ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
سالامەتلىكنى ئاسراشتا ساقلىقنى ساقلاش ئوزۇقلۇقلىرىغىلا تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ
ۋاقتى : 2017-09-17 11:42:07  مەنبەسى : nur  يوللىغۇچى : يارپ

1.jpg

بۇ ماقالىدە تۆۋەندىكى مۇتەخەسسىلەرنىڭ قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

جۇڭگو قۇرۇلۇش پەنلىرى ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، تيەنجىن شەھەرلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى خاۋ شىشەن؛

جۇڭگو قۇرۇلۇش پەنلىرى ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو تىببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى سۈن يەن؛

جۇڭگو قۇرۇلۇش پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ لۇڭدې؛

جۇڭگو قۇرۇلۇش پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، دۆلەتلىك نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرى كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جوڭ نەنشەن؛

جۇڭگو قۇرۇلۇش پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى،بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىببىي ئىلىملەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جەن چىمىن؛

جۇڭگو قۇرۇلۇش پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، دۆلەت تىبابىتى پېشىۋاسى، تيەنجىن جۇڭيى دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى شى شۆمىن.

 ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا بەدەن ئىقتىدارى چېكىنىشكە باشلاپ، كۈتۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىراق، دىققەت قىلمىسا ئاسانلا ئېزىپ كېتىدىغان چىقىدۇ. يۇقىرىدىكى 6 ئاكادېمىك بىزگە ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن بۇ مەزمۇنلارنى ياخشى ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

2.jpg

بىرىنچى خاتا قاراش: قۇۋۋەت دورىسىنى كۆپ يېگەندە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى، راك كېسىلىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 

بەزىلەر مۇشۇ قاراشقا ئالدىنىپ، ساغلاملىقتىنمۇ، بايلىقتىنمۇ قۇرۇق قالىدۇ.

خاۋ شىشەن ئىلگىرى: «قۇۋۋەت دورىلىرىنى راك كېسىلىگە قارشى تۇرۇش رولى بار دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئالدامچى» دېگەنىدى. تۇرمۇش سەۋىيەمىزنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، ئادەمگىياھ، بۇغا مۈڭگۈزى، مېھرىگىياھ قاتارلىق ئالىي دەرىجىلىك قۇۋۋەت بۇيۇملىرى ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيىگىمۇ كىردى، بىر قىسىم ياشانغان كىشىلەر ئۇلارنى ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىغان «ئەڭگۈشتەر» دەپ قارىۋېلىپ كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلدى. ئەمەلىيەتتە، قۇۋۋەت دورىلىرىنىڭ ئۆمۈرنى ئۇزارتىش، راكقا قارشى تۇرۇش رولى ئەمەس، كىلىنكىلىق ئاساسىمۇ يوق. 2012-يىلىدىكى 18-نۆۋەتلىك «مەملىكەت بويىچە ئۆسمە كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات ھەپتىلىكى» پائالىيىتىدە جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىككى ئاكادېمىكى--جۇڭگو تىببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى سۈن يەن بىلەن تيەنجىن شەھەرلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى خاۋ شىشەن: «قۇۋۋەت دورىلىرىنى راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىۋاستە رول ئوينايدۇ دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئالدامچى، ئوزۇقلۇقلار ئارقىلىق راكنىڭ ئېلىشقا قارشى تۇرايلى» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەنىدى.

3.jpg

جۇڭگو قۇرۇلۇش پەنلىرى ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو تىببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى سۈن يەن بازارلاردىكى ئاتالمىش «راكقا كارشى تۇرىدىغان جۇڭيى دورىلىرى» ياكى «راكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر»نىڭ تەجرىبىدىن ئۆتمىگەنلىكى ھەمدە كىلىنىكىدا ئىسپاتلانمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «بىز دائىم بىمارلارنىڭ بىر قېتىم ئەمەس، بىر نەچچە قېتىم ئالدىنىپ قېلىپ ساغلاملىقى ۋە بايلىقىدىن قۇرۇق قېلىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىپ قالمىز. ئۇلار كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغاندا ئاندىن بىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ. بىز يا ئەۋلىيا بولمىساق» دېدى.

