ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
«ھەممىگە داۋا دورىلار» ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
ۋاقتى : 2016-03-25 18:19:26  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

«ھەممىگە داۋا دورىلار» ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

 

كالىفورنىيە ئۇنىۋېرستېتى مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىدىن تۇرسۇنجان بىلگە

 


ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇشىغا ماس كەلمەيدۇ، سىز تېخى قورامىغا يەتىمىگەن ئۆسمۈر بولسىڭىز بۇ ماقالىنى ئوقۇماسىلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بىرى، پۈتۈن ئ‍ۇيغۇرنىڭ تېلىۋىزورىدىن تارتىپ كومپىيۇتېر ۋە تېلېفۇنلىرىغىچە «كۆزۈڭگە سانجىلىمەن» دېگەندەك ھەممە يەرنى بىر ئالغان «ھەممىگە داۋا دورىلار» ئېلانلىرى كىشىگە خۇددى بۇ مەھسۇلاتلارسىز ئادەم ساق يۈرگىلى بولمايدىغاندەك تەسىر بېرىدۇ. يەنە كىلىپ، شۇنچە كۆپ تولۇقلىمىسىڭىز بولمايدىغان پېپتىد، ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە مېنىراللاردىن باشقا، يېقىندىن بۇيان ئۈندىدار ۋە باشقا مىدىيالاردا ئاللىقانداق سېھرى كۈچىنىڭ كۈچلۈكلىدىن سىزنى «يولۋاس كەبى ئەركەك»قىلىۋىتىدىغان ياكى «مېھرى ئوتلۇق نازىنىن» قىلىۋىتىدىغان تېتىقسىز، ئەخلاققا يات ئېلانلارمۇ نومۇسنى قايرىپ قويۇپ ھاياتىمىزغا ئوچۇق-ئاشكارا سېڭىپ كىرمەكتە. بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەۋج ئېلىپ ئۇچىغا چىققان بۇ خىل «ھەممىگە داۋا» دورىلارنىڭ دارۋاڭلىرى، ئادەمنى بۇ ئاتالمىش دورىلار يوق ۋاقىتتا كىشىلەر قانداق ساغلام يۈرگەن بولغۇيتتى، دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.

كىشىنىڭ ئاچچىق كۈلكىسىنى قىستايدىغىنى، بۇ ئاتالمىش دورىلارنىڭ نۇرغۇنلىرى بىز ئىسمىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللەردىن چوڭى راكتىن تارتىپ ئەيدىزگىچە، كىچىكى بۇرۇن ياللۇغىدىن تارتىپ گېمىرويغىچە، قېلىنراقلىرى قېرى ئەرلەرنى 30 ياش ھالىتىگە قايتۇرالايدىغان، جۇۋانلارنى 18 ياشلىق قىزلاردەك قىلىۋىتىدىغان خاسىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئىشقىلىپ بىز ئىسمىنى ئاڭلاپ باققان كېسەللەرنىڭ ھەممىنى دېگۈدەك داۋالاش رولى بارلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك كىشىنى چۆچۈتىدىغىنى، ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ ھەر قاتلاملىرىدىكى ساغلاملىق بىلىملىرى چۈشەنچىسى كەمچىل كەڭ ئاممىنىڭ بۇ ساختىلىقلارغا ئىشىنىپ قىلىشى ۋە ئالدىنىشنى داۋاملاشتۇرۇشى بولۇپ، «ساغلاملىق ساۋاتسىزلىقى»نىڭ نەقەدەر قورقۇنچلۇق بىر ھادىسىگە ئايلانغانلىقى جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاشقا تىگىشلىك بىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانماقتا. مېنىڭچە، بۇ ھەقتە بىر مەيدان مۇنازىرە قىلىدىغان ۋاقىتمۇ كىلىپ قالدى.

ئۇنداقتا بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ كىشىلىرىمىز نېمە ئۈچۈن بۇنداق دورىلارغا تۇيۇقسىز ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن بۇ دورىلارنى ساتقۇچىلارنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ، گۈل چەمبىرەكلەرنى تەقدىم قىلىپ، خۇددى قۇتقازغۇچىسىنى كۆرگەندەك ھېسسىيات بىلەن سېيت نوچىلارچە بۇ مەككارلارغا مەردلىك قىلىدۇ؟

راستىنى ئېيتسام، تا ھازىرغىچە رادىئودىكى «مەمەتجان دوختۇر»نىڭ باش ئاغرىقىغىمۇ، پۇت ئاغرىقىغىمۇ ئوخشاش دورىدىن ئۈچ باسقۇچ ئىچسىڭىز ساقىيىپ كېتىسىز، دېگەن گېپىگە نادانلارچە ئىشىنىپ، رادىئودا كېسەل كۆرسىتىشتىن تېخىچە يالتايمىغان دەرىجىدىكى نادان كىشىلىرىمىز بار يەردە (دۇنيانىڭ باشقا ھەر قانداق يېرىدە بۇنداق ئىش بارلىقىغا ئەقلىم يەتمەيدۇ)، نۆۋەتتىكى چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان ئاتالمىش «ھەممىگە داۋا» دورىلارنىڭ بازىرى ئىتتىك بولۇشى ھەيران قالارلىق ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، «مەمەتجان دوختۇر»غا قارىغاندا، «ھەممىگە داۋا» دورا ساتقۇچىلار خىلى ئۇستىلىق بىلەن مەھسۇلاتلىرىنى چاندۇرماي ماختاپ، ئۇنىڭغا تېخى ئامېرىكىدا ئىشلەنگەنلىكى ۋە قايسىبىر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىمنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى ۋە ياكى بەزىبىر ئىلىم-پەندەك ئاڭلىنىدىغان ساختا پەننى گەپلەرنى قوشۇپ تۇرۇپ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن ساتىدىغان قالتىس «زامانىۋى دوختۇرلار» بولغاچقا، خىلى مەن بىلىملىك دېگەن ئادەملەرمۇ شۇ خىل مەھسۇلات ساتقۇچىلارنىڭ سۆزىنىڭ راس-يالغانلىقىنى ئايرىيالماي گاڭگىرپ قالىدۇ.

