ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
كۈندە بىر تال بەرەنگى يېيىشنىڭ پايدىسى كۆپ
ۋاقتى : 2018-03-01 12:05:06  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 بەرەنگى سەكتە (شامال دارىش) نىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بەرەنگىدە ۋىتامىن B ۋە ئەلا سۈپەتلىك سېللۇلوزا (تالا ماددىسى) مول بولۇپ، ئادەم تېنىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈش رولى بار. بەرەنگىدىكى يېمەكلىك تالالىرى ۋە قومۇش شېكىرى(ساخاروزا)نىڭ ھەزىم قىلىش يوللىرى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، داۋالاشقا، قاندىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى كونترول قىلىشقا ياردىمى بولىدۇ؛ ئۇنىڭدىكى ئاقسىللار يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. بانان، ئۆرۈك، شاپتۇل قاتارلىق كالىي مول مېۋە – چىۋىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، سەكتە(شامال دارىش)نىڭ خەتىرىنى ئازايتالايدۇ، ھەرقانداق ئەكس تەسىرى بولمايدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، كۈندە بىر دانىدىن بەرەنگى يەپ بەرگەندە، سەكتە(شامال دارىش)نىڭ خەتىرىنى %40 ئازايتقىلى بولىدىكەن.
ئورۇقلىتىدۇ. بەرەنگىدە ماي تەركىبى ئارانلا %0.1 بولغاچقا، ئۇنى يېگەندە ماي ئارتىپ كېتىشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. بەرەنگىنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە ماينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتقىلى، ئارتۇقچە مايلارنى تەدرىجىي چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەرەنگى يەپ بەرگەندە ئوزۇقلۇقنىڭ بىر خىل بولۇپ قېلىشىدىنمۇ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. بەرەنگىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ياكى ساقلىقنى ساقلاش رولى جەھەتتىن، سېرىق پۇرچاقتىن تۆۋەن تۇرمايدۇ؛ ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددالار، ھەتتا ئوزۇقلۇق ماددىلار ئۇن – گۈرۈچكە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ تولۇق بولىدۇ.
ئاشقازاننى ئاسرايدۇ. جۇڭگو تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، بەرەنگى ئاشقازاننى تەڭشەيدۇ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ قۇۋۋەتلەيدۇ، ئاشقازان يارىسىنى داۋالاش، ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ، زەھەر ھەيدەيدۇ، ياللۇغ قايتۇرىدۇ.

yyyyyyyyy.jpg