تۆۋەندە بىز قۇۋۋەت دورىلىرىدىنمۇ بەكرەك ئۈنۈم بېرىدىغان ساقلىقنى ساقلاش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇشىمىز. بۇ ئۇسۇللار ئاددىي، جىگەرنى زەخمىلەندۈرمەيدۇ، ئەكس تەسىرى يوق. بىراق، ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى ئويلىغانلار چوقۇم داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

4.jpg

بىرىنچى، چاچنى قول بىلەن تاراش.

سىشى تەيخۇ ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ قىلىدىغان ئىشى ئاغۋاتلىرىغا چېچىنى تارىتىپ بەدىنىنى ئۇۋۇلىتىش ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ 60 ياشلارغا كىرىپ قالغاندىمۇ سۇمبۇل چاچلىرى بار ئىدى، قېرىغان بىلەن ساغلام ئىدى.

بارماق بىلەن چاچنى تاراش باشنى ئۇۋۇلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. بۇ ئۇسۇلدا چاچ ئىككى قول بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا چاچ چېگرىسى سىزىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن ئارقىغا قارىتىپ يەڭگىل تارىلىدۇ، تاراش جەريانىدا مۇۋاپىق دەرىجىدە بېسىلىپ، باش تېرىسى قىزىغۇچە داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. بۇ ھەرىكەتنى ھەر كۈنى ئەتىگەن چۈش ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا 100دىن قىلسا مۇۋاپىق. بۇ ھەرىكەتنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، چاچنى قويۇقلاشتۇرغىلى، قېرىشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.

5.jpg

ئىككىنچى، پىيادە مېڭىش.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى پىيادە مېڭىشنى «دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى تەنھەرىكەت» دەپ ئاتىدى. بۇ ئۇسۇلنى دۆلىتىمىزدىكى يۈرەك كېسەللىكلىرى جەمئىيىتى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى كۈچەپ تەۋسىيە قىلىدۇ. 

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكىلەر ئىلگىرى: «پىيادە مېڭىش ئەڭ ياخشى تەنتەربىيە ھەرىكىتى. بۇ ئۇسۇل ھەم ئاددىي ھەم ئۈنۈمى ياخشى، ئەر-ئايال، قېرىش-ياش ھەرقانداق ۋاقىتتا باشلىسىمۇ كېچىكمەيدۇ» دېگەنىدى. تەتقىقاتلاردىن ھەر كۈنى 30 مىنۇتتىن ئارتۇق پىيادە مېڭىپ بېرىدىغانلارنىڭ بەدىنىدىكى ماي مىقدارىنىڭ قانچە يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نسىبىتى ئادەتتىكى ئادەملەردىن 4 ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

6.jpg

3. پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاش.

جۇڭيى تىبابىتىدە «يۇقىرىدىكى كېسەلنى تۆۋەن ئارقىلىق داۋالاش»قا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. بەدەندىكى ئىچكى ئەزالارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان 12 تومۇرنىڭ يېرىمىنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى ئادەمنىڭ «2-يۈرىكى» بولغان پۇتتا دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، 60 نەچچە پەللە پۇتقا مەركەزلەشكەن، ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى ئەزالارنىڭ 64 ئىنكاس رايونى پۇت ئالىقىنىدا بولۇپ، پۇتنى قىززىق سۇغا چىلاش ئارقىلىق بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلىغىلى، تومۇرنىڭ گارمونىكلىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ساقلىقنى ساقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

پۇتنى كەچ سائەت 9دا چىلىسا ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پۇت چىلىغاندا بۆرەك ئەڭ ئازادە ھالەتكە كېلىدۇ. پۇت چىلايدىغان سۇنى ياغاچ ياكى ئېمال داسقا 40 گىرادۇسلۇق قىلىپ تەڭشەش، سۇ ئوشۇققىچە كېلىش، تىزنى لۆڭگە بىلەن ئورىۋېلىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. 

پۇت ئالىقىنىدا يەنە ساقلىقنى ساقلاشتىكى چوڭ پەللە--يۇڭچۇەن پەللىسى بار. بۇ پەللە ئېچىلسا 12 تومۇرمۇ ئېچىلىپ، قان تومۇرلار كېڭىيىدۇ، زەھەر چىقىرىش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ، بۆرەك قۇۋۋەتلىنىدۇ، كۆز ۋە قۇلاق روشەنلىشىدۇ، قان تومۇرلار توسۇلۇپ قالمايدۇ، پۇت ئالىقىنىنىڭ كۈچى ئاشىدۇ. پۇتنى چىلاپ بولغاندىن كېيىن يوڭچۈەن پەللىسىنى ئۇۋۇلىسا قۇۋۋەت شورپىسى ئىچكەندىنمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ.

