ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
ئاق كېسەلدە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى قايسىلار؟
ۋاقتى : 2018-03-08 11:54:35  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

1111.png

 تۇرمۇشتىكى ئاق كېسەلنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئۈزۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ. كۆپلىگەن بىمارلار ۋاقتىدا داۋالاتمىغانلىقى ئۈچۈن، كېسەل تېخىمۇ ئېغىرلىماقتا. بۇ بىمارنىڭ ئاق كېسەلنىڭ كېسەللىك ئالامىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ كەملىكىدىن بولۇپ، ئۇنداقتا ئاق كېسەلنىڭ قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى بار؟

دەسلەپكى مەزگىلدىكى كېسەللىك ئالامىتى

ئاق كېسەل دەسلەپكى مەزگىلدە تىرناق ياكى تەڭگىچىلىك چوڭلۇقتا بولۇپ، چەمبەرسىمان، ئېللىپپىسسىمان ياكى قانۇنىيەتسىز شەكىلدە بولىدۇ. كېسەللىك قوزغالغاندا چېكىتسىمان سۇس رەڭلىك داغدەك بولۇپ، ئارىلىقلىرى كۆپ ھەم روشەن بولىدۇ؛ بەزىلىرىنىڭ چېكىتسىمان سۇس رەڭلىك داغ بولۇپ، ئەتراپىنى پېگېمىنىت بەلۋىغى ئايلىنىپ، ئاق داغلىق ئورۇنلار پېگېمىنىت تاشلىغاندىن سىرت، كېسەللىك ئورنىدا قورۇلۇش ياكى كېپەك تاشلاشتەك ئۆزگىرىشلەر بولمايدۇ. ئاق داغلارنىڭ ئۈستىدىكى تۈكچىلەر پېگېمىنىت يوقاتقانلىقى ئۈچۈن پۈتۈنلەي ئاقىرىپ كېتىدۇ. بەزىلەردە يەنە تۈكچىلەر ئۇزۇنغىچە ئۆزگەرمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت.

تەرەققىيات باسقۇچىدىكى كېسەللىك ئالامىتى

تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ئاق كېسەل ئادەتتە ئاق رەڭلىك داغدىن سۈت رەڭگە ئۆزگىرىپ، ئاق داغنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، ئاق داغ ئەتراپىدا كۆرۈنەرلىك ئىز قالمايدۇ. بۇ دەل ئاق داغنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭەيگەن ھادىسىسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭا بىمارلار بەدىنىدە ئاق داغ كۆرۈلگەن ھامان، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىشى، كېسەللىك ئەھۋالىنى كونتىرول قىلىشى، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

تۇراقلىشىش مەزگىلىدىكى كېسەللىك ئەھۋالى

تۇراقلىشىش مەزگىلىدىكى ئاق داغنىڭ رەڭگى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىدۇ. ئەگەر بىمار بەدىنىدىكى ئاق داغ رەڭگىنىڭ قېنىق قىزىللاشقان ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىسا ھەمدە ئاق داغنىڭ چىگرىسى كۆرۈنەرلىك بولسا، ئۇنداقتا، بۇ ئاق داغلارنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، ئاق داغلارنىڭ ئەمدى كېڭەيمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىمار ئاق داغ دائىرىسىنىڭ بارغانسېرى كىچىكلەۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. بىمار بۇ ئەھۋاللارنى بايقىغاندىن كېيىن، ئاق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگەندە، كېسەلنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشىگە ياردىمى بولىدۇ. 

yyyyyyyyy.jpg