ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
راك كېسەللىكىنىڭ قانداق ئالدىنى ئالىمىز؟
ۋاقتى : 2016-04-14 16:05:56  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

راك كېسەللىكىنىڭ قانداق ئالدىنى ئالىمىز؟

 

 

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى راك كېسەللىكلىرى كېڭەش يىغىنىدا 1981- يىلى مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن : ئەگەر يېتەرلىك ماتىرىياللاردىن تۇلۇق پايدىلىنىپ ، توغرا تەدبىر قوللىنىپ مەقسەتلىك ھالدا تەتقىقات خىزمىتىنى ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرسا ھازىر بار بولغان ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ 31 قىسمىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. تىببىي مۇتەخەسسىسلەر ۋە بىئولوگلار ئۇزاق ۋاقىت تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، نۆۋەتتە ئۆسمە پەيدا قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئامىللار توغرىسىدا چۈشەنچە ھاسىل قىلدى. ئۆسمە كېسەللىك سەۋەب ئىلمى ۋە تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى، يەنە بىر قىسىم ئۆسمىلەرنىڭ كېسەللىك سەۋەبى، كېسەل پەيدا بولۇش مېخانىزمىنى ئېچىپ بەردى . تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ، ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى ئۇزاق ھەم مۇرەككەپ جەريان بولۇپ ، ئادەتتە بۇ جەريانغا 10-20 يىل، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ. يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ %80 دىن كۆپرەكى ھەر خىل مۇھىت ئامىللىرى بىلەن بېۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ باشلىنىشى ئىنتايىن ئاستا ، كېيىنكى دەۋرلىك تەرەققىياتى ئىنتايىن تىز ، ئەڭ ئاخىرقى دەۋرى بولسا پارتلاش خارەكتىرلىك بولىدۇ.
گەرچە بىر قىسىم ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولسىمۇ بېراق تەلتۈكۈس ئۇنچە ئاسان ئەمەس. چۈنكى، ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتتا يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئامىللار بولۇپ ،بۇنىڭ ئىچىدە ھازىرغىچە ئېنىقلانغان خېمىيىلىك ئامىللار 6000 خىلدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ.
مۇشۇنداق يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا قىلىدىغان ئامىللار بىلەن ئۇچرىشىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان كىشىلەر يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدىغان خەتەرلىك ئادەم توپى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئادەملەردە يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى باشقا ئادەملەرنىڭكىدىن روشەن يۇقىرى بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇزاق مەزگىل تاماكا چىكىش، ھاراق ئىچىش تارىخى بارلاردا ئاشقازان ، قىزىلئۆڭگەچ، ئۆپكە، ئۈچەي ئۆسمىسى؛ كۆپ تۇغقان ، جىنسى تازىلىققا دىققەت قىلمىغان ئاياللاردا بالىياتقۇ بوينى ئۆسمىسى؛ بالا ئىمىتىش تارىخى قىسقا ئاياللاردا سۈت بېزى ئۆسمىسى دېگەندەك بىر قاتار يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەر كۆپ ئۇچرايدۇ . مانا مۇشۇنداق ئادەملەر يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدىغان ئادەملەر توپىدىن ئىبارەت.
1) ياشانغانلار: گەرچە ئۆسمە ھەرقانداق دەۋردە پەيدا بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ 50 ياشتىن كېيىن پەيدا بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى. بۇ پەقەت ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يۇقىرىلايدۇ . 65 ياشلىق ئادەمنىڭ ئۆسمىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 25 ياشلىق ئادەمنىڭكىدىن 50 ھەسسە كۆپ بولىدۇ. 50 ياشتىن يۇقىرى بولغان كىشىلەرنىڭ گىرىپتار بولغان كېسىلىنىڭ 51-101 قىسمى ئاساسلىقى ئۆسمە كېسەللىكى بولىدۇ . شۇڭا، بۇنداق كىشىلەر چۇقۇم قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.
2) ئۆسمە پەيدا قىلىدىغان ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغانلار : بۇ كۆپىنچە كەسپى خارەكتىرلىك ئۆسمىلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، رېنتىگىنچى، كان خىزمەتچىسى، تاشپاختا ئىشچىسى قاتارلىقلار . شۇنداق مۇھىتتا خىزمەت قىلغۇچىلاردا تاماكا چىكىش ، ھاراق ئىچىش تارىخى بولسا ، بۇخىل ئادەت يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا قىلىدىغان ماددىلارنىڭ غىدىقلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلاپ ، ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىۋېتىدۇ.
3) بېۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلار ئىچىدە ئۆسمە كېسەللىكى بار بوللغانلار : ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، بېۋاسىتە ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئىچىدە ھەر خىل ئۆسمە كېسەللىك تارىخى بارلارنىڭ ئۆسمە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى باشقا ئادەملەرگە قارىغاندا %15 يۇقىرى بولىدىكەن.
شۇڭلاشقا بۇنداق ئادەملەر قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى ، ئۆسمىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق كېسەللىكنى ئاكتىپ داۋالىتىشى ھەم ئۆسمىگە ئائىت بىلىملەرنى ئۆگىنىپ ، ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى پۇختا ئۆگىنىشى كېرەك.