7.jpg

ئىككىنچى خاتا قاراش: كالتسىينى قانچە كۆپ تولۇقلىسا شۇنچە ياخشى. كالتسىي تولۇقلىغاندا يۇقىرى كالتسىيلىق قان كېسىلى، بۆرەككە تاش چۈشۈش ۋە يۈرەك كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

كالتسىي تولۇقلاش دۆلىتىمىزدىكى ھەربىر پۇقرانىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن. ياشانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى كالتسىينى قانچە كۆپ تولۇقلىسا شۇنچە ياخشى، كالتسىي قانچە كۆپ سۈمۈرۈلسە سۆڭەك شۇنچە مۇستەھكەم بولىدۇ دەپ قاراپ كالتسىينى ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەۋالىدۇ.

1. كالتسىي زىيادە كۆپ تولۇقلانسا يۇقىرى كالتسىيلىق قان كېسىلى، بۆرەككە تاش چۈشۈش قاتارلىق كېسەللەر پەيدا بولىدۇ. 

بېيجىڭ شىجىتەن دوختۇرخانىسى دورا ياساش بۆلۈمىدىكى شيې مېڭ بىلەن گۇ خوڭيەن كالتسىي تولۇقلاشنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئوزۇقلۇق جەمئىيىتى ئېغىرلىقى 70-50 كىلوگرام ئەتراپىدىكى ياشانغانلار ھەر كۈنى ئېھتىياجلىق بولىدىغان كالتسىي تولۇقلاش مىقدارى تەخمىنەن 1000 مىكروگرام، يېمەكلىكتىن سىرت قوبۇل قىلىنىدىغان كالتسىي مىقدارىنىڭ 700-300 مىكروگرام بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. تولۇقلىنىدىغان كالتسىي كۆپ بولۇپ كەتسە بەدەننىڭ تۆمۈر ۋە سىنىك قوبۇل قىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، قان تەركىبىدىكى كالتسىي ئاسانلا يۇقىرىلاپ كېتىدۇ، بۆرەككە تاش چۈشىدۇ.

60 ياشتىن يۇقىرىلار كۈنىگە قوبۇل قىلىدىغان كالتسىي مىقدارى 1000 مىكروگرامدىن ئېشىپ كەتكەندە سۆڭەكنى مۇستەھكەم قىلىش ئەمەس، ئەكسىچە سالامەتلىككە خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

8.jpg

2. ئۇزۇن مۇددەت كالتسىي تولۇقلىغاندا يۈرەك كېسىلى بولۇش خەتىرىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ.

گېرمانىيە خېيربائۇت راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 23 مىڭ 980 ئادەمنى 10 نەچچە يىل ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلغاندىن كېيىن كالتسىي تولۇقلىغانلار بىلەن تولۇقلىمىغانلارنىڭ يۈرەك كېسىلى بولۇش نىسبىتىنى سېلىشتۇرغان ھەمدە ھەيران قالارلىق نەتىجىگە ئېرىشكەن. ھېچقانداق ئوزۇقلۇق تولۇقلىمىغان 15 مىڭ 959 ئادەمدىن 851ىنىڭ تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغالغان. كالتسىي تولۇقلىغانلاردىن بىر قېتىم تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغالغانلار نىسبىتى %86 بولغان.

3. كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كالتىسىي تولۇقلىشىنىڭ ھاجىتى يوق.

ئەنگىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بىر باياناتچىسى: «ساغلام ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى تەڭشەلگەن يېمەك-ئىچمەك بەدەننى يېتەرلىك كالتسىي بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ» دېدى.

كالتسىي تولۇقلاشتىكى ياخشى تەدبىر:

بىرىنچى، كالتسىي تولۇقلاش قارارىغا كېلىش تولىمۇ ياخشى ئىش. بىراق، كالتسىي تولۇقلاشتا كالتسىي تابلېتى يېمەيمۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇللاردىن پايدىلانغاندا يەنە بۆرەككە تاش چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەشنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ.

