ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
ئەيدىز ۋىرۇسى قەيەردىن كەلگەن؟
ۋاقتى : 2017-09-17 11:58:11  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

2-1.jpg

1978-يىلى تەتقىقاتچى خادىملار ئامېرىكىنىڭ بىر تەجرىبىخانىسىدا ساقلانغان قان زەردابىدىن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈپ چىقتى، ئەمما 1972-يىلى، 1973-يىللىرى ئۇگاندادا توپلانغان قان زەردابىدىنمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسى تېپىلغانىدى. بۇ ئەسلىمە خاراكتېرلىك سېرىلوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، تۇنجى قېتىم ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى ئافرىقىدىن چىققان.

ئەيدىز ۋىرۇسى HIV 1 ۋە HIV 2دىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. HIV 2 نىڭ ئافرىقا ئاق قاش مايمۇنى، ماكاكا مايمۇنى ۋە ئافرىقا يېشىل مايمۇنى قاتارلىقلاردىن ئاجرىلىپ چىققان مايمۇن ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كەمتۈكلەشتۈرگۈچى ۋىرۇس SIVsm،SIVmac ۋە SIVagm قاتارلىقلار بىلەن بىرقەدەر ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى ئاللىبۇرۇن ئايان بولغان. بۇ مايمۇنلار SIV ساقلىنىدىغان ماكان ئىگىسىدۇر. HIV 2نىڭSIVsm بىلەن گېن تەرتىبىنىڭ مەنبەداشلىقى %70، HIV 1 بىلەن بولغان مەنبەداشلىقى بولسا پەقەت %40 ئەتراپىدا. مايمۇن ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كەمتۈكلەشتۈرگۈچى ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان مايمۇننىڭ قان زەردابى، HIV 2 نىڭ گىلىكوپىروتېئىن (قەنت ئاقسىلى) ۋە قاسراق ئاقسىلى P24 قاتارلىقلار بىلەن ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسىگە كىرەلەيدۇ، HIV 1 نىڭ قاسراق ئاقسىلى P24 بىلەن رېئاكسىيەلىشەلەيدۇ، ئەمما HIV 1 نىڭ گىلىكوپىروتېئىنى بىلەن ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسى قوزغىيالمايدۇ. شۇڭا HIV 2 تىپلىق ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى SIVsm دەپ قارىلىدۇ. ئەمما HIV 1 نىڭ كېلىش مەنبەسى مەسىلىسى، ئۇزۇندىن بۇيان تېخى بىر تەرەپ بولغىنى يوق.

ماتېرىياللاردا دوكلات قىلىنىشىچە، ئورانگۇتاندىنمۇ 3 تۈپ SIVcpz ۋىرۇسى ئاجرىلىپ چىققان بولۇپ، بۇ HIV 1 ۋىرۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. تەتقىقاتچى خادىملار گابوندىن تۇتقان ئورانگۇتاننىڭ تېنىدىن 2 تۈپ SIVcpzGAB1 ۋە SIVcpzGAB2 ۋىرۇسىنى ئايرىپ چىققان، شۇنداقلا زامبىيەدىن بېلگىيەگە ئىمپورت قىلىنغان ئورانگۇتاننىڭ تېنىدىنمۇ SIVcpzANT ۋىرۇسىنى ئايرىپ چىققان. بۇنىڭ ئىچىدىكى SIVcpzGAB1 ۋە SIVcpzANT بولسا تولۇق يادرو كىسلاتالىق تەرتىپنى تاماملاش ئانالىزىدىن ئۆتكەن.

ئامېرىكىنىڭ ئالاباما ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقىدىن ئىمپورت قىلىنغانبىر ئورانگۇتاننى بايقىغان، ئۇ 98 ئورانگۇتاننىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇپ، ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىممۇنىتېت ئېنزىم بىرلەشمە ئۇسۇلى ۋە ئاقسىل بەلگە قويۇش ئۇسۇلىدا تەكشۈرگەندە، ئۇنىڭ قان زەردابى HIV 1 ئانتىگېنى بىلەن كۈچلۈك رېئاكسىيەلەشكەن. مەزكۇر ھايۋانغا قارىتا ئەزەلدىن ئەيدىز ۋىرۇسىغا ئالاقىدار تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىغان، شۇنداقلا ئادەمنىڭ قان زەردابىنىمۇ قوبۇل قىلىپ باقمىغان، 1985-يىلى ھامىلىدار بولۇپ، تۇغۇتتىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن، شۇ چاغدىكى يېشى 26 ياش. جەسەت تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، ئۇنىڭدا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياللۇغى، قالدۇق بالا ھەمراھى ۋە قان زەھەرلىنىش كېسىلى باركەن. يادرو كىسلاتانى كېڭەيتىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، تال ۋە لىمفا توقۇلمىلىرىغا gag ،p01 نىڭ DNAتەرتىبىنى كېڭەيتكەندە، ئۇنىڭ HIV 1 ۋە SIVcpz بىلەن مۇناسىۋەتلىك چىققان، ئەمما ئازراق پەرق مەۋجۇت. توقۇلمىلاردىن vpu گېنى بايقالغان، نۆۋەتتە پەقەت HIV 1 ۋە SIVcpz ۋىرۇسىدىلا مەزكۇر گېن بار، HIV 2 ۋە SIVsm ۋىرۇسىدا بولسا يوق. ئالىملار بۇ ۋىرۇس گېنىغا SIVcpzUS دەپ نام قويدى، ئۇ بۇرۇن بايقالغان HIV-1 ۋە SIVcpz بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەمما پەرقى بار. ئۇلار يەنە HIV-1N گۇرۇپپىسىدىكى ۋىرۇس يادرو كىسلاتا تەرتىپىنىڭ SIVcpzUS بىلەن HIV 1 نىڭ ئالاقىدار يادرو كىسلاتا تەرتىبىنىڭ شالغۇتلىشىشىدىن شەكىللەنگەنلىكىنى بايقىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئورانگۇتاننىڭ ئەجدادلىرىدىلا ۋىرۇسنىڭ قايتا تەشكىللىنىشى مەۋجۇت بولغان دەپ قارىلىدۇ.

تۆۋەندىكى پاكىتلار ئارقىلىق HIV ھايۋاندىن ئادەمگە تارقالغان دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ:

(1) ۋىرۇس گېن گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلمىسى ئوخشىشىدۇ؛

(2) گېن سىستېما دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛

(3) تەبىئىي ماكان ئىگىسى ئارىسىدا تارقىلىدۇ؛

(4) جۇغراپىيەلىك تارقىلىشى بىردەك؛

(5) مۇۋاپىق تارقىلىش يولى مەۋجۇت.