ئۆتكەن يىلى نۇرغۇن كېسەلنى ساقايتىدۇ، دەپ ئېلان قىلىنغان نونى شەربىتى ھەققىدە يازغان ماقالەمدىن كېيىن بۇ مەھسۇلاتنىڭ دارۋىڭى بىر مەھەل پەسكويغا چۈشكەندەك قىلغان ئىدى، ئەمما كىيانى، پېپتىد، ئاقسىل... دېگەندك ئايىغى ئۈزۈلمەس چەتئەلنىڭ، دۆلىتىمىزنىڭ، ھەم شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقارغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى يەنىلا ھەممە يەرنى بىر قاپلاپ كىشىلىرىمىزنى يالغان ئۇچۇرلار بىلەن ئالداشنى داۋاملاشتۇرماقتا. كىيانى مەھسۇلاتى ھەققىدە توختىماي كىشىلەردىن ئۇچۇر تاپشۇرۋالغان بولغاچقا ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ، ھەتتا ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان دورا دەپ تەشۋىق قىلىنغانلىقى ئۈچۈن مەخسۇس «ئامېرىكا دورا ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىدارىسى، FDA» بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ بۇ مەھسۇلاتنىڭ دورا ئەمەسلىكى، ھېچقانداق راكنى داۋالاش ئۈنۈمى بارلىقى كىلىنىكىدا دەلىللەنمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىر ماقالە يازغان ئىدىم. نەتىجىدە بۇ ماقالىلەر كەڭ جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ ماقالىلارنىڭ تارقىتىلىشى بىلەن تەڭ، ئۆزىنى قارامايلىق بىمار دەپ ئاتىۋالغان بىر چوكان سەت گەپلەر بىلەن مېنى ھاقارەتلەپ، ھەتتا ھەجىۋى سۈرەتلىرىم كىرىشتۈرۈلگەن بىر يازمىنى ئۈندىداردا تارقىتىپ يۈردى. ئەگەر ئۇ راستىنلا بىر بىمار بولسا ئىدى، راس ئەھۋالنى ئېيتىپ ماڭا خەت يازسىلا بولاتتى، ھەجىۋى سۈرەتلەرنى كىرىشتۈرۈپ، شۇ قەدەر ئاچچىقلىنىپمۇ يۈرمەيتتى. قىززىق يېرى، مېنىڭ ماقالىدە قايسى بىر جۈملە سۆزنى خاتا يازغىنىم ھازىرغىچە كۆرسىتىپ بېرىلمىدى. ئەمما، مەن يىلدا بىر پارچە ماقالە يېزىپ قويغان بىلەن، بۇ خىل «ھەممىگە داۋا دورىلار»نى ساتقۇچىلار مەخسۇس ئىشىكمۇ-ئىشىك يۈرۈپ مەھسۇلات ساتىدىغان، قىسقىسى كاللا يۇيۇپ ئۆزىگە ئوخشاش ساتىدىغانلارنى جەلىپ قىلىپ كۈندىن-كۈنگە زورىيىپ بېرىۋاتقان بولغاچقا، ئۇلار ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئاشقانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى باش شىركەتلەردىن مۇكاپاتلىنىپ، نەتىجىسىنى دۇنياغا كۆز-كۆز قىلىپ قېنىغا پاتماي يۈرمەكتە.
 

 

(http://mp.weixin.qq.com/s?__biz= ... d=0#wechat_redirect).

ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنداق مەھسۇلات ساتىدىغانلار ئىچىدە ياغلىق ئورايدىغان «ئىمانلىق» ئانىلاردىن تارتىپ، مويسىپىت سۈپەت دادىلارغىچە بولۇپ، ئۇلار ئىمانى بىلەن ۋەدە قىلىپ تۇرىدىغان ساتىدىغان بولغاچقا، مۇسۇلمان خەلق بولغان كۆڭلى يۇمشاق، ئاقكۆڭۈل خەلقىمىز ئۇلارنىڭ چىرايلىق ۋەدىلىرىگە تېخىمۇ ئاسان ئىشىنىپ قىلىشى تەبىئىي. يېقىندىن بىرى، يەنە شۇ كىيانى ۋە بىر قىسىم جىنسىي قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچى دورا ھەققىدىكى ئەپسانىۋى پاراڭلار ئۈندىدارنى بىر ئالغان بولۇپ، زىيادە بىزار بولغان نۇرغۇن دوستلىرىمدىن تارتىپ، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان قېرىنداشلارغىچە بۇ ھەقتە مەندىن توختىماي ئەھۋال سۈرۈشتە قىلىشماقتا. شۇنىڭغا جاۋابەن، ئالدىراش ۋاقتىمدىن ۋاقىت چىقىرىپ بۇ ماقالىغا تۇتۇش قىلدىم.

شۇنىسى ئېنىق بولسۇنكى، مېنىڭ ھەر قانداق ساغلاملىق مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساتىدىغان شىركەت، شەخسلەر بىلەن مەنپەئەت توقۇنۇشۇم ياكى ھەر قانداق زىددىيىتىم يوق. مېنىڭ بۇ ماقالىدىكى پىكىرلىرىم پۈتۈنلەي مېنىڭ شەخسىي پىكىرلىرىمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇنداق يالغان ئېلانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلىرىمىزنى قايمۇقتۇرۇپ ئالدىنىپ قىلىشىغا سەۋەب بولماسلىقى ۋە ئۆزۈم بىلگەن ساغلاملىق ھەققىدىكى بىر قىسىم بىلىملەرنى يەتكۈزۈپ قويۇشتىن باشقا مۇددىئايىم يوق. ئېنىقكى، داڭلاپ ساتقۇچىلار مېنىڭ يازغانلىرىمدىن خۇشال بولۇشمايدۇ، يەنە ئاللىقانداق ھەجىۋى رەسىملىرىمنى سېزىشى ياكى قانداقتۇر بەدناملارنى چاپلىشى، ھاقارەتلىشى، ھەتتا تەھدىت سېلىشى ماڭا ئايان. بۇرۇنمۇ، يەمەندە ئەيدىزنى ساقايتىدىغان دورا چىقىپتۇ دېگەن پاراڭنىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگىنىمدە، ماڭا تەھدىت سالغانلار كۆپ چىققان بولۇپ، بۇنداق تەھدىتلەرگە مەنمۇ كۆنۈك. شۇنداقلارغا ئايان بولسۇنكى، بۇ خەلق پۈتۈنلەي نادانلارنىڭ، مەنپەئەتپەرەسلەرنىڭ ۋە يالغانچىلارنىڭ قولىغا قالغان خەلق ئەمەس!

