ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك كېسەللىك
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
پىسخىك كېسەللىك
ئەنگىلىيەدە «توردا مۇھەببەتلىشىش قوللانمىسى» بازارغا سېلىندى
ۋاقتى : 2018-04-25 12:14:07  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

timg.jpg

شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە قائىدە-يوسۇن يېتەكچى ئاپپاراتى دېبېرېت يېقىندا نىكاھ تونۇشتۇرۇش ئاپپاراتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەخسۇس 50 ياشتىن ئاشقان خېرىدارلار ئىشلىتىدىغان «توردا مۇھەببەتلىشىش قوللانمىسى»نى بازارغا سالدى.

18-ئەسىردىن بۇيان، دېبېرېت ئەنگلىيەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق قائىدە-يوسۇن يېتەكچى ئاپپاراتىغا ئايلانغان ھەمدە «دېبېرېت ئەنگلىيە ئاقسۆڭەكلەر يىلنامىسى»نى نەشر قىلغان. ئەنگلىيە «تېمىس گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دېبېرىېتنىڭ يېقىندا بازارغا سالغان «+50 ياشتىكىلەر ئۇچرىشىش قوللانمىسى»نىڭ تور نۇسخسى 50 ياشتىن ئاشقانلارغا «ھازىرقى زامان ئۇچرىشىشتىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش» توغرىسىدا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان، بۇ قوللانما «كومپيۇتېرنى قانداق ئېچىش» تىن تارتىپ «بۇ ئەر كىشىنىڭ نېمىشقا مەن بىلەن توي  قىلغۇسى بار» دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەرگىچە بولغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

 دېبېرېت ئەنگلىيە ياشانغانلارغا لايىق تونۇشتۇرۇش مۇلازىمىتى شىركىتى ئاۋتتايىم بىلەن ھەمكارلىشىپ، 5 بابتىن تەركىب تاپقان «ئاق چاچلىقلارنىڭ توردا مۇھەببەتلىشىش قوللانمىسى»نى بازارغا سالغان. بۇ قوللانمىدا دېبېرېت كىشىلەرگە ئۇچرىشىش يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاتقاندا چوقۇم  يېقىندا چۈشكەن سۈرىتىنى، ئەڭ ياخشىسى بىر يىل ئىچىدە چۈشكەن سۈرىتىنى چىقىرىشنى تەۋسىيە قىلغان.  قوللانمىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «سۈرەتتە باشقا ئادەملەرنىڭ بولمىغىنى تۈزۈك، بولۇپمۇ ئىلگىرىكى سۆيگىنىڭىز ياكى ئۆزىڭىزدىن چىرايلىق دوستىڭىز قاتارلىقلار بولمىغان ياخشى. بۇنىڭدىن سىرت،  ئەگەر ئۆزىڭىز ئۆزىڭىزنى سۈرەتكە تارتىشقا ئامالسىز بولسىڭىز، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ياشلاردىن ياردەم سوراڭ». ئاۋتتايىمنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، تۆتتىن بىر قىسىم 50 ياشتىن ئاشقانلار ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشقا ماھىر ئەمەس ئىكەن، 50 ياشلىقلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئون يىل ئاۋۋالقى سۈرىتى بىلەن ئالاقە تورىغا تىزىملىتىدىكەن.

 يارپ تورى تەرجىمىسى

yyyyyyyyy.jpg