ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار سۇ ئۈزۈشكە ماس كەلمەيدۇ
ۋاقتى : 2017-09-17 11:56:21  مەنبەسى : nur.cn  يوللىغۇچى : يارپ

Sinclair_Swimming.JPG

ياز پەسلىدە تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاچقا، سىرتقى مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولۇش سەۋەبىدىن بەدەن تېرىسىدىكى قان تومۇرلارنىڭ كۆرىنەرلىك كېڭىيىپ كېتىشىدەك بۇ خىل فىزىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىش يۈرەك قان تومۇر ئىقتىدارى نورمال بولمىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا بىر خىل يۈك ھېسابلىنىدۇ. 

يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار سۇ ئۈزگەندە بەدىنىدىكى سۇ تەر سۇيۇقلىقى ئارقىلىق كۆپ مىقداردا پارغا ئايلىنىپ چىقىپ كېتىپ، قان سۇيۇقلىقىنىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنىڭ يۇقىرلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قان بېسىمى تۇيۇقسىز يۇقىرىلاپ كەتسە شامالدارىش، مېڭە تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ بىللە قوزغىلىش خەتىرىمۇ چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سۇ ئۈزۈش ھەرىكەت مىقدارى ئېشىپ كەتسە، بىرلىك ۋاقىت ئىچىدىكى قاننىڭ ئېقىش مىقدارى كۆپىيىپ كېتىپ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قان سۇيۇقلىقىنىڭ تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن، تاجسىمان ئارتېرىيەلىك قان يېتىشمەسلىك، قان تومۇر سپازمىسى قاتارلىق ھادىسلەرنى، ھەتتا يۈرەك تىقىلمىسى ۋە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىمارلىرى ئىمكان قەدەر سۇ ئۈزۈشتن ساقلىنىش كېرەك.

e1ee0953c6869cfe7b6f5394097f2595.jpg