ئالاھىدە تەكىتلەيدىغىنىم، مەن كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىستىمال قىلىشىغا ياكى سېتىشىغا قارشى ئەمەس. ئىستىمال قىلىڭ، سىزگە زۆرۈر بولسا ئەلۋەتتە ئىستىمال قىلسىڭىز بولىدۇ، ئەمما زادى نېمە دەپ ئىستىمال قىلغانلىقىڭىزنى ئوبدان بىلىڭ ۋە راس شۇنداق ئۈنۈمى بارمۇ دېگەنگە ئاۋۋال ئىشەنچلىك دەللىل ئىزدەڭ. سېتىڭ، كىشىلەرگە پايدىلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ تارقىتىپ ھالال پۇل تېپىڭ، ئەمما يالغاننى قوشۇپ، بىرنى ئون دەپ كۆپتۈرمەڭ، بولۇپمۇ راكنى داۋالايدۇ، كېچىكتۈرىدۇ، ئالدىنى ئالىدۇ دېگەندەك چوڭ گەپلەرنى قىلىپ، جىددىي داۋالىنىشقا تىگىشلىك بىمارلارنىڭ ھاياتىغا چاقچاق قىلماڭ. دەلىللىڭىز بىلەن قوشۇپ داڭلاڭ، ساغلاملىق ھەققىدە ھېچقانداق بىلىمىڭىز يوق تۇرۇپ، مېدىتسىنادىن خەۋىرىڭىز يوق تۇرۇپ ئادەم داۋالايمەن دېمەڭ، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى سىزنىڭ ساتقىنىڭىز دورا ئەمەس، شۇڭا پۇل تاپىمەن دەپ ۋىجداننى سېتىپ يالغان گەپلەر بىلەن ئۆز خەلقىڭىزنى ئالدىماي تۇرۇپ سېتىڭ.

بۇ قېتىم، يەنە شۇ كىيانى مەھسۇلاتىنى مىسال ئېلىپ سۆزلەي. تۆۋەندىكىسى كىيانى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى بولۇپ، بۇنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقىڭ، ئىشىنمەنكى دەماللىقا نېمىدىگەن كاتتا، مۆجىزىلىك مەھسۇلات-بۇ، دېگەن تۇيغۇغا كىلىسىز.
 

 

 

http://mp.weixin.qq.com/s?__biz= ... d=0#wechat_redirect

ئەمما ئازراقلا مېدىتسىنا بىلىمىڭىز بولسا، بۇ يەردە دېيىلگەن گەپلەردىن گۇمان قىلىپلا قالماي، يەنە كۈلۈپ كېتىسىز. ئەسلى بۇ تەشۋىقات ماتىرىيالىنى ئازراق بولسىمۇ سەۋىيىلىك يازغان بولسا مەنمۇ زاڭلىق قىلماس ئىدىم، چۈشىنىپ ئوقۇسىڭىز سىزمۇ زاڭلىق قىلىسىز ئەلۋەتتە. مەسىلەن:

 

1. بۇ مەھسۇلات چۈشەندۈرۈلۈشىنىڭ بېشىغا قارىساق، بۇ مەھسۇلات ئورگانىك، يېشىل دەپ تەسۋىرلەنگەن بولۇپ بۇنىڭدىن بۇ بىر يېمەكلىككەن دېگەن تۇيغۇغا كىلىسىز، لېكىن ئاخىرىنى ئوقۇسىڭىز بۇنىڭ نۇرغۇن كېسەل داۋالايدىغان دورا ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خۇددى ئۇيغۇر تىبابەت كىتابلىرىدا ھەر خىل مېۋە ياكى چايلارنىڭ رولى تەسۋىرلەنگىنىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇلارنىڭ باھاسى مۇۋاپىق، بىرەر مىڭ دوللار تۆلىمىسىمۇ ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ ئىستىمال قىلالايدۇ.

2. ئىككىنچى قۇرىدا ئېيتىلغان ئەنگىلىيە فىدىراتسىيىسىدىكى 12 دۆلەت تامغا بېسىپ قويۇپ بەرگەن دېگەن يېرىنى ئوقۇپ قايمۇقۇشقا باشلايسىز چۈنكى كورلىنىڭ نەشپۈتى، قەشقەرنىڭ ئانارى، تۇرپاننىڭ ئۈزۈملىرى ئىچىدىمۇ مۇشۇنداق ئورگانىك ھەم يېشىل مەھسۇلاتلار بار بولۇپ، ھېچقاچان چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ «تامغا بېسىپ» بەرگىنىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدۇق. بۇ يەردە بۇ نېمە تامغا؟ دۆلەت تامغىسى دەيدىغانمۇ تامغا بولامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەر بىزنىڭ يېشىل يېمەكلىكلىرىمىزگە تامغا قويماي كىيانىغا تامغا بېسىپ بەرگەندۇ، دېگەن بىر قاتار سوئاللار تۇغۇلىدۇ. ئېنىقكى، بۇ ئىستىمالچىلار ئۈچۈن ھېچقانداق ئەھمىيەتسىز بىر قۇرۇپ گەپ بولۇپ، پەقەت بۇ مەھسۇلاتنى كاتتا كۆرسىتىپ كىشىنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن قەستەن قوشۇپ قويۇلغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.

3. ئوقۇپ كەلسىڭىز، مۇنداق قۇرلار كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ: خەلقىئارالىق قوش ئېر ئېتىراپنامىسى، 6-8 يىللىق كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈپ بېكىتىش. توختاڭ! كىلىنىكىلىق سىناقلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتە ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلىنىدىغان تۇرسا، يەنە كىلىپ كىلىنىكىلىق سىناق دېگەن مەخسۇس دورا سۈپىتىدە بازارغا سېلىنماقچى بولغان مەھسۇلات ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان تۇرسا، بۇ يېشىل يېمەكلىك قانداق قىلىپ كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزۈلدى؟ كىلىنىكىلىق سىناقنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەقسىتى مەھسۇلاتنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش تۇرسا، قانداقسىگە بىر ئورگانىك ھەم يېشىل مەھسۇلات بۇ خىل سىناققا دۇچ كىلىدۇ؟ بۇ ئامېرىكىنىڭ مەھسۇلاتى، مەن ئۆتكەن يىل مەخسۇس دورا بىخەتەرلىك ئىدارىسى، FDA دىن سۈرۈشتە قىلغىنىمدا ئېرىشكەن جاۋابتا بۇ مەھسۇلات دورا بولمىغاچ كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزۈلمىگەن دېيىلگەن ئىدى. FDA بۇ مەھسۇلاتنىڭ يېمەكلىك تولۇقلىمىلىرى قاتارىغا كىرىدىغانلىقى، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن FDA قانۇن بويىچە بۇ مەھسۇلاتنىڭ كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقى ۋە مېنىڭ بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلار ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولسام «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە قوللىنىشچان ئوزۇقلۇقلار مەركىزى» دېگەن ئورگان بىلەن ئالاقە قىلسام بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. مەن شۇنىڭ بىلەن شۇ مەركەز بىلەن تېلېفۇندا سۆزلەشتىم ۋە ئۇلار ئەگەر مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان شىركەت بۇ مەھسۇلاتقا ئېنىق قىلىپ «يېمەكلىك تولۇقلىمىسى» دەپ يازغان بولسا ۋە FDA تەرىپىدىن كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكەن دورا دەپ يازمىغان بولسا بۇ شىركەتنىڭ تور بېتىدە يازغانلىرىنىڭ قانۇن دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. بۇنىڭىدىن كىيانى مەھسۇلاتلىرى دورا ئەمەس، بەلكى يېمەكلىك تولۇقلىمىسى، شۇڭا دورا ئورنىدا كېسەل داۋالاشقا ئىشلىتىلمەيدۇ، دېگەن قاراشقا كەلسەك بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بۇ يەردە ئۈستىدە بېرىلگەن ئۇچۇرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز. ئەگەر راستىنلا شۇنداق كىلىنىكىلىق سىناق ئېلىپ بېرىلغان بولسا، شۇ كىلىنىكىلىق سىناق ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىلەر تەمىنلسە، مەن كەمتەرلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن، بولمايدىكەن، كىيانىنى ئۇيغۇرلارغا ساتقۇچىلار يالغان ئۇچۇرلارنى تارقتىىپ خەلقنى ئالدىغان بولىدۇ.

4. ئويۇن تېخى قىززىيدۇ، قاراڭ بۇ گەپكە: ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئۆسۈملۈك غول ھۈجەيرىنى جانلاندۇرغۇچى. ماۋۇ گەپنىڭ كەينىگە قانچىلىك نادانلىقنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى پەرەز قىلالمىدىڭىز بەلكىم؟ ئالدى بىلەن ئۆسۈملۈك غول ھۈجەيرىسى دېگەن سۆزگە دىققەت قىلىڭ. غول ھۈجەيرە دېگىنىمىز تېخى تەرەققىي قىلىپ ھېچقانداق فۇنكىسىيەگە ئىگە بولمىغان، بىخ ھالەتتىكى، شۇنداقلا بىر نەچچە ياكى كۆپ خىل فۇنكىسىيىلىك ھۈجەيرىلەرگە ئايلىنىالىش يوشورۇن كۈچىگە ئىگە ھۈجەيرىلەر بولۇپ، بۇ خىل ھۈجەيرىلەر ئادەم ۋە ھايۋاناتلاردا ئاساسەن تۆرەلمە مەزگىلىدە مەۋجۇت بولىدۇ، ئاز ساندا تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ بەدەندە مەۋجۇت بولىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرگە كەلسەك، غول ھۈجەيرىلەر ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزى ۋە غولىدا ھەر دائىم دېگۈدەك مەۋجۇت بولۇپ، كۆچەت ئۇلىغاندا ئۇلانغان كۆچەتنىڭ ئاستىدىكى دەرەخ ئۈستىدە كۆڭلەپ ئۆزىگە ئوخشاش دەرەخ ھاسىل قىلىشى دەل شۇ ئۇلاقتىكى غول ھۈجەيرىلەرنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ. دېمەك، ئۆسۈملۈك غول ھۈجەيرىسى مۇۋاپىق تېپمىپراتۇرا، ئىسسىقلىق، يورۇقلۇق ۋە ئوزۇقلۇق مەۋجۇت شارائىتتا قوزغىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ ئامېرىكىنىڭ ياكى باشقا دۆلەتنىڭ ئۆسۈملۈك غول ھۈجەيرىسىنى جانلاندۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. قىززىق يېرى، بۇنىڭ ئىنسان ساغلاملىقى ياكى كېسەل داۋالاش بىلەن قانداقمۇ مۇناسىۋىتى بولسۇن؟ ئۆسۈملۈكنىڭ غول ھۈجەيرىسىنى قوزغاتقۇچى ماددا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىنسان غول ھۈجەيرىسىنى جانلاندۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس، لېكىن بۇنى بىلەلمەي كاللىسى يۇيۇلۇپ كەتكەن يېڭىدىن سەپكە قوشۇلغان كىيانى ساتقۇچىلارنىڭ بۇ مەھسۇلاتنى پالەچ ئادەمنىڭ پۇتىغا تېمىتسا غول ھۈجەيرىنى غىدىقلاپ پۇت ئۆسۈپ چىقىدىكەن دەپ گەپ تارقىتىشى چېكىدىن ئاشقان بىمەنىلىكتۇر.

5. «ھېچقانداق ئەكىس تەسىرى يوق، ئاچ قورساقمۇ ئىچىشكە بولىدۇ». ئەمدى مۇشۇنىمۇ گەپ دەپ دېگەن بارمۇ؟ كورلا نەشپۈتى ساتقۇچى بۇنى ئەسكەرتمەيدۇ، ئاقسۇ كاۋىسىنىمۇ ئەنسىرىمەي ئىستىمال قىلىمىز، ئەمدى يېشىل ھەم ئورگانىك يېمەكلىك دەپ بولغاندىن كېيىن بۇنى قوشۇپ قويۇشنىڭ كۆپ ئەھمىيىتى يوق بولسا كېرەك.

6. ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ دەلىللەش سىستىمىسىدىن ئۆتكەن، دېيىلگەن، ئەمما ئۇنداق بولسا قايسى ئورگاننىڭ، قانداق دەلىلىلىشىدىن ئۆتكەن؟ بۇنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب تاپقىلى بولمايدۇ.

 

ئەمدى كىيانى ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرگە قارىسىڭىز، بۇ مەھسۇلاتنىڭ «خەلقئارادىكى ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك مەھسۇلات» ئىكەنلىكىنى ئوقۇيسىز. تېخى بۇ مەھسۇلات ئىنسانلارنىڭ دى ئېن ئەي، يەنى گېنىنى ئۆزگەرتىدىغان بولۇپ، ئەگەر راست شۇنداق بولسا گېنى ئۆزگەرتىلگەن ئىنسانلارنىڭ دەۋرى ئاز قاپتۇ دەپ ياكى ئارىمىزدا شۇنداق ئىنسانلار ياشاۋىتىپتۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن. بۇ نېمىدىگەن قورقۇنچلۇق؟! گېننى ئۆزگەرتىش دېگەن بىر غايەت زور تېما بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ گېنى ئەمەس، دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ قاتارلىق ئالىملار بىر تال تۇخۇمنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئامېرىكىدا كىلىنىكىدا سىناق قىلىنىش تەستىقى كۈتۈۋاتقىلى يىللار بولدى، ئەمدى كىلىپ ماۋۇ كاتتا مەھسۇلاتنىڭ ئوچۇق-ئاشكار ئىنسانلار گېنىنى ئۆزگەرتىدۇ، دەپ دارۋاڭ سېلىشى پۈتۈنلەي ئالجىغانلىق دېسەك ئارتۇق كەتمەس. مۇشۇنداق ئوقۇپ، «ئۆلۈپ كەتكەن ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەيدۇ» دېگەن يەرگە كەلگەندە كۈلگىنىمدىن ياقامنى چىشلەشكە مەجىبۇر بولغىنىمنى ئېتىراپ قىلىمەن. ئۆلۈك ھۈجەيرە دېگەنلىك ئۆسۈشى توختىغان دېگەن بىلەن باراۋەر تۇرسا، بۇنى يازغان ئادەمنىڭ ئۆمرىدە بىرەر سائەت بىئولوگىيە دەرىسى ئوقۇپ باققانلىقىدىن گۇمانلىنىشقا مەجبۇر بىز.

كىيانىنىڭ مەھسۇلات ئېلانىدىكى ئىلمىي خاتالىقلارنى ئوپراتسىيە قىلىپ كەلسەم، بۇ ماقالىنىڭ سەھىپىسى بەكلا ئۇزىراپ كېتىدىغاندەك قىلىدۇ. قىسقىسى، كىيانى تەشۋىقاتى ئىلمىيلىككە يات، ئەمەلىيەتتە يوق، يالغان گەپلەرنى قوشۇپ مەھسۇلات تەشۋىق قىلىشتىن ساقلىنالمىغان. بۇ پەقەت كىيانىغىلا خاس ئەمەس بولۇپ، چەتئەل ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ھەر خىل پېپتىد، ئاقسىل ۋە باشقا ۋىتامىن تولۇقلىغۇچى، جىنسىيەت كۈچەيتكۈچى دورىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە مۇشۇنداق ئىلمىي دەلىللگە خىلاپ، كۆپتۈرمە، يالغان بايانلار ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ھەرگىزمۇ كېسەل داۋالايدىغان دورا دەپ تۇرۇپ ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك.

تىلغا ئالمىسام بولمايدىغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە - يامراپ كېتىۋاتقان جىنسىيەتنى كۈچەيتكۈچى دورىلار بولۇپ، بۇ خىل دورىلارنىڭ سانى ۋە تۈرىمۇ ناھايىتى كۆپ ئىكەن. چەتئەلنىڭكىدىن باشقا دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغانلىرى ۋە شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ماركىلىرى بىلەن سېتىلىدىغانلىرىمۇ بار بولۇپ، كۆپىنچىسى مەزى بېزىنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ ھەم ئەرلىك ھورمۇننى ئاشۇرۇپ جىنسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىدۇ، دەپ تەشۋىق قىلىدىكەن. بەزىلىرى ھەر خىل ئاياللار ۋە ئەرلەردە كۆرۈلىدىغان راك كېسەللىرىنى داۋالايدۇ دەپ دەرۋاڭ سالسا، يەنە بەزىلىرى تىلغا ئالغۇسىز دەرىجىدىكى جىنسىيەتكە ئائىت چوڭايتىش-كىچىكلىتىش، تارايتىش... دېگەندەك «قالتىس» ئۈنۈملىرى بارلىقىنى ئېلان قىلىشىدىكەن. ئەمەلىيەتتە ياشقا چوڭ ئەرلەر ۋە بىر قىسىم ياش ئەرلەر بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىن ئىزدەپ-سوراپ تاپىدىغان ئاتالمىش «شىردەك قىلىۋەتكۈچى» دورىلارنىڭ تەركىبىدە ھەددىدىن كۆپ مىقداردا سېنتىزلەنگەن تېستوستېرون قاتارلىق سىتىروئىدلىق ھورمونلار بار بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خېلى بازارلىق ئىكەنلىكى مەلۇم. ئەپسۇسكى، بۇ دورىلارغا ئۆگىنىۋالغانلار ئۆزىدە ئەسلىدە بار بولغان بارلىق ئىقتىداردىن مەھرۇم قېلىشى ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى يۈرەك كېسەللىرىگە گېرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپ قىسىم غايەت زور مۇسكۇل چىقىرىۋالىدىغانلارمۇ سېنتىزلەنگەن تېستوستېرون ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل سىتىروئىد تىپىدىكى ئەرلىك جىنسىي ھورمون گەرچە مۇسكۇل يوغانتىشقا ياردەم قىلسىمۇ، كۆپ مىقداردا ئىشلەتكەندە، بۇنىڭ ئەرلەر كۆپيىش ئىقتىدارىغا پاسسىپ تەسىرى بولۇشى ياكى ئىشلەتكۈچى كۆپىيىش ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قىلىپ، قارىماققا ناھايىتى مۇسكۇللۇق كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۆزى بولۇشنى ئارزۇ قىلغان «ئەركەك» بولالماسلىقى مۇمكىن.

