ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشقا سەل قارىماڭ
ۋاقتى : 2015-04-23 10:30:37  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ
قانداق بولغاندا ياخشى بولغان دورىلىنىش ئىزچىللىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟



    ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاشنىڭ ئىزچىل دورىلىنىشقا بولغان تەلىپى يۇقىرى بولۇپ، ئىزچىل دورىلىنىشتىن غەلبە قازىنىشنىڭ مۇھىم ئامىلى بولسا داۋالىنىش باشلىنىشتىن بۇرۇن، بىمارغا ۋىرۇسقا قارشى دورا بىلەن داۋالاش توغرىلىق چۈشەنچە بېرىش ۋە بىمارغا ئىزچىللىق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش كېرەك. 

بىرىنچى، بىمارغا ۋىرۇسقا قارشى دورا بىلەن داۋالىنىش توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىش 

1. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش بولسا ئۆمۈرلۈك داۋالاش، بىمار ئۇزۇن مۇددەت تەلەپ بويىچە دورىلىنىشى لازىم؛ 

2. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئەيدىزنى پۈتۈنلەي داۋالىيالمىسىمۇ، ئەگەر ئۆلچەملىك داۋالاش ئېلىپ بارغاندا، ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى، تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؛ 

3. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشتا بەلكىم دورىغا قارىتا رېئاكسىيە يۈز بېرىشىمۇ مۇمكىن، ئەمما ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ، ھەمدە دورىلىنىش ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشقاندىن كېيىن دورىغا بولغان رېئاكسىيە ئازىيىپ  تۈگەيدۇ، پەقەت شۇ ئاز قىسىم كىشىلەردىلا ئېغىر بولغان رېئاكسىيە ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، بەلكىم ھاياتىغىمۇ خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.  

4. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش جەريانىدا، دورىنىڭ ۋىرۇسقا قارىتا قوشۇمچە رېئاكسىيە  قىلىش قىلماسلىقىنى ئۆلچەپ تۇرۇش ئۈچۈن، دوختۇرنى ۋاقتىدا ئىزدەپ تۇرۇش لازىم، دورىنىڭ رېئاكسىيە قىلىش سەۋەبى بىلەن دورىنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. 

ئىككىنچى، بىمارغا ئىزچىللىق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش 

1. ئىزچىللىق %95 تىن يۇقىرى بولغاندا ئاندىن داۋالاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەش. 

2. توغرا ئۇسۇلدا ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىش، پەقەت ئۆز ۋاقتىدا ئۇزاق مۇددەت مىقدار بويىچە دورىلىنىپ تۇرغاندا، ئاندىن داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈكلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. 

3. دورىنى ئۆلچەملىك ئىستېمال قىلىپ بەرمىگەندە، ۋىرۇسنىڭ دورىغا چىداشچانلىقى ئېشىپ بارىدۇ، بۇ دەماللىققا ئىپادىلەنمىگەن بىلەن، بىر قانچە ھەپتە ياكى بىر قانچە ئايدىن كېيىن ئايان بولىدۇ، ئەگەر ۋىرۇسنىڭ دورىغا چىداشچانلىقى كېلىپ چىقسا، ئۇ ھالدا كەلگۈسىدىكى ئۈنۈملۈك داۋالاشقا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

4. ئۆزىڭىزنىڭ ۋىرۇسقا قارشى دورىسىنى باشقىلارغا بەرمەڭ، چۈنكى ھەربىر بىمارنىڭ ئۆزىگە خاس داۋالاش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى بولىدۇ. 

5. دورا ئىچىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ، توختىتىۋېتىپ، ياكى ئۆزى خالىغانچە دورا ئالماشتۇرغاندا داۋالاشنىڭ مەغلۇب بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر دورا ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالسا ۋاقتىدا تولۇقلاش كېرەك، ھەرگىزمۇ كېلەر قېتىم دورا ئىچكەندە ئىككى قېتىملىق دورىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىچىشكە بولمايدۇ، ئەگەر دورىنى توختاتماقچى ياكى دورا ئالماشتۇرماقچى بولسا، چوقۇم دوختۇردىن مەسلىھەت ئېلىش كېرەك. 

6. دورىلىنىشنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنىڭ بىر ياخشى ئامالى بولسا، ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى سىز ئىشىنىدىغان بىرىگە ئېيتىپ، ئۇنى سىزگە دورىنى ۋاقتىدا مىقدارى بويىچە ئىچىشنى ئۈندەشكە سالسىڭىز بولىدۇ.