9.jpg

بىرىنچى، ئاپتاپقا قاقلىنىش.

ئاپتاپقا قاقلانغاندا بەدەنگە ۋىتامىن D تولۇقلىنىدۇ. ۋىتامىن D بەدەننىڭ كالتسىي سۈمۈرۈشىگە ياردەم قىلىدۇ. ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10-9 ياكى چۈشتىن كېيىن سائەت 4-3لەردە سىرتقا چىقىپ 30-15 مىنۇت ئاپتاپقا قاقلانغاندا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. بىراق، ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئەينەك ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرغان ئورۇندا ئاپتاپقا قاقلانغاننىڭ پايدىسى يوق.

10.jpg

ئىككىنچى، ھەرىكەت قىلىش.

تەنھەرىكەتنىڭ سۆڭەك زىچلىقىغا بولغان تەسىرى %25-%5كە يېتىدۇ. تەنھەرىكەت سۆڭەك زىچلىقىنى، سۆڭەك ماددىسىنى ئاشۇرىدۇ، سۆڭەك شالاڭشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ھەر كۈنى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە بەدەن قوبۇل قىلالىغۇدەك دەرىجىدە مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ھەرىكەت قىلغاندا بەدەن سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. 

11.jpg

ئۈچىنچى، سۈت ئىچىش.

كالا سۈتى ۋە باشقا سۈتلەرنى تەبىئىي كالتسىي تولۇقلاش ئامبىرى دېيىشكە بولىدۇ. سۈت تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى كۆپ بولغاندىن باشقا، يەنە سۈمۈرۈلۈشىمۇ ياخشى. سېمىزلەر ۋە قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار ماي تەركىبى تۆۋەن كالا سۈتى ياكى باشقا سۈت مەھسۇلاتلىرىنى تاللىسا بولىدۇ.

12.jpg

ئۈچىنچى خاتا قاراش: ئەتىگەندە قانچە بالدۇر چېنىقسا شۇنچە ياخشى. بۇنداق قىلىش ئاسانلا يۈرەك، مېڭە، قان تومۇر كېسىلى پەيدا قىلىدۇ.

سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى، جۇڭگو قۇرۇلۇش پەنلىرى ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋاڭ لوڭدې ئەتىگەنلىك چېنىقىش، بولۇپمۇ سوغۇق ۋاقىتلاردا ئەتىگەنلىك چېنىقىشقا چىقىش سالامەتلىككە بولغان پايدىسى ئانچە كۆپ ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

سەھەردە چېنىقىشقا چىقىشنى «ساغلاملىقنىڭ قاتىلى» دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا قان تومۇر سىپازمىسى پەيدا بولىدۇ ۋە بۇ سەۋەبتىن مېڭە سەكتىسى كېلىپ چىقىدۇ. «بەدەن بىر كېچە ھېچقانداق يېمەك-ئىچمەك قوبۇل قىلمىغاچقا قاننىڭ يېپىشقاقلىقى يۇقىرى بولىدۇ، سەھەردە قان بېسىمىمۇ بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى ھالەتتە تۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەدەن چېنىقتۇرغاندا ئاسانلا يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ.» ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مېڭە سەكتىسى قوزغىلىدىغان ۋاقىت سائەت 8دىن 12گىچە بولغان ئارىلىققا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدىكى قوزغىلىش نىسبىتىنىڭ %37ىنى ئىگىلەيدۇ. بىراق، كەچ سائەت 8دىن 12گىچە بولغان ئارىلىقتىكى قوزغىلىش نىسبىتى ئارانلا %5. ۋاڭ لوڭدې: «مەن ھەر كۈنى كەچ سائەت 10دا 1.5 سائەت ئەتراپىدا بەدەن چېنىقتۇرىمەن. بۇنىڭ ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ» دېدى. ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5-4 بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى، ئۇنىڭدىن قالسا كەچلىك تاماقتىن 3-2سا ئەت كېيىنكى ۋاقىتمۇ خېلى مۇۋاپىق. بۇنىڭدىن باشقا، تۇمانلىق كۈنلەردە ھاۋا تەركىبىدە زىيانلىق ماددىلار كۆپ بولغانلىقتىن ئەتىگەنلىك چېنىقىشقا ماس كەلمەيدۇ.