ئادەم بەدىنى ئىنتايىن ئىنچىكە ۋە تەرتىپلىك قانۇنىيەتلەر بويىچە يارىتىلغان بولۇپ، بەدەندىكى ئەزالار ۋە سىستىمىلار ھامان بىر قەدەر تۇراقلىق مۇۋازىنەت ھالىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بەدەن ھەرىكىتىنى تەڭشىگۈچى مىخانىزىملار ئارقىلىق كونتىرول قىلىنىپ تۇرىدۇ. جىنسىي ھورمۇنلارنىڭ مىقدارىمۇ ئادەم بەدىنىدە مۇشۇنداق ئىنچىكە كونتىروللۇق ئاستىدا بولۇپ، مېڭىدىكى دۆڭچە ئاستى مېڭە غىدىقلاشقا ئۇچرىغاندا ئالدى بىلەن گونادوتىرپىنلىق نىۋرونلارنى قوزغىلىپ ئاستى تەرەپتىكى ھىپوفىز بېزىنى قوزغىتىدۇ ۋە جىنسىي ھورمۇنلارنىڭ ئاجىرىلىشىنى غىدىقلايدىغان ھورمۇنلارنى قانغا قويۇپ بېرىدۇ. ئاندىن بۇ ھورمۇنلار ئەرلەر ۋە ئاياللار جىنسىي ئەزالىرىدىن جىنسىي ھورمۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما جىنسىي ھورمۇنلارنىڭ مىقدارى ئېشىپ مەلۇم دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەندە، قارىمۇ-قارشى سىگنال لىنىيىسى ئارقىلىق دۆڭچە ئاستى بېزىدىكى گونادوتىروپىن نېرۋا پېپتىدىنى تورمۇزلايدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق جىنسىي ھورمۇن ئىشلەپچىقىرىش چەكلىنىدۇ. ئەمما كۆپ مىقداردا جىنسىي ھورمۇن قوشۇلغان ياكى جىنسىي ھورمۇننى غىدىقلغۇچى دورىلارنى ئىستىمال قىلغاندا، دۆڭچە ئاستى بېزىدىكى گونادوتىرپىنلىق نىۋرونلار دائىم تورمۇزلىنىش ھالىتىدە تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئاقىۋەتتە دورا يېيىشنى توختاتقاندىن كېيىن سىزنىڭ نورمال ھورمۇن ئىشلەپچىقىرىشىڭىز تورمۇزلىنىپ، جىنسىي ئىقتىدارىڭىز بۇرۇنقىدىن ناچارلاپ كېتىشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن سىز شۇنداق دورىلار بولمىسا بولمايدىكەن ناچار ئەھۋالغا دۇچار بولىسىز.

سىزدە ھەقىقەتەن جىنسىي جەھەتتىكى كىلىنىكىلىق كېسەللىك بولسا، ئۇ ھالدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشىڭىز كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن خالىغانچە دورىلارنى يېيىشكە بولمايدۇ. جىنسىي ھورمۇنلۇق دورىلار ۋە يېمەكلىكلەر سۈت بېزى راكى ۋە مەزى بېزى راكى بىمارلىرى ئۈچۈن پەرھىز تۇتۇشقا تىگىشلىك ماددىلار بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئېلانغا ئالدىنىپ شۇنداق كېسىلىڭىز بولسا ھورمۇنلۇق دورىلارنى ئىستىمال قىلماڭ چۈنكى بۇ خىل راك كېسەللىرىنى قوزغاتقۇچى گېنلار جىنسىي ھورمۇنلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، ھورمۇنلۇق دورىلار كېسىلىڭىزنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋىتىشى مۇمكىن.

بۇ خىل جىنسىي دورىلارنى بىر قىسىم ئۇيغۇر تىبابىتىى تىۋىپلىرى ۋە شىركەتلىرىمۇ ساتىدىغان بولۇپ، مەن ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، خىلى كۆپ تىۋىپلار خىرىدارلارنىڭ دەرھال «قوزغىتىش» تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، كۆپ مىقداردا ھورمۇنلۇق تەركىبلەرنى قوشۇۋىتىدىكەن. ئۆتكەن يىلى لوقمان ھەكىم شىركىتى باغداش تورىدا ئېلان قىلغان «لوقمان ھەكىمدىن جاۋاب» ناملىق ماقالىسىدە لوقمان ھەكىم ماركىسىدىكى مەزى بېزى جەۋھىرىنىڭ يۈرەك كېسىلى بار كىشىلەرگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال بىر ئاز گۇمانلىق ئىدى چۈنكى ئەرلىك جىنسىي ھورمۇن تېستوستېروننىڭ يۈرەك كېسىلىنى قوزغىتىش تەسىرى بار. تېخى نەچچە يىل ئىلگىرى داڭلىق كىنو ئارتىسى، مۇسكۇل چىقىرىش چىمپىيونى شىۋاتسىنىگېرنىڭ ياش تۇرۇپلا يۈرەك ئوپراتسىيىسى قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۇنىڭ ئىلگىرى ھورمۇنلۇق دورا ئىشلەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدەك قىززىق نۇقتا خەۋەرلىرىدىن ئامېرىكىدا كىشىلەر جىنسىي ھورمۇنلارنىڭ بۇ خىل ئەكىس تەسىرى بىلەن تونۇشلۇق ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر ئاممىسى بۇ ئەھۋلنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمىگەچكە، مەن بۇ ئىش ئېنىق بوپ كەتسۇن دەپ، لوقمان ھەكىمنىڭ بۇنداق ئەسكەرتىش بېرىشىنىڭ سەۋەبىنى سورىسام پات ئارىدا جاۋاب قايتۇرىمىز دېگەن پىتى تا بۈگۈنگىچە ھېچقانداق جاۋاب چىقمىدى. ئەھۋالدىن قارىغاندا، بىر قىسىم كارخانىچىلار تور جامائىتىنىڭ پىكىرىنى كۆزگە ئىلمىسا كېرەك ياكى جاۋاب بەرسە ئۆزىگە پايدىسىز ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىىنى قاچۇرغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.

شۇنىسى ئېنىق بولۇپ كەتسۇنكى، دۇنيادا تېخى ئەزالارنى چوڭايتىدىغان دورا بارلىققا كەلمىدى. ئەرلەردىكى جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقى ۋە باشقا جىنسىي كېسەللەرنىڭ بىر قىسىم ئۈنۈملۈك دورىسى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ دورىلار ھورمۇنسىز دورىلاردۇر. بۇ خىل دورىلارنى دوختۇرغا كۆرۈنسىڭىز رىتسىپ يېزىپ بەرسە، كۆرسەتمە بويىچە ئىستىمال قىلىپ كېسلىڭىزنى داۋالىسىڭىز بولىدۇ، ئەمما قالايمىقان ھورمۇنلۇق دورىلارنى ئىستىمال قىلسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز زىيانكەشلىك قىلغان بولىسىز ۋە ئېغىر ئاقىۋەتلەر سىزنى كۈتۈپ تۇرغان بولۇشى مۇمكىن.

خانىم-قىزلارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى - ھەر خىل ئورۇقلىتىشنى ۋەدە قىلغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئىشەنچسىز مەھسۇلاتلاردۇر. دۇنيادا سېمىزلىك ھازىرقى ئەڭ جىددىي ھەل قىلىشقا تىگىشلىك كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا سېمىزلىكنى كونتىرول قىلىدىغان دورا ئىزدەش ئۈچۈن مىڭلىغان ئالىملار نەچچە يۈز مىليون دوللار خەجلەپ تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا. ئەپسۇسكى، ئۆتكەن يىلى تەستىقلانغان ئىككى خىل ئۈنۈمى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ئورۇقلىتىش دورىسىدىن باشقا، تا ھازىرغىچە ئالىملار تېخى ئۈنۈملۈك ئورۇقلىتىش دورىسى تېپىپ چىققىنى يوق. ھەر خىل ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئورۇقلىتىدۇ دېگەن ۋەدىسى ئىلمىي ئىسپاتسىز، ئاساسسىز قۇرۇق گەپلەردۇر. شۇڭا بۇنداق مەھسۇلاتلاردىن ئەڭ ياخشىسى ھەزەر ئەيلەپ، سېمىزلىكنىڭ ئۈنۈملۈك دورىسى چىققۇچە يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش، چېنىقىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئورۇقلاشنى تاللىسىڭىز بىر قەدەر مۇۋاپىق.

نەچچە يىلدىن بىرى تۇيۇقسىزلا پەيدا بولغان ھەر خىل پېپتىد ۋە ئاقسىللارغا كەلسەك، بۇلارمۇ دورا ھېسابلانمايدۇ، بەلكى بەدەنگە كېرەكلىك ئوزۇقلۇق ماددىلاردۇر. پېپتىد دېگىنى نەق شۇ ئاقسىلنىڭ قىسقا پارچىسى بولۇپ، كوللاگېنلىق پېپتىد ئاساسلىقى ھايۋانلىرى تېرىسى، سۆڭىكى ۋە باشقا يۈمشاق توقۇلمىلىرىدىن ئايرىۋىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى گلاتىن. ئامېرىكىدا نۇرغۇن كىشىلەر گلاتىنسىز مەھسۇلاتلارنىلا تاللاپ ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بىزمۇ ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغان بۇ ماددىنىڭ بار يوقلۇقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمىز چۈنكى بۇ ماددا بوپ قالسا ھالال بولماسلىق ئېھتىمالى چوڭ (ئاز بىر قىسمى باكتېرىيەدىن ئايرىۋىلىنىدۇ). ئەمدى كوللاگېنلىق پېپتىدىنىڭ ئىنچىكە تەركىبىگە كەلسەك، بۇمۇ باشقا ئاقسىللارغا ئامىنو كىسلاتالىرىدىن تۈزۈلگەن ماددا بولۇپ، چوڭ جەھەتتىن بەدەندىكى سۇنى چىقىرىۋەتكەندە ئەڭ كۆپ تېپىلىدىغان ئاقسىللارنىڭ بىر قىسىمىدۇر. ئاقسىللار كىچىك مولىكۇلالىق ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ ئۇلىنىپ پېپتىدا ھاسىل قىلىشى ۋە پېپتىدلارنىڭ ئۇلىنىپ چوڭ زەنجىرلىك ئاقسىللارنى ھاسىل قىلىشى بىلەن تۈزۈلىدۇ. كوللاگېنلىق پېپتىدلار بەدەنگە كىرگەندە ھدرولىنىش ئارقىلىق ئاساسلىقى پرولىن، گلىتسىن، ئالانىن، گلۇتامىك كېسلاتاسى ۋە ئارگىنىن قاتارلىق ئامىنو كېسلاتالىرىغا پارچىلىنىدۇ. بۇ ئامىنو كېسلاتالىرى ئوزۇقلۇق سۈپىتىدە بەدەنگە قوبۇل قىلىنىپ ئاساسلىقى تىرە ۋە سۆڭەكتە سۈمۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇندىن بۇيان، كوللاگېنلىق پېپتىد تىرە، سۆڭەك ۋە بوغۇم ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان دورا ياكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ كىلىنگەن. ئەمما بۇ ماددىنىڭ باشقا ھەر قانداق كېسەللىكنى داۋالايدىغانلىقى ياكى كېسەلگە قارشى ئۈنۈمى ئىلمىي جەھەتتىن ئىسپاتلانمىغان بولۇپ، ئەگەر بۇ ئوزۇقلۇق ماددا راستىنلا كېسەل داۋالىيالىسا ئۇنىڭ تەركىبىدە باشقا ھورمۇنلار ياكى دورىلىق تەركىبلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن. ئىچكىردە ئىشلەپچىقىرىلغان كوللاگېنلىق پېپتىدلارنىڭ شىنجاڭ بازىرىدا غايەت زور ئالقىشقا ئېرىشىشى بۇ يېمەكلىكنىڭ دورا سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. گېزىت ۋە باشقا زىيارەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يېمەكلىكنى ساتقۇچىلار خۇددىي كىشىلەرنى كېسەللىكتىن قۇتقۇزۇۋالغان پەرىشىتە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىچكىرىدىكى ئاتالمىش «جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئالىمنىڭ بىرى» ياسىغان بۇ «ھەممىگە داۋا دورا»نى ئۇيغۇر خەلقىگە مۇۋاپىققىيەتلىك ساتالىغانلىقىدىن ئالامچە پەخىرلىنىدىكەن. ئەگەر ئۇلار راستىنلا ئون كېسەلنى ئەمەس بىر كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىدىغان بىر دورا بايقىغان ۋە ئىشلەپ بازارغا سالالىغان بولسا، ئاندىن قانچىلىك پەخىرلەنسىمۇ ئەرزىيتتى.

ئەمەلىيەتتە مەيلى كوللاگېنلىق پېپتىد بولسۇن ۋە ياكى باشقا نۇرغۇن كېسەللەرنى ساقايتىۋىتىدىغان ياكى سىزنى كېسەل بولۇشتىن ساقلاپ قالىدىغان «ھەممىگە داۋا دورا» لار بولسۇن، بۇلارنى ساتقۇچىلار پەقەت باشقىلارنىڭ مېلىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈپ ئۇيغۇرغا ساتقان بولۇپ، ئۇلار دەۋالغان داۋالاش ئۈنۈملىرىگە ھەرگىزمۇ ئىلمىي دەلىل كۆرسىتەلمەيدۇ، بەلكى قانداقتۇر ئاغزاكى بايانلار ياكى مۇشۇ دورىلارنى ئىچىپ چېچى قارىداپ، ئۆزى ياشىرىپ كېتىۋاتقان ياشانغانلارنىڭ دورىسىنى ماختىغان ئېلانلىرىدىن باشقا تۈزۈكرەك مېدىتسىنا ساھەسىدە ئېتىراپقا ئېرىشكۈدەك ئىلمىي پاكىتى يوق. شۇنداق بولغانغا قارىماي، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن كاتتا ئىش قىلىپ بەرگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ ۋە ئىمانىنى پەش قىلىپ تۇرۇپ داڭلاپ ساتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مېدىتسىنادا «كاتتا بىلىملىك» داڭلىق ئارتىسلىرىمىز مۇشۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى ئېلانلاردا ماختاپ چىقىدىغان بولغاچقا، ئۇلارغا ئەگىشىدىغان خەلقىمىز تېخمۇ ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىدۇ.

