ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
مۇنداق ئاياللار لەۋ سۇرۇخ سۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ
ۋاقتى : 2018-03-12 17:07:13  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 11.jpg

كالپۇك ياللۇغى بار ئاياللار. كالپۇك ياللۇغى بار ئاياللار لەۋ سۇرۇخ سۈرمەسلىكى كېرەك. كالپۇك ياللۇغىنىڭ ئاساسلىقى لەۋ قۇرغاقلىشىش، لەۋ تېرىسى چۈشۈش، لەۋ سىزىقلىرى روشەنلىشىش، لەۋ قىزىرىپ ئىششىش، لەۋدە دانچىلار پەيدا بولۇش ئالامەتلىرى بولىدۇ. كالپۇك ياللۇغى بار ئاياللار تامامەن ساقىيىپ كېتىشتىن ئىلگىرى لەۋ سۇرۇخ سۈرمەسلىكى كېرەك، بولمىسا كالپۇك ياللۇغى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

22.jpg

پەرداز قىلمايدىغان ئاياللار. ھازىر توردىكى نۇرغۇن بىلوگ ئىگىلىرى لەۋ سۇرۇخلارنى تونۇشتۇرغاندا ياكى تەۋسىيە قىلغاندا پەردازسىز ھالەتتىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، دەيدۇ. ئەمما بۇ يەردە ئېيتىلغان «پەردازسىز ھالەت» تېرىڭىز ئاق ھەم نۇرلۇق بولسا ياكى سۇس پەرداز قىلغان ئەھۋالدا لەۋ سۇرۇخ سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر تېرىڭىز سارغۇچ، خۇنۈك بولسا پەرداز قىلماستىن لەۋ سۇرۇخ سۈرۈۋالسىڭىز ئىنتايىن كۆرۈمسىز كۆرۈنۈپ قالىسىز.

33.jpg

لېۋىنى ئاسرىمايدىغان ئاياللار. ئەگەر لېۋىڭىز يېرىلىپ، تىرىسى چۈشكەن بولسا ياكى لەۋ سىزىقلىرىڭىز روشەن بولسا، يەنىلا لېۋىڭىز سىلىق، يۇمران ھالەتكە كەلگەندە ئاندىن لەۋ سۇرۇخ سۈرۈڭ. ئەگەر لېۋىڭىز يېرىق ھالەتتە تۇتۇق لەۋ سۇرۇخ سۈرسىڭىز چىراي گۈزەللىكىڭىزگە تېخىمۇ تەسىر يىتىدۇ. شۇڭا لېۋىڭىز يېرىق ھالەتتە لەۋ سۇرۇخ سۈرمەسلىكىڭىز كېرەك. ئەگەر زۆرۈر بولسا ئالدى بىلەن لەۋ ئاسراش سۇرۇخى سۈرگەندىن كېيىن ئاندىن لەۋ سۇرۇخ سۈرۈڭ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg