ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
ئازاپنىڭ دورىسى
ۋاقتى : 2015-10-14 17:14:07  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

 ئازاپنىڭ دورىسى

گۆھەرقىز ئىبرايىم
 

ئىنسان- كىشىك دۇنيادىكى ھايات مۇساپىسىنى بىسىپ ئۆتكىچە چەكسىزلىگەن ئازاپ؛ ئەلەم؛ خورلۇق؛ تۆھمەت؛ بۆھتان؛ ھاقارەت؛ ئاسىلىق؛ خائىنلىق؛ تاشلىنىش؛ خارلىنىش؛ ئىغىر ھادىسە؛ ساقايماس كىسەل؛ كۆتەرگۈسىز زىيان ............قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قىسمەتلەرنى بىشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئازاپ ئوتىدا قىلدەك تولغىنىپ، بۇ خىل مۇھىتتىن قىچىپ يۇلغۇنۇپ، ھەر بىر قىسمەتتە بىردىن ئۇيغۇنۇپ، كىملەردىندۇر يىرگىنىپ، كىملەردىندۇر ئاغرىنىپ، كىملەرگىدۇر ئۆچ بولۇپ، پۇتكۈل ئازاپلارغا تەنھا تاقابىل تۇرۇپ ياشىغاندا- بۇ خىل ناچار كەيپىياتنىڭ قۇلى بولۇپ، مەنىۋىي دۇنياسىنى ئازاپ دىڭىزىغا غەرىق قىلىپ، ئۈمىت بىخلىرىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك؟ راستىنلا ئازاپنىڭ دورىسى يوقمىدۇ؟
1.ساغلام بەدەن-ساغلام پىسخىكا- ئازاپقا دۇچار بولغان ئەشۇ ۋاقىتتىكى كونتۇرۇل قىلغۇچ دورىدۇر. كونىلار « يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر» دەپ توغرائىيىتقان. ئازاپقا يولۇققان ئەشۇ ۋاقىتتا غورۇر، ئارىيەت، ئىناۋەت...........قاتارلىقلارنى كۆككە كۆتۈرۈپ ئازاپنىڭ ئۈستىگە ئازاپ يۈكلىمەي، ئۆزىنى بىسىۋىلىپ، رەھىمسىز رىياللىققا يۈزلىنىپ، ئازاپ سىنىغىنى قوبۇل قىلىپ، ئۈمىتسىزلىك كۆلەڭگۈسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆتمۇشنىڭ تەجرىبە ساۋىغىدىن باشقىنى ئۇنتۇپ، تەپەككۈر قۇشلىرىنىڭ قانىتىنى بوغۇپ قويماي، ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرۇپ، ئىگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرۈپ، يىقىلغان ئورنىدىن مەزمۇت تۇرۇشقا ساغلام روھىي ھالەت ۋە ساغلام بەدەن تەييارلاپ، ئۈمىت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەش مۇساپىسىنى كۈتىۋىلىشى كىرەك.
2.ۋاقىت-ئازاپنى ئۇنتۇشنىڭ ئالتۇن دورىسى. ئازاپنى ئۇنتۇشتا ئۆزىنى مەجبۇرلىماي، سۇكۈت بىلەن ئۆزىگە ۋاقىت بىرىپ، ۋاقىتنى قەدىرلەپ، بىرىلگەن ۋاقىتتا ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولىنى باشقا نۇقتىدىن نامايەن قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىنسانىي قەدىر قىممىتىنى يارىتىپ، كۈلۈپ ياشاشقا تىرىشىش كىرەك.
3.ئەپۇچان -سەۋرىچان بولۇش، ئازاپنى كۈلكە بىلەن قوبۇل قىلغۇزالايدىغان خىسلەتلىك دورا. كۆپ ئىشلاردا رىياللىققا يۈزلىنەلمەي، كاللىدىن ئۆتكۈزەلمەي، چۈشكۈنلىشىپ خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزۈش- نادانلىق بولۇپلا قالماستىن روھىيەتنى ھەسەت ۋە ئۆچمەنلىك بىلەن بولغاپ ئازاپلايدىغان، ئىنساننىڭ مەنىۋىيىتىگە چىچىلغان زەھەردۇر. ئەپۇچانلىق-سەۋرىچانلىق ئاچچىقتىن كىسىلگەن ئەقىلنى ئۇلاپ، ئىنساننى قوغدايدىغان، ئالدىراڭغۇلۇق ۋە خاتالىقتىن ساقلاپ ئىناۋەت تىكلەيدىغان، خۇشال ياشاشقا يول ئاچىدىغان نۇرانە دورىدۇر.
4.توغرا نىشان -ئازاپتا ئىنساننى دادىل يىتەكلەيدىغان مەنىۋىي دورىدۇر.ئىنسان ئازاپلاندى دىمەكلىك- ئىنساننىڭ ھاياتىدا يۈز بەرگەن مەلۈم بىر ئىش- ئىنساننىڭ كۆتىرەش كۈچىدىن ئىشىپ كەتتى دىگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئىنسان بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنى يوقىتىپ قويماي رەھىمسىز رىياللىققا يۈزلىنىپ، نىشاننى يىڭىدىن تەڭشەپ، بۇرۇنقىدىن مەزمۇت ئالغا قاراپ مىڭىپ، ئۆزىنىڭ ئازاپتىمۇ يىقىلمايدىغان ھەقىقى بىر ئىنسان ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ ياشىشى- دانالىقتۇر.
5.ياخشى پەزىلەت- ئىنساننىڭ كىشىلىك قەدىر قىممىتىنى كۆتۈرىدىغان، دوستلىغىنى كۈچەيتىدىغان، سەمىمىيىتىگە كىپىل بولىدىغان، ئىنسان ئازاۋىنى كىمەيتىدىغان، ئىنسان ھۇجۇدىنىڭ تەبىئى دورىسى. ئىنساننى خار قىلىدىغىنى نىيەت، ئەزىز قىلىدىغىنىمۇ نىيەتتۇر، ياخشى پەزىلەت- ياخشى نىيەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر، پەزىلەتلىك ئىنساندىن بولۇپ، ئازاپقىمۇ توغرا يۈزلىنىپ، بولمىغۇر خىيال ۋە شەيتان كۆڭۈلگە يۈگەن سىلىپ ياشىغاندا ئازاپ ئۈستىگە ئازاپ بولۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
6. نۇرمال روھىي ھالەت- ئىنساننىڭ ئازاپنى كۈلكىگە ئايلاندۇرۇپ ياشالىشىدىكى مەنىۋىي ئەڭگۈشتەردۇر. ئازاپ ئۆمۇرلۈك بولماستىن بىر قىتىملىق مەغلۇبىيەت؛ بىر قىتىملىق يوقىتىش؛ بىر قىتىملىق جۈدالىق؛ بىر قىتىملىق ئىنتاھان؛ بىر قىتىملىق..........دۇر. نۇرمال روھىي ھالەتنى ساقلاش ئىنساننىڭ ھاياتىنى قانداق داۋاملاشتۇرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، نۇرمال كىشىلەر كۇلكە ئىچىدىن كۈلكە ئىزلىسە، ئازاپقا دۇچار بولغۇچىلار ئازاپ ئىچىدىن كۈلكە، خاتىرجەمسىزلىك ئىچىدىن خاتىرجەملىك، بەخـسىزلىك ئىچىدىن بەخت ئىزلەپ، ھىرىپ چارچاش ئىلكىدە ياشايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەمراھ بولىدىغىنى چىگىش خىيال، يالغۇزلۇق، چۈشكۈنلۈك، غىرىپلىق، نامراتلىق..........قاتارلىقلار بولۇپ، بۇنىڭ ئۈستىدىن قەيسەرلىك بىلەن غالىپ كەلمىگەندە ئىنسان ھەر تەرەپتىن ھالاك بولىدۇ. ئازاپقا دۇچار بولغاندا، ئازاپنىڭ-تەڭرىنىڭ سىنىغى ئىكەنلىگىنى تونۇپ، تەڭرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىنى ئۆزگەرتىشكە ئىنساننىڭ قۇدرىتى يەتمەيدىغىننى بىلىپ، رەھىمسىز رىياللىققا توغرا يۈزلىنىپ، ئازاپ ئىچىدىمۇ دادىل -مەردانە ياشاش-ئۆزى ئۈستىدىن غالىپ كىلىشتۇر، ئەلۋەتتە ئۆزى ئۈستىدىن غالىپ كىلەلىگەن ئىنسان ئازاپ ئۈستىدىنمۇ غالىپ كىلىپ ياشىيالايدۇ.
ئۇنداقتا ئازاپنىڭ دورىسى زادى نىمە؟ ئازاپنىڭ دورىسى پەقەت سىزنىڭ ھۇجۇدىڭىز ۋە جىسمىڭىزدە بولۇپ، ساغلام بەدەن، ساغلام پىسخىكا، يىتەرلىك ۋاقىت، سەۋرىچانلىق، ئەپۇچانلىق، كەڭ قورساقلىق، توغرا نىشان، ياخشى پەزىلەت ۋە نۇرمال روھىي ھالەتتۇر.