شۇ سەۋەبتىن كەچتە چېنىقىش ئەڭ ياخشى تاللاش بولالايدۇ.

بەدەن قۇۋۋىتى كەچقۇرۇن ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كەچتە چېنىقىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشىراق بولىدۇ. كەچلىك چېنىقىشنى دەسلەپ باشلىغاندا بىر قىسىم يەڭگىل ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن گىمناستىكا ئويناش، ئۇسسۇل ئويناش، گۇمپا مەشىق قىلىش، تەيجى گۇمپىسى ئويناش، پىيادە مېڭىش، تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا كەچلىك چېنىقىش بىلەن ئۇخلاش ۋاقىت ئارىلىقى 2 سائەت ئەتراپىدا بولۇشى، ئاز دېگەندە بىر سائەتتىن ئاز بولماسلىقى كېرەك.

ئەلۋەتتە، ئەتىگەندە چېنىقىدىغان ئادت يېتىلدۈرسىمۇ بولىدۇ. بىراق، بەك سەھەردە چېنىقماسلىق كېرەك. كۈن چىقىپ بولغاندىن كېيىن، تەخمىنەن سائەت 10-9لاردا چېنىقىش ئەڭ ئاقىلانىلىك. چۈنكى كۈن چىقىشتىن ئاۋۋال ھاۋا تەركىبىدىكى كاربون (IV) ئوكسىد مىقدارى يۇقىرىراق بولىدۇ، ئورمانلىقلارنىڭمۇ ھاۋا سۈپىتى بىرقەدەر ناچار بولىدۇ.

13.jpg

تۆتىنچى خاتا قاراش: قېرىلارنىڭ سلامەتلىك تەكشۈرتۈشىنىڭ ھاجىتى يوق. 

بۇ قاراش خاتا. يىلدا بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك.

جۇڭگو قۇرۇلۇش پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، دۆلەتلىك نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرى كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جوڭ نەنشەن يىلدا بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

نۇرغۇن كېسەللەر دەسلەپ قوزغالغاندا ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ. مەسىلەن توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى دەسلەپتە بىلگىلى بولمايدۇ. بىراق، بايقالغاندا داۋالاش ۋاقتى كېچىككەن بولىدۇ. بۆرەك، ئۆپكە، يۈرەكتە پەيدا بولىدىغان كېسەللىكنىڭ دەرىجىسى ئوتتۇرا ھال باسقۇچقا يەتكەندە ئاندىن بايقىلىدۇ. بىراق، بۇ ۋاقىتتا داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ.

جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىببىي ئىلىملەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جەن چىمىن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ساغلاملىق مۇنبىرىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىراجىتىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسگە كىرگۈزۈشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. جەن چىمىن: «قايسى خىل تۈردىكى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، قانداق ۋاستە قوللىنىپ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، ئاتچوت قىلىش سوممىسى قاتارلىقلار ھەر بىر دۆلەتنىڭ تۈزۈلمىسى، ئېھتىياجى ۋە ئىقتىسادىي كۈچىگە ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇلسا بولىدۇ. بىراق، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قاتارلىق بالدۇر دىياگنوز قويۇش ئۇسۇلدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق نۇرغۇن ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى بالدۇر بايقىغىلى بولىدۇ» دېدى.

14.jpg

سالامەتلىك تەكشۈرتۈش تەدبىرى: يىلدا چوقۇم بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈش.

سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى ئىسراپچىلىق دەپ قارىماسلىق، كېسەل بولسا داۋالىتىش، بولمىسا خاتىرجەم بولۇش كېرەك. 50 ياشتىن يۇقىرىلار چوقۇم سالامەتلىكىنى تەپسىلىي تەكشۈرتۈش كېرەك.

50 ياشتىن باشلاپ بوغماق ئۈچەي، سۆڭەك زىچلىقى قاتارلىقلارنى تەكشۈتۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ئاياللار:

50 ياشتىن ئاشقان ئاياللارنىڭ يېرىمىنىڭ سۆڭەك ماددىسى شالاڭلاپ كېتىدۇ؛ تۇخۇمدان راكى 50 ياشتىن ئاشقانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ؛ يۈرەك كېسىلى 50 ياشتىن ئاشقان ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدىغان 1-ئامىل؛ مېڭە سەكتىسىنىڭ %25ى 65 ياشتىن ئىلگىرى كۆرۈلىدۇ.

