ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
چاچ بوياش لىمفا ئۆسمىسى پەيدا قىلىشى مۇمكىن
ۋاقتى : 2016-07-11 11:08:22  مەنبەسى : خەلق تورى  يوللىغۇچى : يارپ

چاچ بوياش لىمفا ئۆسمىسى پەيدا قىلىشى مۇمكىن


 

 

 


 چاچ بوياش قېتىم سانى ۋە ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىنىشى، ھەر يىلى ئىككى ياكى ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، قويۇپ قويغىلى يېرىم يىلدىن ئارتۇق بولغان چاچ بويىقى ئىشلىتىلمەسلىكى، ھامىلىدار ياكى بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ئەڭ ياخشىسى چاچ بويىماسلىقى كېرەك.

  ئېلىمىزدە لىمفا ئۆسمىسى پەيدا بولۇش نىسبىتى يىلدىن-يىلغا ئۆرلەپ كېتىۋاتىدۇ، سەۋەبى كۆپ خىل بولماقتا. ئىرسىيەتلىك ئۆسمە كېسەللىك تارىخى بار كىشىلەرنىڭ لىمفا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ. تاماكا چېكىش، ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇش قاتارلىق ناچار تۇرمۇش ئادىتى بار كىشىلەر ئاسانلا ئىممۇنىتېت كۈچى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇڭا، ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش راكقا قارشى تۇرۇشنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.

  ۋىرۇس ۋە باكتېرىيەنىڭ داۋاملىق يۇقۇملىنىشى لىمفا ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب بولماقتا. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، لىمفا كېسەللىكلىرى ئارىسىدا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى %11.6كە يەتكەن بولۇپ، باشقا ئادەملەردىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپ بولغان.B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلاردا لىمفا ئۆسمىسى پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقۇملانمىغانلاردىن ئىككى ھەسسىدىن يۇقىرى بولىدىكەن.

  تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، چاچ بوياشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللارنىڭ لىمفا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. بىر تۈر تەتقىقاتىدا 601 لىمفا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان ئايال بىلەن 717 ئايالنى مىسال ئېلىپ سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلغان، نەتىجىدە ھەر يىلى سەككىز قېتىمدىن ئارتۇق چاچ بويىغان، چاچ بويىقىنى ئىشلەتكىلى 25 يىلدىن كۆپرەك بولغانلارنىڭ لىمفا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا 2.1 ھەسسە ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى؛ بولۇپمۇ مەڭگۈلۈك چاچ بويىقى ئىشلىتىدىغان ئاياللارنىڭ لىمفا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇ، چاچ بوياققا ئوكسىدلىغۇچى قوشۇلغانلىقى، بۇ جەرياندا يېڭى راك پەيدا قىلغۇچى ماددا پەيدا قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن. ھازىر بازاردا تېخى تامامەن زىيانسىز چاچ بويىقى يوق، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى چاچ بوياشنىڭ قېتىم سانى ۋە ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىنىشى، چاچ بوياش ھەر يىلى ئىككى ياكى ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  كۆكسىنى چوڭايتسا لىمفا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.

  تاماكا چېكىش لىمفا ئۆسمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، تاماكا چەككۈچىلەردە يۈز بەرگەن لىمفا ئۆسمىسى خەۋپ - خەتىرى 1.35 ھەسسە ئۆرلەپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر ۋە ياشانغانلارنىڭ ئۇچرايدىغان تەسىرى ئەڭ چوڭ بولۇپ، گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئايرىم - ئايرىم 1.78 ھەسسە ۋە 1.77 ھەسسە ئۆرلەپ كەتكەن . تاماكا چېكىش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا ، تاماكا خۇمارى شۇنچە چوڭ بولۇپ، لىمفا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ - خەتىرى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن. ناۋادا تاماكا تاشلىسا، لىمفا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

  يېمەك-ئىچمەكمۇ لىمفا ئۆسمىسىنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدىكەن. ئادەتتە، تەركىبىدە يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، شوخلا، گۈل كاپۇستا قاتارلىقلار لىمفا ئۆسمىسى پەيدا بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى چۈشۈرۈش رولىنى ئوينايدىكەن. مايدا پىشۇرۇلغان، ئىسلاپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش ياكى ئاز يېيىش كېرەك ئىكەن.

  ئىلمىي ئوزۇقلىنىش، ھەرخىل ئاشلىقلارنى بىرلەشتۈرۈشنى ئاساس قىلىپ يېڭى كۆكتات، يەنە گۆشلەرنى تەڭشەپ گۆشلۈك ۋە گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى ئۆزئارا تەڭشەپ يېيىش، يېمەكلىك تاللىماسلىق كېرەك ئىكەن.