ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
بەدەن كېسەللىكتىن ئالدىن بېشارەت بېرىدۇ
ۋاقتى : 2017-10-13 12:01:06  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 بەدەن كېسەللىكتىن ئالدىن بېشارەت بېرىدۇ

4.jpg


ھەر قانداق بىر كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىغا بىر جەريان كېتىدۇ، قوزغىلىشتىن بۇرۇن بەدەندە بەزى بىشارەتلەر كۆرۈلىدۇ، سىنگاپورلۇق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق توققۇز خىل بېشارەتنى يەكۈنلىدى:
سەھەردە كۆڭۈل ئېلىشىش: ھەزىم قىلىش يولى ياكى جىگەردە مەسىلە كۆرۈلگەندە، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچراپ، سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا قورساق كۆپۈش ۋە كۆڭۈل ئېلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، جىگەر ياللۇغى، جىددىي خارەكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بىزى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەردىمۇ ئوخشاش ئالامەت پەيدا بولىدۇ.
پۇت داۋاملىق ئىششىش: سەھەردە تۇرۇپ 20 مىنۇت ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىنمۇ پۇتتىكى ئىششىق يانمىسا، بۇ جىگەر قېتىشىشنىڭ بېشارىتى. يەنە يۈرەك زەئىپلىشىش، جىگەر كېسىلى ۋە بۆرەك كېسىلىدىمۇ مۇشۇنداق ئالامەت پەيدا بولىدۇ.
سەھەردە يۈرىكى سېلىش ۋە ئېچىرقاش تۇيغۇسى پەيدا بولۇش: سەھەر سائەت تۆت، بەشلەردە تۇيۇقسىز ئويغىنىپ، قاتتىق ئېچىرقاپ ھەم چارچاپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولسا، ئەمما تاماق يېگەندىن كېيىن بىئارامسىزلىق تەدرىجىي يوقالسا، ئۇنداقتا بۇ دىيابېت كېسىلى ياكى جىگەردە مەسىلە بارلىقىنىڭ بىشارىتى.
قول تىتىرەش: بۇ ئالامەتنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس، بۇنداق ئەھۋالدا چوقۇم دوختۇرغا كۆرۈنۈپ پاركىنسون كېسىلىمۇ، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىشمۇ ياكى نېرۋا كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ دېگەن سۇئالغا جفۋاب تېپىش زۆرۈر.
چاچ چۈشۈش: بەزىلەرنىڭ يۇيۇنغاندا چېچى چۈشىدۇ، بۇ چاچتىكى ئوزۇقلۇقنىڭ ئازىيىشى ياكى ھورمون ئاجىرىتىش نورمال بولماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەرلىك ھورمون مەنبەلىك چاچ چۈشۈش دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى، چۈنكى تۈك خالتىسى ئەرلىك ھورمۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ھەم بالدۇر يىگلەپ، چاچ شالاڭلىشىش ۋە چۈشۈشنى پەيدا پەيدا قىلىدۇ.
تۇيۇقسىز ئورۇقلاپ كېتىش: بەزىلەرنىڭ ئىشتىھاسى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن تۇيۇقسىز ئورۇقلاپ كېتىدۇ، بۇ قالقانسىمان بەز كېسىلىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.
پەلەمپەيدىن چىققاندا يۈرىكى سېلىپ دىمى سىقىلىش: بۇ يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك كېسىلىنىڭ، يەنە يۈرەك ئىقتىدارى ئاجىزلىغانلىقنىڭ ئالامىتى، بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەنلەر دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتمىسە بولمايدۇ. دۈمبە ئاغرىش: مۇسكۇل ئاغرىقىدىن باشقا، مۇسكۇل ـــ سۆڭەك مەنبەلىك دۈمبە ئاغرىش، بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى ئاجراش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى دۈمبە ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ.

yyyyyyyyy.jpg