ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
40 ياشلىق ئايالنىڭ توردا تونۇشۇپ بىللە تۇرغان يىگىتى ئايال چىقىپ قالدى
ۋاقتى : 2018-04-07 11:52:09  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 111.jpg

بىر ئايال 2016-يىلى توردا بىر ئەر بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ، ئۇ ئەرنىڭ كېلىشكەن قەددى-قامىتى ئايالغا تولىمۇ يېقىپ قالىدۇ. ئىككىيلەن مۇشۇنداق تونۇشقاندىن كېيىن ئەر ئايالغا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. ئايال ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ توي قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى، يەنە تېخى توققۇز ياشلىق بىر بالىسىمۇ بارلىقىنى ئېيتىدۇ، ئەمما ئەر بۇ ئىشلارنى ئېغىر ئالمايدۇ، ئەكسىچە ئايالغا تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ كېتىدۇ. ئايال بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككىيلەن رەسمىي مۇھەببەتلىشىشكە باشلايدۇ.

222.jpg

ئۇ ئەرنىڭ بۇ ئايالغا بولغان مۇئامىلىسى تولىمۇ ياخشى بولۇپ، ئۇ دائىم ئايالنىڭ بالىسىنى سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ ئوينىتىپ كېلەتتى. ئەر يەنە بۇ ئايال بىلەن ئائىلە قۇرۇش خىيالى بارلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەرنىڭ ھەر خىل شېرىن-شېكەر ياغلىما سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇ ئايال بارغانسېرى ئۇنىڭدىن ئايرىلالماس ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ. ئەمما كېيىنچە ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ئەر تۇيۇقسىز غايىب بولۇپ كېتىدۇ، تېلېفونىمۇ ئېلىنمايدۇ، ئۈندىداردىمۇ جاۋاب قايتۇرماسلا بولىدۇ، يەنە تېخى ئۈندىداردىكى ئىسمىنىمۇ ئۆزگەرتىۋالىدۇ. شۇ چاغدىلا بۇ ئايال ئاندىن بۇ ئىشنىڭ سەل غەلىتىلىكىنى بايقايدۇ، چۈنكى بۇ ئىككىيلەن ئارىلىشىپ يۈرگەن چاغلاردا بۇ ئايال ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۇ ئەرگە تەخمىنەن 300 مىڭ يۈەندەك پۇل خەجلەپ بەرگەن ئىدى.

333.jpg

شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايال ھەممە ئاماللارنى ئىشلىتىپ ئۇ ئەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىدۇ. كېيىن بۇ ئايال ئۆزىنىڭ سابىق ئوغۇل دوستىنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرىنى بايقايدۇ ۋە «جىنسى» دېگەن يەردە تۇرغان «ئايال» دېگەن خەتنى كۆرۈپلا ئارقىسىغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاسلا قالىدۇ. بۇ ئايال بىر يىل مۇھەببەتلەشكەن، يەنە تېخى ئالتە ئاي بىر ئۆيدە تۇرغان بۇ «ئوغۇل دوستى»نىڭ ئەمەلىيەتتە ئايال كىشى ئىكەنلىكىنى ھەرگىزمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدى.

yyyyyyyyy.jpg