ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
تايلاندتا ساغلاملىققا زىيانلىق بىر مىليون 650 مىڭ تال ساختا ئورۇقلىتىش دورىسى قولغا چۈشۈرۈلدى
ۋاقتى : 2018-03-09 12:31:17  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 111.jpg

تېڭشۈن تورى خەۋىرى،8-مارت تايلاند ئالاھىدە دېلو نازارىتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، چياڭمەيدا تۇيۇقسىز زەربە بېرىپ ئۈچ دورا ياساش قارا ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىپ، جەمئىي بىر مىليون 650 مىڭ تال مەسىلە بار ئورۇقلىتىش دورىسىنى قولغا چۈشۈردى، بۇ دورىلارنىڭ بازار قىممىتى 10 مىليون تايلاند باختى (تەخمىنەن ئىككى مىليون يۈەن)دىن ئاشىدۇ.

222.jpg

بۇ ئورۇقلىتىش دورىلىرىنىڭ تەركىبىدە چەكلەنگەن زور مىقداردىكى «سىبۇكۇلار چۈمىڭ» بار، ئادەم ئۇنى ئىچكەندىن كېيىن ئىشتىھاسىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق، ئېغىزى قۇرۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ، لېكىن ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتسە يۈرەك كېسىلى، بۆرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ.

333.jpg

ئالاھىدە دېلو نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئورۇقلىتىش دورىلىرىنى ئىنسابسىز سودىگەرلەر ئوراپ قاچىلاپ مۇنتىزىم ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى شەكلىگە كەلتۈرۈپ (يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىق نومۇرىنى تەقلىد قىلىپ ياسايدۇ)، ئاندىن ئاساسلىقى توردا تۆۋەندىكى ۋاكالەتچىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شەكلىدە زور مىقداردا ساتىدۇ.

444.jpg

كونىلار «دورىنىڭ ئۈچ ئۈلۈشى زەھەر» دەپ توغرا ئېيتقان، يەنە كېلىپ بۇ دورىلاردا چەكلەنگەن تەركىبلەر بار، بۇ دورىنى ئىچىپ ھايات قېلىشنىڭ ئۆزى بىر تەلەي. شۇڭا كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئورۇقلاشنىڭ توغرا يولى ھېسابلىنىدۇ.

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg