلەپ شۈكلەپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن، ئادەملەردە بولسا بوغۇزى ئاغرىش ۋە يۇتۇش قىيىن بولۇش كېلىپ چىقىدىكەن.

5.ئالوكازىيە ئوتى (دېڭىز ياڭىقى): قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئالوكازىيە ئوتىنىڭ غولىدىكى ئاق رەڭلىك سۇيۇقلۇقتا زەھەر بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن تامچىغان سۇمۇ زەھەرلىك. ئېھتىياتسىزلىقتىن تېگىپ كەتسە ياكى خاتا ھالدا ئىستېمال قىلسا، ئېغىز ۋە يۇتقۇنچاق بىئارام بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا نەپەس قىسىلىپ يۈرەك ئاجىزلىشىدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. تېرە ئۇنىڭدىن چىققان سۇيۇقلۇق بىلەن ئۇچراشسا قىچىشىدۇ ياكى كۈچلۈك غىدىقلىنىدۇ، كۆزگە تېگىپ كەتسە، كۆز پەردىسى ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا قارىغۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۆيدە كىچىك بالىسى بارلار ھەرگىز بۇ خىل ئۆسۈملۈككە يېقىنلاشماسلىقى كېرەك.

6.كاككۇك گۈلى: كۆڭلى ئېلىشىش ۋە قۇسۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كاككۇك گۈلى ۋە كاككۇك ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرمىقىدا زەھەرلىك ماددا بار، كاككۇك گۈلىدىن ياسالغان ھەسەل زەھەرلىك، ئېھتىياتسىزلىقتىن ئىستېمال قىلغاندا، ئېغىزى ئوت كەتكەندەك قىزىيدۇ، ئارقىدىن ئالامەتلىرى بارا-بارا ئېغىرلاپ، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش ۋە تېرىسى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاخىرىدا ھەتتا باش ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، غۇۋا كۆرۈش، يۈرەك سوقۇشى رىتىمسىز بولۇش، ئېغىر بولغاندا شۈك بولۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

7.ئانتۇرىيە گۈلى: ئىششىپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئانتۇرىيە گۈلىنىڭ يوپۇرمىقى ۋە غولىنىڭ شەكلى غەلىتە. گۈلىنىڭ ئاتىلىق ۋە ئانىلىقىنىڭ ئەتراپى قىزىل ياكى ھال رەڭدە بولۇپ، بۇ ئورۇنلار زەھەرلىك. خاتا ھالدا ئىستېمال قىلسا ئېغىزى كۆيۈپ ئاغرىيدۇ، ئارقىدىن ئىششىپ كۆپۈكچە ئۆرلەيدۇ، ئاۋازى پۈتۈپ قالىدۇ، ھەتتا يېمەكلىكلەرنى يۇتۇش قىيىنلىشىدۇ. يۇقىرىقى ئالامەتلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بارا-بارا ئاجىزلايدۇ ھەمدە يوقايدۇ. ئەگەر ئاغرىقنى پەسەيتمەكچى بولسا، مۇزدەك سۇيۇقلۇق ياكى ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

8.پېچەكگۈل: قۇسۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

پىچەكگۈلنىڭ غولى ۋە يوپۇرمىقى زەھەرلىك بولۇپ، تارتىشىپ قېلىش، قۇسۇش، نەپىسى قىيىنلىشىش قاتارلىق زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پېچەكگۈل بالىلار ۋە ھايۋانلارنىڭ ئاشقازىنى بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر خاتا ھالدا ئىستېمال قىلسا، تېرە قىزىرىش، ئاغرىش، ئېغىز بوشلۇقى ياكى كېكىردەك ياللۇغلىنىش، شۇنداقلا قىزىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

yyyyyyyyy.jpg