ئاياللارغا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش تەكلىپى:

سۆڭەك زىچلىقىنى ھەر 3 يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش؛ بوغماق ئۈچەي راكىغا قارىتا ھەر 5 يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش؛ تۇخۇمداننى ھەر 3 يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش؛ يۈرەكنى يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش؛ داس بوشلۇقىنى يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش؛ بالىياتقۇ بوينىنى يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش؛ سۈت بېزىنى يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش؛ قان شېكىرىنى ھەر 3 يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش، قان شېكىرى يۇقىرىلاپ كېتىش خەتىرى بارلار يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش.

ئەرلەرگە سالامەتلىك تەكشۈرتۈش تەكلىپى:

يۈرەك كېسىلى 60 ياشتىن يۇقىرى ئەرلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقان 1-ئامىل؛ 55 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ مېڭە سەكتىسى بولۇش خەتىرى ھەر 10 يىلدا بىر ھەسسە قاتلىنىۋاتىدۇ؛ مەزى بېزى راكى 50 ياشتىن يۇقىرىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.

مەزى بېزىنى ھەر 3 يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش؛ بوغماق ئۈچەي راكىغا قارىتا ھەر 3 يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش؛ ئۇرۇقداننى ھەر 3 يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش.

15.jpg

60 ياشتىن باشلاپ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلىرىدىن باشقا، يەنە بىنورماللىق كۆرۈلگەن ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك.

60 ياشتىن ئاشقان ئاياللار:

60 ياشتىن ئاشقان ئاياللارنىڭ يېرىمىنىڭ سۆڭەك ماددىسى شالاڭلاپ كەتكەنلىكتىن سۆڭىكى ئاسانلا سۇنۇپ كېتىدۇ؛ بوغماق ئۈچەي راكى 60 ياشتىن ئاشقانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ؛ يۈرەك كېسىلى 60 ياشتىن ئاشقان ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدىغان 1-ئامىل. مېڭە سەكتىسىنىڭ %75ى 65 ياشتىن ئاشقاندا كۆرۈلىدۇ.

سالامەتلىك تەكشۈرتۈش تەكلىپى:

سۆڭەك زىچلىقىنى ھەر 3 يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش؛ بوغماق ئۈچەي راكىغا قارىتا ھەر 3 يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش؛ بوغماق ئۈچەي ئەينىكىدە ھەر 5 يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش؛ يۈرەكنى يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش؛ داس بوشلۇقىنى يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش؛ سۈت بېزىنى يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش؛ 65 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ بالىياتقۇ بوينىنى سۈرەتكە تارتقۇزۇپ تەكشۈرتۈشىنىڭ ھاجىتى يوق؛ 70 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ كۆكسىنى X نۇرىدا تەكشۈرتۈشىنىڭ ھاجىتى يوق.

60 ياشتىن ئاشقان ئەرلەر:

مەزى بېزى راكى بولۇش نىسبىتى 1/15؛ بوغماق ئۈچەي راكىنىڭ %44ى 70-60 ياش ئارىلىقىدا كۆرۈلىدۇ؛ مېڭە سەكتىسىنىڭ %75ى 65 ياشتىن ئاشقانلاردا كۆرۈلىدۇ.

سالامەتلىك تەكشۈرتۈش تەكلىپى:

يۈرەكنى يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش؛ مەزى بېزىنى يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش؛ بوغماق ئۈچەي راكىغا قارىتا ھەر 3 يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش.

بۇنىڭدىن باشقا، 60 ياشتىن ئاشقان ئەر-ئاياللار يىلدا بىر قېتىم كۆز ۋە قۇلاقلىرىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، يۇقۇملىنىپ قالسا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىشى كېرەك.

16.jpg

5-خاتا قاراش: يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالاشتا قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى يېيىش كۇپايە.

جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى، دۆلەت تىبابىتى پېشىۋاسى، تيەنجىن جۇڭيى دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى شى شۆمىن يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالاشتا پەقەت قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى يېسىلا بولىدۇ دېگەن قاراشنىڭ خاتالىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «ئۇزۇن مۇددەت قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى يېيىش قان بېسىمىنى كونترول قىلىشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلى. بۇنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىراق، بۇ دورا يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالىيالمايدۇ، يۈرەك، مېڭە، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئۇ جۇڭيىچە يىڭنە سانجىپ داۋالاش، ئۇۋۇلاش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

17.jpg

ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە: ئورۇندۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن باشنى ئارقىغىراق قىلىپ كۆزنى بوش يۇمۇش، ئارتۇقچە خىياللارنى يوق قىلىش، ئىككى قولنىڭ باش بارمىقىنى بويۇننىڭ ئارقىسى ۋە قۇلاق يۇمشىقىغا قويغاندىن كېيىن تيەنجۇ پەللىسى (باش سۆڭىكىنىڭ ئارقا ئاستى قىسىمى)، فېڭچى پەللىسى (پېشانىنىڭ ئارقىدىكى چوڭ پەينىڭ ئىككى تەرىپى ۋە قۇلاق يۇمشىقى بىلەن پاراللېل ئويمان ئورۇن)، يىفېڭ پەللىسى (قۇلاق يۇمشىقى بىلەن زاڭاق يان سۆڭەكنىڭ تۇتىشىش ئورنى) قاتارلىقلارنى تەرتىپ بويىچە ئۇۋۇلاش، ھەر قېتىملىق بېسىپ تۇرۇش ۋاقتى 3 مىنۇت، ھەر كۈنى 10 مىنۇت داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش.

يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالاش ئۇسۇلى:

يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىش ئارقىلىق قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ناۋادا دورىغا زىيادە ئىشىنىپ كەتكەندە كېسەل داۋالاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولمايلا قالماستىن، بەلكى ئەكس تەسىر پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

بىرىنچى، ھەر كۈنلۈك قوبۇل قىلىنىدىغان تۇز مىقدارى بىر بوتۇلكا ئاغزى توشقۇدەك مىقداردا بولۇش.

يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق قان بېسىمىنى تۆەنلىتىشتىكى 1-نۇقتا تۇزنى ئاز يېيىش. تۇز تەركىبىدىكى ناترىي سۇلۇق ناترىينىڭ يىغىلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ، ئاخىرىدا قان تومۇرلارنىڭ توسالغۇغا ئۇچراش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. نەتىجىدە قان بېسىمى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ. 

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى نورمال ئادەملەرنىڭ كۈندىلىك قوبۇل قىلىدىغان تۇز مىقدارىنىڭ 8-6 گىرام، يەنى بىر پىۋا بوتۇلكىسىنىڭ ئاغزى توشقۇچىلىك مىقداردا بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى قوبۇل قىلىنىدىغان تۇز مىقدارىنى 4 گىرامدىن تۆۋەن مىقداردا كونترول قىلىشى كېرەك.

18.jpg

ئىككىنچى، كۈندىلىك ئىستېمال قىلىنىدىغان ماي مىقدارى 3 قوشۇقتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قان بېسىمىنى كونترول قىلىشتا ماينىڭ تۈرى ۋە مىقدارىنى كونترول قىلىش كېرەك. بەدەنگە قوبۇل قىلىنىدىغان ماي مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتكەندە يۈرەك قان تومۇرلاردا كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. ئاخىرىدا قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نورمال ئادەملەرنىڭ كۈندىلىك ئىستېمال قىلىدىغان ماي مىقدارى 25 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى بۇنىڭدىنمۇ ئازلىتىشى كېرەك.

ئۈچىنچى، كالىي تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ كالىي تولۇقلىشى كېرەكلىكىگە نۇرغۇن ئادەم سەل قارايدۇ. كالىي قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك ۋە قان تومۇرلارنى قوغدايدۇ.

ئەڭ بىخەتەر كالىي تولۇقلاش ئۇسۇلى يېمەكلىك ئارقىلىق كالىي تولۇقلاش. نورمال ئەھۋاللاردا قىزىل چاي، قىزىل دېڭىز يۈسۈنى شورپىسىنى كۆپرەك ئىچىش، بانان، يەر مەدىكى، پالەك، قارىغاي ئۇرۇقى، سېرىق پۇرچاق قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېيىش.

yyyyyyyyy.jpg