ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
«يالغان قورساق»نى يوقىتىپ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر
ۋاقتى : 2018-02-12 18:31:37  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 

ئىشخانىدا خىزمەت قىلىدىغانلار، ئىسمېنا ئالمىشىپ ئىشلەيدىغانلار ئۇزاق ئولتۇرۇش ياكى ھاجەتكە بېرىشقا ۋاقتى چىقماسلىق سەۋەبىدىن چوڭ تەرەت ۋە بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلار بەل قىسىمىغا يىغىلىپ «يالغان قورساق» پەيدا بولىدۇ. زەھەرلىك ماددىلار ئۇزاق ۋاقىت ئادەم بەدىنىدە يىغىلىپ تۇرغاندا چىراي سارغىيىپ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ قەۋزىيەت ھەتتا بوۋاسىر كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەردە «يالغان قورساق» بار، نېمىشقا بۇنداق دەيمىز؟ چۈنكى قەۋزىيەت كىشىنى قورسىقى يوغاندەك كۆرسىتىپ قويىدۇ، كىشىنى بىزار قىلىدىغان بۇ «يالغان قورساق»نى يوقىتىش ئۈچۈن سۇنى كۆپ ئىچىش بىلەن بىللە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچەينىڭ تازىلىنىشىغا ياردەم بېرىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بەرگەندە «يالغان قورساق» تەبئىيلا كىچىكلەپ قەۋزىيەتتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا قايسى يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك؟

تۆۋەندە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەرنى تونۇشتۇرىمىز:

 

ئاناناس

ئاناناسنىڭ تەركىبدە ئېنزىم(ئېچىتقۇ) ۋە ۋىتامىنC مول بولۇپ ئاناناس ئېنزىمى ئۈچەي يولىدىكى ئارتۇقچە ئاقسىلنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا ياردەم بېرىپ قورساق كۆپۈشنى يېنىكلىتىدۇ. ئاناناسنى تاماقتىن بۇرۇن يېسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، بىراق ئۈچەي-ئاشقازان يارىسى بارلار ئاچ قۇرساققا ئاناناس يېسە بولمايدۇ.

بانان

باناندا تالا مول، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى، تەركىبىدىكى مېۋە يېلىمى ئۈچەينى سىلىقلاپ چوڭ تەرەتنىڭ بەدەندە يىغىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا باناننىڭ تەركىبدىكى كالىي، ماگىنىي قاتارلىق مېنېرال ماددىلار نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ جىددىيلىشىشنى پەسەيتىدۇ. يەنە ئاپېلسىن، چوڭ ئاپېلسىن (ئاق تۇرۇچ)، ئامېرىكا ئۈزۈمى، ئالما قاتارلىق مېۋىلەرمۇ بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىدا ئىشقارغا ئايلىنىپ قاندا ئىشقار ماددىسىنى شەكىللەندۈرۈپ توكسىننىڭ بەدەندە توپلىنىۋېلىشىنى چەكلەيدۇ.

چوڭ ئاپېلسىن (ئاق تۇرۇچ)

ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ۋىتامىنA، كالتىسىي، ناترىي قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر مول بولۇپ ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ ئۆپكىنى سىلىقلاش شۇنداقلا ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمى بار. ئىسسىقلىق مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، تېزلا تويۇپ كەتكەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ كۆپ نەرسە يەۋېلىشىڭىزنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئورۇقلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. چوڭ ئاپېلسىننىڭ تەركىبىدە يەنە ئاپېلسىن پوستى گىلىكوزىدى بار، ئۇ قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى  تۆۋەنلىتىپ قان تومۇر توسۇلۇپ قېلىش پۇرسىتىنى ئازايتىدۇ.

پىياز

پىياز ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن باشقا ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. تەركىبىدىكى مول گۈڭگۈرۈتنىڭ ئاقسىل بىلەن بىرىكىشى جىگەرگە پايدىلىق بولۇپ، بەدەندىكى زەھەرنى تازىلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا پىياز تەركىبىدىكى مىكرو ئېلېمېنت–سېلېن بىر خىل ناھايتى كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى رېئاكتىپ، ئۇ بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى يوقىتىپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

ئالما

ئالمىنىڭ تەركىبىدە سۇدا ئېرىشچان يېمەكلىك تالاسى مېۋە يېلىمى ۋە ئېرىمەس تالالار بار، شۇنداقلا سۇ مىقدارى كۆپ بولۇپ ئىنىچكە ئۈچەينى غىدىقلاپ ئۈچەي يولىدىكى سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسىنىڭ سانىنى ئاشۇرىدۇ؛ تەركىبىدىكى سېللوزا ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە تەرەتنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارىنى كۆپەيتىدۇ.

كەرەپشە

كەرەپشىدە تالا مىقدارى يۇقىرى، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ ئۈچەي يولىدىكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى تازىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى شەكىللەندۈرۈشىنى تىزگىنلەپ بوغماق ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

تاتلىق ياڭيۇ

تاتلىق ياڭيۇ تەركىبىدە مول يېمەكلىك تالاسى ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بولۇپ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى بار، شۇنداقلا ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ قەۋزىيەتتىن يىراق قىلىدۇ، بەدەندىكى فولىك كىسلاتاسىنى قوغداپ راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

كاۋا

تەركىبىدە پېكتىن مول، ئۈچەينىڭ قەنت ۋە ياغ قوبۇل قىلىشىنى ئاستىلىتىپ بەدەندىكى ئېغىر مېتال ۋە قىسمەن دېھقانچىلىق دورىلىرىنى تازىلاشقا ياردىمى بولۇپلا قالماي يەنە زەھەر ھەيدەش رولى بار، شۇنداقلا ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتا بار بولۇپ ئادەم بەدىنىگە ئىنتايىن پايدىلىق.

قېرىنقۇلاق

تەركىبىدە ئېرىشچان تالا ماددىسى مول، قان شېكىرىنى تۇراقلاشتۇرۇپ ئۈچەيدىكى پايدىلىق باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قېرىنقۇلاق قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشىنى تىزگىنلەپ قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، ئۈچەي يولىدىكى توكسىننى سۈمۈرۈۋېلىپ چوڭ تەرەت بىلەن بىللە چىقىرىپ تاشلايدۇ.

پۇرچاق

پۇرچاق تەركىبىدە سۇدا ئېرىمەيدىغان يېمەكلىك تالاسى مول، يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتىنى ئازايتىپ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بوغماق ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ. سېرىق پۇرچاق، قارا پۇرچاق قاتارلىقلاردا مول بولغان لېتسىتىن بار، ئۇ ياغنى پارچىلاش «ماھىرى» بولۇپ ياغ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

زەمبۇرۇغلۇق يېمەكلىكلەر

لامنارىيە، يىڭنىسىمان ئوتياش قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئۆسۈملۈك كوللاگېنى بار، بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنى ئازايتىپ ئۈچەينى تازىلايدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىشنىڭ ياخشى ياردەمچىسى.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

yyyyyyyyy.jpg