ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
ئۇنىڭ ئىسىمى«ساغلام ھايات»
ۋاقتى : 2017-10-13 11:57:57  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 ئۇنىڭ ئىسىمى«ساغلام ھايات»

2.jpg


ئىلگىرى ھاياتقا شۇنداق خىتاب قىلاتتىم: جاھاندا بويسۇندۇرغىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق. شۇڭلاشقىمىكىن، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە مېنىڭ ھاياتىم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئۈلگە ئىدى، ئەمما مېنى خىزمەتتىن باشقا خۇشاللىققا ئەسىر قىلالايدىغان ئىشلار بەك ئاز ئىدى. كېيىنچە بايلىق مېنى بىر خىل ئادەت خاراكتېرلىك رېئاللىققا دۇچار قىلدى، ئۇ بولسىمۇ بەكلا سېمىز بەدىنىم ئىدى، بۇ بەدەن ئەمەلىيەتتە تولىمۇ كۆپ كارغا كەلمەس ئەخلەت چاۋادىن پۈتكەنىدى.
مۇشۇ پەيتتە كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ ھاياتىمنىڭ ھەربىر دەقىقىسىنى ئويلاپ چىقتىم. ئاخىر كۆز ئالدىمغا ئىلگىرى ماڭا چەكسىز ھۇزۇر ئاتا قىلغان بارلىق ئىجتىمائىي نام-ئاتاق ۋە بايلىق دۆۋىسى كەلدى، بىراق ئۇلارنىڭ ئەزرائىل تەھدىت سېلىپ بولغان مۇشۇ چاغدا يىرتقىلى بولمايدىغان زۇلمەت پەردىسىگە، ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى بايقاپ قالدىم.
ئاشۇ قاراڭغۇ كېچىلەردە ئۆزۈمگە قايتا-قايتا مۇنداق سۇئال قويۇپ باقتىم: ئەگەر ھاياتىمدىكى ئۆتمۈشلەرنىڭ ھەممىسى تامامەن ھالاك بولغاندا، ھاياتىمنىڭ قىممىتىنى مۆلچەرلەشكە توغرا كەلسە، بۇ نەرسىلەر ئاللىقاچان قىممىتىنى يوقاتقان بولىدۇ، ئۇنداقتا مەن ھازىر ئەڭ موھتاج نەرسە زادى نېمە؟ ھاياتىمدا ماڭا تەئەللۇق بولغان ئاشۇ بايلىقلار، ئاشۇ نام-ئاتاقلار زادى ماڭا نېمىلەرنى ئاتا قىلالىدى؟ ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان نەرسىلىرى بارمۇ زادى؟
تۇم قاراڭغۇلۇقتا مەن ئاشۇ مېتالدىن پۈتكەن خىلمۇ خىل ئەسلىھەلەر چىقارغان روھقا ئوخشاش غەلىتە نۇر ۋە ھەر خىل ئاۋازدىكى بېشارەتلەرگە دىققەت قىلىپ، بىردىنلا ئەزرائىلنىڭ ئىسسىق تىنىقى چېھرىمگە ئۇرۇلغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. ئاخىر شۇنى چۈشىنىپ يەتتىمكى، ئادەمنىڭ ھاياتىدا پەقەت ئېھتىياجى قانغۇدەك بايلىقى بولسا، ئۇنداقتا چوقۇم بايلىق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق باشقا نىشانلارغا يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئەلۋەتتە ئەڭ مۇھىم بولۇشى، يەنى شېرىن مۇھەببەت ياكى سەنئەتكە بولغان ئىشتىياق ۋە ياكى پەقەت بالىلىقىدا كۆڭلىگە پۈككەن بىرەر ئارزۇ-ئارمان بولسىمۇ، شۇنىڭ كويىدا تېپىرلىشى كېرەك ئىكەن.
ئايىغى چىقماس بايلىق قوغلىشىش ئاخىرىدا ئادەمنى ئاچ كۆز ۋە ھېسسىياتسىز جانۋارغا، ھەتتا غالجىرلاشقان غەلىتە بىر مەخلۇققا ئايلاندۇرۇپ قويۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن، بۇنىڭغا ئەلۋەتتە مېنىڭ بۇ خاس كىشىلىك ھايات كەچمىشىم مىسالى بولالايدۇ.
تەڭرى ئادەمنى ياراتقان چاغدا بىزگە تولىمۇ چەكسىز ھېس-ھاياجان تۇيغۇلىرىنى ئاتا قىلغانىكەن، ئۇنىڭ مۇددىئاسى بىزنى ئادەملەرنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ چوڭقۇرلۇققا بەند قىلىنغان مۇھەببەتتىن ھۇزۇرلاندۇرۇش ئىكەنلىكى ئېنىق، بۇ ھەرگىزمۇ بايلىق ئېلىپ كېلىدىغان خىيالى تۇيغۇ ئەمەس، ئەلۋەتتە!
ھاياتىمدا ياراتقان بارلىق بايلىقنى ئەمدى مېنىڭ ئېلىپ كېتەلىشىم مۇمكىن ئەمەس، ئېلىپ كېتەلەيدىغىنىم پەقەت خاتىرەمنىڭ پايانسىز دېڭىزىغا چۆكۈندى بولغان تولىمۇ ساپ مىننەتدارلىق بىلەن ماددىي بايلىققا مۇناسىۋەتسىز مۇھەببەت ۋە ھېسىىىيات، ئۇلار مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلالمايدۇ ياكى ئۆزىنى ئۆزى يوقىتالمايدۇ، ئەنە شۇلار ھاياتتىكى ئەڭ مۇقەددەس ھەقىقىي بايلىق. ئۇ باشتىن-ئاخىر ئادەمگە ئەگىشىپ يۈرۈيدۇ، ئادەمگە ھەمراھ بولىدۇ، ئادەمگە كۈچ ۋە نۇر ئاتا قىلىدۇ...
ھاياتتا ئادەمنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغان نەرسە بايلىق بىلەن غايىنىڭ تەڭ ئىلگىرىلىشى بولىدىغانلىقى ئېنىق. بايلىقنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان قىسمى پەقەت تايىنلىقلا، باشقا ئاشقان قىسمى ئەلۋەتتە غايە ئۈچۈن خىزمەت قىلسا، ئېتىقادىڭىز ئۈچۈن ئاساس بولسا، جەمئىيەت ئۈچۈن مەنىۋى بايلىق ياراتسا، شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە...چۈنكى مېھىر-مۇھەببەت ئېتىلىپ تۇرغان قۇرۇماس بۇلاق، ئۇنىڭ چېگرىسى ئەسلا بولغان ئەمەس...قەيەرگە بارغۇڭ كەلسە شۇ يەرگە كېتىۋېرىسەن، قانچىلىك ئېگىزلىككە چىقماقچى بولساڭ چىقىۋېرىسەن...ھەممە سېنىڭ قەلبىڭدە، ھەممە سېنىڭ قولۇڭدا...تامامەن سېنىڭ خۇسۇسىي دۇنيارىڭدا...
دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت كارىۋات قايسى؟ ئۇ ئەلۋەتتە كېسەل كارىۋىتى!
باشقىلار ساڭا ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىشى مۇمكىن، ساڭا ۋاكالىتەن پۇل تېپىپ بېرىشى مۇمكىن، ئەمما ساڭا ۋاكالىتەن كېسەل بولۇپ بېرىدىغان ئادەم ئەسلا يوق ھەمدە ئۇنداق قىلىپ بېرەلمەيدۇ!
بىرەر نەرسەڭ يوقاپ كەتسە، ئۇنى ھەر قانداق قىلىپ بولسىمۇ تېپىپ كېلەلەيسەن، ئەمما يىتتۈرۈپ قويسا تېپىلمايدىغان بىر نەرسە بار، ئۇ دەل ئادەمنىڭ ھاياتى!
ئادەم ئوپېراتسىيە ئۆيىگە كىرىپ كېتىۋاتقاندا، بىردىنلا ئوقۇپ بولالمىغان يەنە بىر كىتابنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىدىكەن. بىلگۈڭىز بارمۇ؟ ئاڭلاڭ، ئۇنىڭ ئىسمى «ساغلام ھايات»!

yyyyyyyyy.jpg