4) ئۆسمە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ ساقايغانلار : داۋالىنىپ ساقايغانلار ئەگەر تۈپتىقن داۋالاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولسا ، ئۆسمىنىڭ كۆچۈش پۇرسىتى تۇغۇلۇپ، كۆپ قىسىم كېسەللەردە قايتا قوزغىلىدۇ ياكى باشقا ئورۇنلاردا پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق كېسەللەرنىڭ ئورگانىزمىدا ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنىڭ بولۇش ئېھتىمالى زور بولغاچقا بۇنداق كىشىلەر ئەڭ مۇھىمى ئۇنۋىرسال داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئاكتىپ داۋالىنىشى، شۇنىڭدەك يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە قارشى تۇرىدىغان ئەنئەنىۋى تېبابەت دورىلىرىنى ئۇزاق مۇددەت ئىستىمال قىلىشى كېرەك.
5) يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى پەيدا بولغان كېسەللەر . ئۆسمە پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن بەزى ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە ئۆزگىرىشى پەيدا بولۇپ، ئاخىرىدا يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە ئايلىنىدۇ. مۇشۇنداق كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قاتتىق ئەھمىيەت بېرىپ ئاكتىپ داۋالىسا ، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
6) تۇرمۇش ئادىتى بىر خىل بولغان كىشىلەر: بىر قىسىم ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىگە كۈنۈپ قالغان كىشىلەر ، ئۇزاق مۇددەت بىر خىل زىرىكىشلىك خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە باشقىلار بىلەن كۆپ ئارىلاشمايدىغانلار ، يەنى روھى كەمتۈك كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى بىر خىل ئۆتىدىغان بولغاچقا ، ئۇلاردا زىيادە ھاياجانلىشىش ۋە قايغۇرۇش دېگەندەك روھى ھېسسىياتنىڭ داۋالغۇشلىرى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ، شۇنداقلا ئورگانىزىمدىكى بەز ھورمونلىرىنىڭ غىدىقلىنىشى ئاز بولغانلىقتىن ، بۇ ئەھۋال ئورگانىزىمدا بىر خىل مىكرو تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە ، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا قىلىدىغان ئىچكى-تاشقى ئامىللارغا مەلۇم دەرىجىدە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. مۇشۇنداق كىشىلەر يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكىدىن قاتتىق ھۇشيار بولۇشى كېرەك. چۈنكى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بەلكى ئۆسمە كېسەللىكلىرى كېسەللىرىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۆسمە كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشىنى ياش ۋاقتىدىن تارتىپلا باشلاش كېرەك. ئىنسانلار ئۆسمە كېسەللىكلەر سەۋەب ئىلمىنىڭ ئىسپاتلىشىچە : ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەر خىل مۇھىت ۋە ئۆسمە پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنىڭ ئۇزاق مۇددەت قايتا-قايتا تەسىر قىلىشى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنىڭ ئېنىق مېخانزمى نۆۋەتتە يەنىلا تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتسىمۇ ، ئەمما تەتقىقاتچىلار نۇرغۇنلىغان ئۆسمە پەيدا قىلىدىغان ماددىلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ، ياش ۋاقتىدىن تارتىپلا بۇ خىل ئامىللار بىلەن داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ھەرخىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا قىلىدىغان ماددىلار ئادەم بەدىنىگە تەسىر قىلغاندىن كېيىن ئورگانىزىمدىكى نورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ. بىرىنچى ئۆسمە ھۈجەيرىسى پەيدا بولغاندىن تارتىپ ، دوختۇر بايقاپ دېئاگنۇز قويالايدىغان ئەڭ كىچىك كىلىنكىلىق ئۆسمىگە (ئادەتتە 1*0.5 سانتېمىتىر چوڭلۇقتىكى ئۆسمىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىغىلى بولىدۇ)تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ، كەم دېگەندە 20-30 يىل ۋاقىت كېتىدۇ. چۈنكى ئۆسمىنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى 15-30 يىلغىچە داۋام قىلىدۇ، بىرلەمچى خارەكتىرلىك دەۋرى 5-10 يىلغىچە بولۇپ ، تەدرىجى سىڭىپ كىرىش خارەكتىرىك راكقا ئۆزگىرىدۇ. تەتقىقاتچىلار ھازىرقى زامان ئېممۇنۇلۇگىيە ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ، ئېغىرلىقى بىر مىللىگرامغا يەتمەيدىغان ، دېئامىتىرى ئۈچ مېللىمىتىردىن ئاشمايدىغان مىكرو تىپتىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە مونەكچىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۈچۈن ئالتە يىل، ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئېغىرلىقى بىر مىللىگرامدىن ئاشىدىغان ، دېئامىتىرى 3-5 مىللىمىتىر كېلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە مونەكچىسىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن 6-9 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ ، ئادەم ياش ۋاقتىدىلا يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا قىلىدىغان ئامىللار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ھۈجەيرىلەر يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. ئوتتۇرا ياشلىق دەۋر دەل يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىك ئوچىقى قوزغىلىدىغان دەۋر ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا 30 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر قەرەللىك ھالدا تەكشۈرۈپ تۇرۇشى ، ئۆسمىنىڭ ئالدىنقى كېسەللىكلىرى بايقالسا ، ئاكتىپلىق بىلەن داۋالىتىش، ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ ، تەرتىپكە سېلىش، تاماق تۈرلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، ئەقلى، جىسمانى ھەرىكەتلىرى، جىنسى تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق تەرتىپكە سېلىش، ئۆسمە توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىش لازىم.
مەنبە: ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى ئۇنۋېرسال داۋالاش ناملىق كىتابتىن.