دورا ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازارغا سېلىش ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، بىر ماددىنىڭ دورىلىق ئۈنۈمى بايقالغاندىن باشلاپ بازارغا چىققۇچە كەمىدە 10-15 يىل كېتىدۇ چۈنكى ئىككى باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق سىناق ئارقىلىق دورىنىڭ ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىكى باھالاپ چىقىلىشى شەرت. ئەمما ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ دورىلىق ئۈنۈمى بولۇشى شەرت ئەمەس، ھەمدە دورا كاتاگورىيىسىگە كىرمىگەچكە بىخەتەرلىكى كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزۈلمەيدىغان بولغاچقا، تىزلا ئىشلەپچىقىرىلىپ بازارغا سېلىنىدۇ، بۇنىڭ تەرتىپى ھەر خىل مېۋە شەربەتلىرىنىڭ بازارغا سېلىنىشدىن ئانچە كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەرگىز دورىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ ۋە دورىلىق ئۈنۈمى بارلىقى كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزۈلمەيدۇ. شۇڭا، ئاغرىپ قالسىڭىز دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ. ئوزۇقلۇق كەملەپ كەتكەن بولسا مۇۋاپىق باھادىكى تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەر، مېنىراللار (مەسىلەن كالتىسي، تۆمۈر دېگەندەك) ۋە ۋىتامنىلارنى سېتىۋىلىپ ئىستىمال قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇ دورا دەپ سېتىلغان ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ بەزىلىرىنى ئىستىمال قىلسىڭىز، بەلكىم دەسلىپىدە راستىنلا ئۈنۈمىنى كۆرگەندەك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن، بۇ ئەمەلىيەتتە پلاسىبو ئېففىكتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. يەنى بىر دورا تەركىبى يوق ماددا بىلەن دورىنى ئىككى توپ بىماردا سىناق قىلغاندا (بىمارلار بۇنىڭدىن خەۋەرسىز)، ئۆزىنى دورا يەۋاتىمەن دەپ ئويلاۋاتقان ئەمما دورا يوق ماددىنى يېگەن بىمارلار ئىچىدىكى بىر قىسىملىرىنىڭ كېسلىدە ياخشىلىنىش يۈز بېرىدۇ، بۇ پىلاسىبو ئېففىكتى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تەسىرنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن قىممەت پۇللۇق يېمەكلىكلەرنى دورا دەپ سېتىۋالماي ئەرزان يېمەكلىكلەرنىڭ كېسىلىڭىزگە شىپا بولىدىغانلىقىغا چىن ئىشەنسىڭىزلا كۇپايە.

ئىشقىلىپ مەيلى مەن تىلغا ئالغان مەھسۇلاتلار بولسۇن ياكى مەن تىلغا ئالمىغانلىرى بولسۇن، رەسمىي دورا ئەمەس يېمەكلىكلەرنى پالانچى كېسەلنى ساقايتۋىتىدۇ دېسە، ئۇنىڭغا كۈچلۈك گۇماندا بولۇش كېرەك. مەن ئۇيغۇر كارخانىلىرى ئىچىدە ئىلمىي تەتقىقات ئاساسىدا مەھسۇلات ئىشلەۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ كىلىۋاتقان ئەلدوست شىركىتىمۇ، يېقىندا يېتەرلىك سىناقتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپلا "ھاياتلىق جەۋھىرى ئىچىملىكى" نى ئەيدىزنى داۋلايدۇ، دەپ ئېلان چىقىرىپتۇ. ئىشقىلىپ، ھەر جاي -ھەر يەرلەردە ساغلاملىققا ئائىت مەھسۇلات ئېلانلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن، ئادەم قۇلاقنىمۇ قۇتقۇزغىلى بولماس بولۇپ كەتكەندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالىدىغان بۇ ۋاقىتتا ھەممەيلەن سەگەك بولۇشى ۋە ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشى ئىنتايىن مۇھىم. ھەر قانداق بىر مەھسۇلات بىلەن ئۇچراشقاندا ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن شۇ مەھسۇلاتقا ئائىت ئىلمىي پاكىتلارنى سۈرۈشتە قىلىڭ، ئېغىزدىكى گەپ ئەمەس تەجىرىبىدىن ئۆتكەن ئىلمىي دەلىللگە قاراپ ئىشىنىش-ئىشەنمەسلىكنى قارار قىلىڭ. بولمىسا بۇنچە كۆپ ئېلانلارنىڭ دەستىدىن قايسى بىرلىرىنى سېتىۋىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى بىلمەيلا ئۆتۈپ كېتىسىز.

بۇ ھەقتە مەن بۇ يىل 1-ئايدا ۋەتەنگە بارغىنىمدا قىسقا بىر زىيارەت قوبۇل قىلغان ئىدىم. بەلكىم پات ئارىدا تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشى مۇمكىن. يەنە كەم قالغان يەرلىرىنى كېيىنكى يازمىلىرىمدا يازارمەن. ۋاقتىمنىڭ زىچلىقى تۈپەيلى، بۇ ماقالىنى ئۈزۈپ-ئۈزۈپ نەچچە ھەپتىدە يېزىپ بولغاچقا، سەل رەتسىز چىقىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئاساسلىق مەقسەت بۇ ھەقتە بىر مەيدان مۇنازىرە قوزغاش ۋە كىشىلىرىمىزدە ئويلىنىش پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ ماقالىگە مۇناسىۋەتلىك، ئىلمىي يوسۇندىكى، پاكىتلىق ھەر خىل تەنقىدى پىكرلەرنى قوبۇل قىلىمەن، ئەمما ھاقارەت قوبۇل قىلمايمەن. يازغانلىرىمدا خاتالىق بولسا تۈزىتىش بەرسىڭىز رەھمەت ئېيتىمەن .مەن بىلەن ئالاقىلەشمەكچى بولسىڭىز، ئېلخەت قىلسىڭىز بولىدۇ (gopalwan@gmail.com).

2016-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
كالىفورنىيە، ئامېرىكا